تۇردى سامساق

( 1923~ 1992)

« ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر » ، « بەش تال ئوق » « ئۆچمەس يۇلتۇزلار » قاتارلىق ئېسل ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ، ئەدەبىياتىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى تۇردى سامساق خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان يازغۇچىدۇر . ئۇ ئىجادىيەتنى كۇرەش دەپ تونۇغان بولۇپ ، ھەر بىر جۈملە يازمىسىغا ناھايىتى مەسئۇلىيەتچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان . شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەلق ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە بولغان .