تۆمۈر خەلىپە


ھۆججەت:Tomur helipe.jpg


( 1871~ 1913)

20 ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زالىملارغا ، مۇستەبىتلىككە ئېزىلىشكە قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىققان جەسۇر بوران قۇشى تۆمۈر خەلىپە ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ، قىلغان شىددەتلىك جەڭلىرى بىلەن تارىختا ئۆچمەس سەھىپە قالدۇرغان . ئۇ قۇمۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پىلتىسىگە ئوق يېقىپ بەرگەن بولۇپ بۇ قوزغىلاڭ پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان قوزغىلاڭغا ئاساس سېلىپ بەرگەن . ئۆتكۈز ئەپەندى يازغان « ئىز » رومانىدا تۆمۈر خەلىپىنىڭ يۈكسەك ئوبرازى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەنگەن .

 تۆمۈر خەلىپە 1891- يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ–ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي، 1893– يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ. بىراق قوراي يېزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ–ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى. شۇڭا، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ، 1905– يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ– دە، ياز كۈنلىرى ئاققوۋۇق سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ. لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قىيىن بولۇپ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بېرىدۇ. زېرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۈگىنىۋالىدۇ. ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت، ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ، ئېزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىددىيەتنى چۈشىنىۋالىدۇ.

1907– يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ. بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇ ھەرقېتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ: «رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا، دېھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى»دەيدۇ.

بىر كۈنى، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ. دېھقانلار «بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن–ھە، بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس………» دېيىشىپ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ.

دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر: «سىز ئوبدان ساقىيىڭ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز……» دەيدۇ. تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ. تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ، شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ. شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ.

1910– يىلى، تۆمۈر خەلىپە ئىككىنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا–ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى. مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۈەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. يۈەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چىرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ.

بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئۇ ئېپى كەلسە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ. تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر–بىرلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقىى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كېيىن، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى» دەيدۇ. تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردە تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمۈت بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى.

1912– يىلى 1– ئايدا، يۈەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەقسىتىدە، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش مەقسىتىدە بۇيرۇق بېرىدۇ. قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەخسىتىدە: «يۈەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ، مېنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن، كاللىسى ئېلىنىدۇ!» دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېساپلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ، تۆمۈر خەلپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ.

يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ. تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ. بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ، چاقماق تىزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ. شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۈەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ.

1912– يىلى 3– ئاينىڭ 11– كۈنى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەخىتتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ. 3– ئاينىڭ 27– كۈنى، يۈەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بېرىدۇ. ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېڭشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ. تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ، جۈملىدىن «شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ–ياساقلار بىكار قىلىنسۇن!» دېگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ.

ياڭ زېڭشىن بار كۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە باركۆلدىكى ھەربىي قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ. يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ، نۇرغۇن قورال غەنىمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ.

1912– يىلى 6– ئاينىڭ 5– كۈنى، يۈەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ.

يۈەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۈەن داخۇا، چيەن گۇاڭخەيلەر 6– ئاينىڭ 15– كۈنى يېڭىلىپ، ئىچكىرىگە كېتىدۇ).

جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە–مىكىر پىلانلايدۇ. ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ.

ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق، تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەتجان ھاپىز دېگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلىپىگە خەت ئەۋەتىدۇ. بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن–ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق ….» دېيىلگەن.

دەل شۇ كۈنى ياڭ زېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋىنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپىي خېتىدە :«تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، پېقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ….» (ياڭ زېڭشىن: «ئىستىغبار ھۇجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر» 2– توپلام)

تۆمۈر خەلىپە مۇھەممەتجان ھاپىزدىن: «سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟…» قاتارلىق 10 نەچچە سوئال قويىدۇ. مۇھەممەتجان ھاپىز جاۋاپ بېرەلمەي قايتىدۇ.

بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭ زېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ–شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۈەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913– يىلى 3– ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ.

لى شۇفۇ پۇقراچە ياسانغان بولۇپ، دىنى بىلىمنى ئىشقا سېلىپ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، تۆمۈر خەلىپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭ زېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ. ياڭ زېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «بىرىنجى، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دېھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى ئىككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ. ئىككىنجى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ. ئۈچىنچى، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ….» لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ. ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلىپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭ زېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ.

بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق–شۇملۇق ئىشلىتىپ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا–ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە «خەلىپە» دەپ ئاتايدۇ.

تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىي كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر–بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئېگىز گازارما بار ئىدى. بىرى، شەرقىي گازارما بولۇپ، شور بۇلاققا، يەنە بىرى غەربىي گازارما بولۇپ، دۇڭمىنغا يېقىن ئىدى.

تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقىي گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. غەربىي گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋېلىپ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. مافۇشىڭ 1913– يىلى 9– ئاينىڭ 6– كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربىي گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ. تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ. ئۇنى تۈرمىدە قىيىن–قىستاققا ئالىدۇ. خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە: «گۇناھ مەندە ئەمەس، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل–پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن. سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن» دەيدۇ–دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.

خائىن نالە–پەريات قىلغاندا، «ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ ؟…» دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا.

مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى تۆمۈر خەلىپىگە ھەربىي تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. پېشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ.

خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز، دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مېڭىپ گۇچۇڭدىكى چۈەنزىگەي دېگەن يەردىن ئۆتكەندە، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ.

تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ

مەنبەلەر

تەھرىرلەش