تۇتانخامۇن (ئەرەبچە: توت عنخ آمون، مىسىرچە: twt-ˁnḫ-ı͗mn، ئامۇننىڭ يەر يۈزىدىكى سايىسى) مىسىر فىرئەۋىنى. م.ب 1332-م.ب 1323 يىللىرى ئاراسىدا ھۆكۈم سۈرگەن.

قەبرىسى تەھرىرلەش

فىرئەۋىن تۇتانكامۇن مەقبەرىسى 1922-يىلى مىسىردىكى پادىشاھلار مەقبەرىسىدىن تېپىلغان. بۇ مەقبەرە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ تېپىلغان پادىشاھ مەقبەرىسى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەقبەرىگە كىرگەن ھەرقانداق ئادەم قارغىشقا ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن. بۇ قەبرە ئىنتايىن كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭغا ھەمدەپنە قىلىنغان ئۈنچە مەرۋايىتلارنى ئېلىش ئۈچۈن قەبرىنىڭ يېنىدىكى كاماردىن كىرىشكە توغرا كېلىدۇ. فىرئەۋىن تۇتانكامۇننىڭ مۇميا قىلىنغان جەسىتى ۋە ھەمدەپنە قىلىنغان قىممەت باھالىق بويۇملار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنغان. قەبرە ئېچىشقا قاتناشقان ئارخېئولوگلارنىڭ سىرلىق ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تارقىلىپ يۈرگەن قەبرىگە كىرگەن ھەرقانداق ئادەم چوقۇم قارغىشقا ئۇچرايدۇ، دەيدىغان ئەپسانىلەر ھازىرغىچە تارقىلىپ يۈرىدۇ.