«ئىنجىل. ئەھدى ئەتىﻒ بىبلىيسى» نىڭ بېشىدىلا تەڭرىنىڭ دۇنيانى ياراتقانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت بار، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئەجدادى بولمىش ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا ئىلاھنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، چەكلەنگەن مېۋىگە ئوغرىلىقچە ئېغىز تېگىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئەدىن (باغى ئېرەم)دىن قوغلانغانمىش. «ئىنجىل» دا مۇشۇ رىۋايەت ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى «تۇنجى گۇناھ» نى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ كېيىنكىلەرگە ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس قالىدۇ، ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقمۇ گۇناھكاردۇر، دېگەن قاراش تەرغىب قىلىنىدۇ.

خرىستىئان دىنىدىكى تۇنجى گۇناھ تەلىماتى كىشىلەرنى دۇنيادىكى جىمى جەبىر - جاپانى باشقىلار پەيدا قىلغان ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى باشتىلا گۇناھنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ قويغان، شۇڭا ئىنسانلار ئۆزىگە تايىنىپ گۇناھتىن ساقىت بولالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىگە قادىر تەڭرىگە تايىنىشتىن باشقا ئامال يوق، دېگەن قاراشقا ئىشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. خرىستىئان دىنىدا يەنە مېھرىبان تەڭرى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئوغلى ئىيسانى ئىنسانلارنى قۇتقۇزغىلى ئەۋەتكەنىدى، ئىيسا ئىنسانلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربان بولدى. شۇڭا، ئىيساغا ئىشەنگەندىلا ئاندىن تۇنجى گۇناھتىن ساقىت بولغىلى بولىدۇ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىش مەڭگۈ نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ئاساسى، دەپ قەيت قىلىنىدۇ. تۇنجى گۇناھ تەلىماتى خرىستىئان دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۆزىگە مۇرت توپلاشتىكى مۇھىم نەزەرىيىسىدۇر.