تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى

تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى

مەلۇم جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپىقىرىش تەرەققىيات باسقۇچىدا ، ئاھالىلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشتا كىرەكلىك بولغان تاۋار ۋە ئەمگەك مۇلازىمەتنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئىشلىتىش دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ . تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ مەزمۇنى  : 1. ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسى ، 2. ئىستىمال سەۋىيەسى ، 3. ئىستىمال قۇرۇلمىسى ، 4. ئەمگەكنىڭ ئىجتىمائىي شارائىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى 5. ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسس ،سۈپىتى 6. دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئىگەلىگەن سانلىق نىسبىتى 7. سەھيە ساغلاملىقى ۋە مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى ... تۇرمۇش سەۋىيەسى بولسا ئاھالىنىڭ ماددى تۇرمۇشۋە مەنىۋىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئالاقىدار بىر قاتار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئۆلچەم كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ . 1953 -يىلى ب د ت تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسى ئۆلچەم سېستىمىسى ۋە خەلقئارالىق سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى يېزىپ چىققان . 1978 - يىلى تۇرمۇش ئىستىمال سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان 12 تۈرلۈك ئۆلچەمنى كۆرسەتكەن . 1. تۇغۇلۇش نىسبىتى ، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە نوپۇس ئىلمىدىكى باشقا نىسبەت ئالاھىدىلىكلەر

2. سەھيە داۋالاش شارائىتى

3. يىمەكلىك ئىستىمالى

4. ئولتۇراقشلىىش شارائىتى

5. مائارىپ ۋە مەدەنىيەت

6. ئەمگەك شارائىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى

7. ئاھالىلارنىڭ كىچىم -چىقىمى

8. تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئىستىمال بۇيۇم باھاسى

9. قاتناش تىرانسىپورت قوراللىرى

10. دەم ئېلىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى

11 ئىجتىمائىي كاپالەت

12.ئىنسانىي ئەركىنلىك

ھەرقايسىسىدا ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆلچەم كۆرسەتكۈچى قوللىنىلىدۇ . مەسلەن : پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرچە كىرىم كۆرسەتۈچى ، ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچى ، ئەمەلىي ئىستىمال سەۋىيەسى كۆرسەتكۈچى ، پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمۈر ۋە باشقا نوپۇس ئىلىم كۆرسەتكۈچى ، ئاندىن سىتاتىستىكا ئىلىمىدىكى Engel's Coefficient ئېنگىل كۆرسەتكۈچى ۋە calorie كالورى ياكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش كۆرسەتكۈچى

Engel's Coefficient ئېنگىل كۆرسەتكۈچى بولسا يىمەكلىك ئوزۇقلۇق چىقىمىنىڭ يەككە شەخىسنىڭ ئىستىمال چىقىمىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى . calorie كالورى ياكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش كۆرسەتكۈچى

12--16 ياشقىچە قىزلار 2200 --2400 كالورىي

13--19 ياشقىچە ئوغۇللار 2400--2900 كالورىي

30 ياشتىن تۆۋەن ئاياللار 2100--2700 كالورىي

40 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر 2400--3200 كالورىي 60 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر 1900--2100 كالورىي[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش