تۇراقلىق توك :

ئېلېكتىر توكى (ياكى ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ ) يۆنىلىشى ئۆزگەرمىسە تۇراقلىق توك دىيىلىدۇ . ئۇ « _ » بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . تۇراقلىق توك ئۆتىدىغان توك يولى «تۇراقلىق توك يولى » دىيىلىدۇ . تۇراقلىق توك ئېلېكتىر بىسىمىنى تەمىنلەيدىغان توك مەنبەسى « تۇراقلىق توك مەنبەسى » دېيىلىدۇ . تۇراقلىق توك ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ مۇقىم مۇسبەت ، مەنپىي قۇتۇپلىرى بولىدۇ . شۇڭا ، تۇراقلىق توك باشتىن - ئاخىر توك مەنبەسىنىڭ مۇسبەت قۇتبىدىن مەنپىي قۇتۇپىغا قاراپ ئاقىدۇ . تۇراقلىق توك يەنە « مۇقىم تۇراقلىق توك » ۋە « ئۇرغۇلۇق تۇراقلىق توك » دەپ بۆلۈنىدۇ .

(1) مۇقىم تۇراقلىق توك : - يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدىغان ، چوڭ - كىچىكلىكى نىسپىي مۇقىم بولغان تۇراقلىق توك «مۇقىم تۇراقلىق توك » دىيىلىدۇ .

مەسىلەن : قول چىرىغىنىڭ كىچىك لامپۇچكىسىدىن ئۆتىدىغان ئېلېكتىر توكى (ياكى ئېلېكتىر بېسىمى ) نىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيلا قالماستىن ، چوڭ - كىچىكلىكىمۇ نىسپىي مۇقىم بولغان سانلىق قىممەتكە ساقلىنىدۇ . شۇڭا بۇخىل توك مۇقىم تۇراقلىق توكقا مەنسۇپ .

(2) ئۇرغۇلۇق تۇراقلىق توك : - يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدىغان ، لېكىن چوڭ - كىچىكلىكى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان توك « ئۇرغۇلۇق توك » دىيىلىدۇ