جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، 8- نۆۋەتلىك، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش تۆمۈر داۋامەت 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 14دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە 92 يېشىدا بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

تەرجىمھالى تەھرىرلەش

تۆمۈر داۋامەت 1927-يىلى6-ئايدا تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئالىي تېخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە. 1952-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، 1950-يىلى 5-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.

سابىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان.

1950-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسى ئىككىنچى رايون 3-يېزىسىنىڭ باشلىقى، رايوننىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى ئۆتىگەن.

1954-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە، شىنجاڭ توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، ج ك پ توقسۇن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، تۇرپان مەركىزىي ناھىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. (ئارلىقتا: مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ تەتقىقات سىنىپىدا ئوقۇغان)

1964-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

1968-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1974-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت داجەيدىن ئۆگىنىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.

1978-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (شۇ چاغدا 1 - شۇجى تەسىس قىلىنغان)، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1979-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (شۇ چاغدا 1-شۇجى تەسىس قىلىنغان)، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

1985-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان.

1993-يىلىدىن 1994-يىلىغىچە، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان.

1994-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

1996-يىلىدىن باشلاپ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

1998–يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

ئۇ ج ك پ 12-، 13-، 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8-نۆۋەتلىك، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

12-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى زالى سۈكۈتكە چۆمگەن بولۇپ، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە «يولداش تۆمۈر داۋامەتكە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، ئاستىغا يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان ئىدى. يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتى گۈل-چېچەكلەر ۋە ئارچا ئارىسىغا قويۇلغان، ئۈستىگە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ  قىپ-قىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغان ئىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەملەر بىلەن يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى،  يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ جەسىتىگە ئۈچ  تازىم قىلدى ھەمدە يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇ - بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ  ھال سورىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىمۇ باباۋشەنگە بېرىپ ئۇنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ  ئۇنىڭ جەسىتى بىلەن ۋىدالاشتى.