تۇرغۇن ئالماس - ئاتاقلىق تارىخچى ۋە تالانتلىق شائىر.تۇرغۇن ئالماس 1924 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قەشقەر كوناشەھەرناھىيىسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ11 - كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 77 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.


دەسلەپكى يىللار تەھرىرلەش

تۇرغۇن ئالماس 1934 - يىلىدىن 1939 - يىلىغىچە، بۇلاقسۇ رايونىئۆركەش يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى.1939 - يىلى 9 - ئايدىن 1942 -يىلى 8 - ئايغىچە، ئۈرۈمچىدىكى سابىق ئۆلكىلىك پېداگوگىكا مەكتەپتە، 1956 - يىلى 6 - ئايدىن 1957 -يىلى 6 - ئايغىچە، لۇشۈن ئەدەبىيات شۆيۈنىدە ئوقۇدى.


دەسلەپكى ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى تەھرىرلەش

تۇرغۇن ئالماس 40 - يىللاردىن باشلاپلا رۇس، فرانسۇز، ئىنگلىز كلاسسىك يازغۇچىلىرى ۋە سوۋېت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئىجادى پائالىيىتىمۇ ئاشۇ يىللاردا باشلانغان. تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى شېئىرىيەتتىن باشلانغان بولۇپ،1941 - يىلى ئېلان قىلغان «قايتمايمىز» ناملىق شېئىرى شائىر ئىجادىيىتىنىڭ تۇنجىمېۋىسى ھېسابلىنىدۇ.تۇرغۇن ئالماس 1942 - يىلى 8 - ئايدا، سابىق ئۆلكىلىك پىداگوگېكا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قاراشەھەر ناھىيىسىنىڭ دەنزىل يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر بولدى. 1943 - يىلى گومىنداڭچىلارنىڭ ھەقىقەتكە قارشى تۆھمەت بىلەن تولۇپ - تاشقان «نۇتۇق» لىرىغا قارشى چىققانلىقى ۋەياشلار ئارىسىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ فاشىستىك دىكتاتۇرىسىغا قارشى دادىل تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

بۇ دەۋىردىكى ئىجادىي پائالىيەتلىرى

بۇ بىر مەزگىللىك تۈرمە ھاياتىدا ئۇ «تۇتقۇن»، «غېرىب موماي»، «جەمىلە»، «ئازادلىق مەشئىلى»، «ئىككى تامچە ياش»، «چوپان» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئازادلىققا بولغان تەشنالىقىنى ۋەكۈنلەرنىڭ بىرىدئە ئازادلىق تېڭىنىڭ ئاتىدىغانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىنىئىپادىلىدى.تۇرغۇن ئالماس 1946 - يىلنىڭ بېشىدا، قاماقتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن،ئۆز يۇرتى قەشقەرگە پىيادە يېتىپ بېرىپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيىسىدىكى بىرباشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىقىغا مىڭبىر مۇشەققەتتە ئېرىشكەن. شائىر بۇ مەزگىلدە «تەنلىرىم ياپراق»، «ياشلىقىم»، «ئانا تۇپراق ئۈچۈن» قاتارلىق يالقۇنلۇق ئىنقىلابىي شېئىرلارنى يېزىپ، خەلق ئاممىسىنىگومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشىي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇنىڭ «تەنلىرىم ياپراق» ناملىق شېئىرى خەلق ئارىسىدا ناخشا قىلىپئېيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىگە تارالدى.

1946 - يىىلى 6 - ئاينىڭ 15 -كۈنى ''«11 ماددىلىق بىتىم»''(گومىنداڭ دائىرىلىرى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بىتىم) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلقى(ئاساسەن گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقى) نىڭ ھاياتىدا قىسقامۇددەت ئۆمۈر سۈرگەن دېموكراتىيە، تىنچلىق مەزگىلى باشلاندى. تۇرغۇن ئالماس بۇ ۋاقىتتا قەشقەردىكى ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈش كۇرسىغامۇدىر، قوشئۇمچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىننىڭ تەرتىپ مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەندى. بۇ مەزگىلدە شائىر ئۆزىنىڭ «ئۈمىدلىك خىيال»، «جەنۇب ساداسى»، «مۇڭلىرىم» قاتارلىق شېئىرلىرى ئارقىلىق خەلقنى گومىنداڭ فاشىستلىرىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدئۇرۇپ تاشلاشقا چاقىردى.1947 - يىلى 5 - ئايدا،ئەخماتجان قاسىمى، جاڭ جىجۇڭلار جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگەكەلگەندە، تۇرغۇن ئالماس ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان خەلق ۋەكىللىرى تەركىبىدە جاڭ جىجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خەلقنىڭ ھەققانىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردا ئاق تېررورلۇق يەنە ئەۋج ئالدى. مانا شۇنداق خەتەرلىك پەيتتە شائىر «ساتقۇنغا ئۆلۈم» ناملىق جەڭگىۋارشېئىرىنى يېزىپ، جياڭ كەيشىنى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي غالچىلىرىنى ئاشكارادۇمبالىدى.گومىنداڭ دائىرىلىرى 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كېچىسى، قەشقەردارىلمۇئەللىمىننى قورشاپ، تۇرغان ئالماسنى تۇتقۇن قىلىپ، سابىق گومىنداڭ 42 -جۈنىنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى ھەربىي قاماقخانىسىغا قامىدى. گومىنداڭ سوراقچىلىرى شائىرنى قاتتىق قىيىن - قىستاققا ئېلىپ، ۋەھشىيلەرچە قىيناپبويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قىلچە تىز پۈكتۈرەلمىدى. ئۇ سولاقتا ياتقان چاغلىرىدىمۇ «گۈزىلىم» قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ،ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىقى بىلەن سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىگە يۈزلىنىشى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك بېسىمىنەتىجىسىدە، گومىندانگ ئەكسىيەتچىلىرى 1949 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شائىرنىقاماقتىن بۇشىتىشقا مەجبۇر بۇلدى. تۇرغۇن ئالماس شۇيىلى 8 - ئايدا غۇلجىغا كېلىپ تاكى ئازادلىققىچە «ئالغا» گېزىتىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلىدى.

1950دىن كىيىنكى ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى تەھرىرلەش

ئازادلىقتىن كېيىن، 1950 - يىلىدىن 1953 يىلى 7 - ئايغىچە،قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە مەسئۇل خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.1953 - يىلى 7 - ئايدىن 1990-يىىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەھرىرلىك، تەرجىمانلىق ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋەئاخىرىدا تارىخ تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلدى.

تۇرغۇن ئالماس ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن بۇيان، ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ژانىرلىرئىدا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يازغاندىن تاشقىرى، ئۇيغۇرئەدەبىياتى تارىخى ۋە ئۇيغۇر تئارىخىغا دائىر خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازدى. تۇرغۇن ئالماسنىڭ «تارىم شاماللىرى»، «تاڭ سەھەر» ناملىق شېئىرتوپلاملىرى، «قىزىل بايراق» پوۋېستى، «پىچاق» درامىسى نەشرقىلىندى.ھەمدە «قىزىل بايراق» ناملىق پوۋىستى 1955 - يىلى شىنجاڭدائۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلئەرنى باھالاشتا 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن تاشقىرى خىتاي، ئىنگلىز، رۇس تىللىرىغا تەرجىمە قىلىندى. «پىچاق» درامىسى «جۇڭگو شىجۈي» نەشرىياتىدا 1958 - يىلى خەنزۇچە ئايرىم كىتاب بولۇپ نەشر قىلىندى.

تۇرغۇن ئالماس ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتىغا دائىر 40 پارچە ئىلمىيماقالە يازدى، بۇ ماقالىلەر «تارىم»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، « قەشقەر پېداگوگىكاشۆيۈەنى ئىلمىي ژۇزنىلى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى»، «مىللىي يازغۇچىلار» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. تۇرغۇن ئالماس خەنزۇ تىلى - يېزىقىنى مۇكەممەل بىلگەندىن تاشقىرى،رۇس، تۈرك تىللىرىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ.تۇرغۇن ئالماس ھاياتىدا باش تەتقىقاتچى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەرئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومرايونلۇق شۆبىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، «قۇتادغۇبىلىگ» ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەردە بولغان.

تارىخ تەتقىقاتلىرى تەھرىرلەش

تۇرغۇن ئالماس 1980- يىلىدىن باشلاپ «ھونلارنىڭ قىسقىچەتارىخى»، «ئۇيغۇرلار»، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقى»، «تۈركلەر»، «قەدىمكى ئۇيغۇرئەدەبىياتى» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەرنى يازدى.ئۇنىڭ «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسىرى گېرمانىيىنىڭ ھامبورگدا نېمىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان بولسا، «قەدىمكى ئۇيغۇرئەدەبىياتى» ناملىق ئەسىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىىلنئىپنەشر قىلىندى.1990 - يىلى ئەتىيازدا تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، «ھونلارنىڭ قىسقىچەتارىخى» ۋە «قەدىمكى ئۇيغۇرئەدەبىياتى» قاتارلىق ئۈچ كىتابى چەكلىنىپ، پۈتكۈل شىنجاڭ بويىچە «ئۈچ كىتاب»نىتەنقىدلەش ھەركىتئى قوزغالدى.

ھاياتىنىڭ يېرىمىنى جاپالىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقاتئىشلىرىغا بېغىشلىغان بۇ پېشقەدەم تارىخچى ۋە شائىر 2001 - يىلى 9 - ئاينىڭ11 - كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 77 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.


پايدىلانغان مەنبەلەر تەھرىرلەش