ئۇيغۇرلاردا بىر ئائىلە ئەزالىرى يەنى قانداش جەمەت بىرلىكى ئاساسىدىكى تۇغقانلار ئەجداد تەرتىپى، ئەۋلاد تەرتىپى، ياش تەرتىپى بويىچە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

1) ئەجداد تەرتىپى بويىچە: تەھرىرلەش

ئۇيغۇرلاردا ئەنئەنە بويىچە ئەجداد تەرتىپىنىڭ خاس نامى ۋە شەخس ئىسمى يەتتىنچى ئەجدادقىچە خاتىرىدە تۇتۇلىدۇ: ①دادا(ئاتا)، (ئانا) (ئاپا)؛ ②چوڭ دادا (ئاتا)، چوڭ نانا (ئاپا)؛③بوۋا (م) موما (م)؛ ④چوڭ بوۋام (م) چوڭ موما(م)؛ ⑤ئۇلۇغ بوۋا(م) ئۇلۇغ موما(م)؛ ⑥بەشىنچى ئەجدادتىن يەنى ئۇلۇغ بوۋىدىن يۇقىرىدىكىلەر ئۇلۇغ بوۋامنىڭبوۋىسى ياكى ئالتىنى، يەتتىنچى بوۋام دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇرۇن ئالتىنچى، يەتتىنچى ئەجدادنىڭ خاس نامى بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگۈچە ئۇنتۇلغان بولسا كېرەك. شۇنىڭدەك ھازىر ئۈچىنچى ئەجدادلىرىدىن يۇقىرى ئەجدادىنىڭ خاس نامى شەخس ئىسىملىرىنى تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلار ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى.

2) ئەۋلاد تەرتىپى بويىچە: تەھرىرلەش

ئۇيغۇرلاردا دادا جەمەت ئەۋلادى ئالتە بوغۇمدا يەنى ئالتە ئەۋلادىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلار: ①ئوغۇل، قىز، ②نەۋرە، ③ئەۋرە، ④چەۋرە، ⑤پەي نەۋرە، ⑥كوكۇن نەۋرە دېيىلىدۇ. نەۋرە ئوغۇل نەۋرە، قىز نەۋرە دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3( دادا، ئانا جەمەت بويىچە: تەھرىرلەش

دادا، ئانىسىنىڭ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تاغا ياكى ئاغا، ئاكا، ھامما دەپ پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئەمما ئادەتتە يېقىنلىق، مېھرى ھۈرمەت ئېتىبارى بىلەن ئۇلارنىڭ شەخس ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا دادا(م)، ئانا(م)، ئاپا(م) سۆزى قوشۇلىدۇ. بەزى رايونلاردا دادىنىڭ ئاكىسى چوڭ ئاتا، ئۇكىسى كىچىك ئاتا؛ ئانىنىڭ ئاچىسى چوڭ ئاپا، سىڭلىسى كىچىك ئاپا دەپمۇ يۈرگۈزۈلىدۇ.

4) قۇدا تۇغقان ناملىرى: تەھرىرلەش

پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن شەكىللەنگەن غەيرىي قانداش سىستېمىسى ئاساسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەت <قۇدا تۇغقان> دېيىلىدۇ ۋە خاس نام بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

①ئوغۇل ۋە قىز تەرەپ ئاتا - ئانىلىرى قۇدىلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بولغاندا ئەر (ئەركەك) قۇدا، ئايال (چىشى) قۇدا دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ②ئوغۇلنىڭ ئايالى <كېلىن ياكى كېلىن بالا> قىزنىڭ ئېرى <كۈيە ياكى كۈيئوغۇل> دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ئەمما ئوغۇل تەرەپ ئادەتتە كېلىننى ئائىلىنىڭ رەسمىي ئەزاسى سۈپىتىدە <قىزىم ياكى بالام> دەپ ئاتايدۇ. قىز تەرەپ بولسا، كۈيئوغۇلنى <ئوغلۇم ياكى بالام> دەپ ئاتايدۇ. ③ئوغۇلنىڭ ئايالىنىڭ شۇنىڭدەك، كېلىننىڭ ئېرىنىڭ دادا (ئاتا)سى، ئانا (ئاپا)سى، <قېيىن ئاتا>، <قېيىن ئانا> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە دادا (ئاتا) ئانا (ئاپا) دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ④كۆپ پەرزەنتلىك ئائىلىلەردە چوڭ ئوغۇلنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئۇكا، سىڭىللىرى تەرىپىدىن <يەڭگە> ياكى <ئېگىچە>، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولسا <ئايلا> دەپ ئاتىلىدۇ. كېلىنلەر ئارىدىن چوڭلىرىنى ئاكا ياكى ئاغا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا <موللاكا>، <ئاچا> ياكى <ھەدە>، <ئايلا>؛ كىچىكلىرىنى <ئۇكام>ش <سىڭلىم> دەپ ئاتايدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئاكا - ئۇكىنىڭ ئاياللىرى ئۆز ئارا <ئېپى يەڭگە> دەپ ئاتىشىدۇ. ⑤ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئاكا - ئۇكىسى <قېيىن ئاغا>، <قېيىن ئىنى>، ئاچا - سىڭىللىرى <قېيىن ئېگىچە>، <قېيىن سىڭىل> دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە بولسا، ئاكا ياكى ئاغا، ئاچا، ئىگىچە ياكى سىڭىل دەپ يۈرگۈزۈلىدۇ. ⑥بىر ئائىلىدىن ياتلىق بولغان ئاچا، سىڭىلنىڭ ئەرلىرى شۇنىڭدەك ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللىرى ئارىسىدا قۇدىلاشقانلارمۇ <باجا> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى <قايچا قۇدا> دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قۇدا تۇغقانلاردىن ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ئۆزئارا قاتتىق ھۈرمەتلىشىدۇ. بۇ <قۇدا كەلدى، خۇدا كەلدى>، <كۈيئوغۇل كەلدى، خان كەلدى> دېگەن تەمسىلدە ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. ⑦پەرزەنتلەرگە ئائىت خاس نام: يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بىر جان ئىگىسى بىر تۇتاش <بالا>، جىنسىي پەرقىگە قاراپ <ئوغۇل>، <قىز> دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقۇچە <بوۋاق>، <قىز> دەپ ئاتىلىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ يېشىغا توشقىچە <بوۋاق>، ئالتە - يەتتە ياشلىق بالىلار <نارەسىدە>، يەتتە - سەككىز ياشتىن 11 - 12 ياش ئارىلىقىدىكى بالىلار يەنى ئۇششاق يېشىدىكى بالىلار <ئۆسمۈر> دەپ ئاتىلىدۇ. بىر قېتىملىق تۇغۇتتا تۇغۇلغان ئىككى بالا <قوشكېزەك> دەپ ئاتىلىدۇ. ⑧نەۋرىلەر: بىر جەمەتتىن بولغان نەۋرىلەر ئادەتتە تۇغقان دەپ يۈرگۈزۈلسىمۇ، ياش تەرتىپى بويىچە يەنىلا <نەۋرەئاكا>، <نەۋرە ئىنى>، <نەۋرە ئاچا ياكى نەۋرە ھەدە>، <نەۋرە سىڭىل>دېگەن خاس نام ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تۇغقان ئۇقۇمىنى بىلدۈرىدىغان دادا، بوۋا، ئانا (ئاپا)، ئاكا - ئۇكا (ئىنى)، ئاچا - سىڭىل، يەڭگە، ئايلا، بالا، قىز، ئوغۇل قاتارلىق ئاتالغۇلار ئادەتتە يېقىنلىق، مېھرى - ھۈرمەت ئىپادىسىدە يەنە كەڭ قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، قولۇم - قوشنا، يارۇ - بۇرادەرلەر ئۆز ئارا ئۆزىدىن چوڭلارنى - ئەرلەرنى بوۋا، دادا، ئاكا؛ ئاياللارنى ئانا ( ئاپا) ئايلا، ئاچا، يەڭگە؛ كىچىكلەرنى ئۇكام، ئىنىم، بالام، ئوغلۇم، سىڭلىم، قىزىم دەپ ئاتايدۇ. ناتونۇش كىشىلەر مەلۇم زۆرۈرىيەت تۈپەيلى ئۇدۇل كەلگەن بىرىدىن گەپ سوراش توغرا كەلگەندە قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي پەرقى بويىچە قىياسەن ياش - قۇرامىغا قاراپ يۇقىرىدىكى ناملاردا چاقىرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا دىنىي زاتلارنىڭ ئاياللىرى <قۇشناچ>، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاياللىرى <ئاغچا> دەپ ئاتىلىدۇ.