تۇڭگۇزباش قەدىمى شەھرى

توقسۇ ناھىيىسى بازىرىنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىغا 44كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا يۇلغۇنلار بىلەن ئورالغان تاشلىۋېتىلگىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان بىر قەدىمكى شەھەر خارابىلىقى بار بولۇپ ، تامتوغراق يېزىسىنىڭ چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان ، مانا بۇ خارابىلىق تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىلىقىدۇر . بۇ خارابىلىق تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ ، نۆۋەتتە مەملىكەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،ئىگىزدە تۇرۇپ بۇ شەھەر خارابىلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا نەزەر سالغاندا ئون نەچچە چوڭ كىچىك شەھەرلەر ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ خارابىلىقىنى كۆرگىلى بولارمىش ، بۇلار يۇلتۇزلارغا ئوخشاش تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىنى ئايلانغاندا تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىنى مەركەز قىلغان قەدىمقى زامان مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىگىنى كۆرگىلى بولارمىش . ئۇنداقتا بۇ خىل ھادىسە بىر خىل تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىش ھادىسىمۇ ياكى كۆرۈش سېزىمىنىڭ خاتالىقىمۇ ياكى كىشىلەرنىڭ كۈرۈۋاتقىنى تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتىمۇ ؟ مەن بۇ يىل يازدا بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىلىقى ۋە ئەتراپىدىكى باشقا خارابىلىكلەرنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.

تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىنىڭ كۆرۈنۈشى تۇڭگۇزنىڭ بېشىغا ئوخشىغاچقا ، خەلق ئارىسىدا تۇڭگۇزباش شەھىرى دەپ ئاتالغان . تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىنىڭ كۆلىمى چوڭ ، ساقلىنىشى بىر قەدەر مۇكەممەل بولۇپ ، شەھەرنىڭ شەرقى بىلەن غەربىنىڭ ئۇزۇنلىقى250 مېتىر ، جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ كەڭلىگى 230 مېتىر ، ئايلانما ئۇزۇنلىقى 960 مېتىر كېلىدۇ .

19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەتئەتلىك ئارخېئولوگلار ۋە ئېكىسپېدېتسىيەچىلەر تارىم ئويمانلىقىغا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە كەلگەندە تۇڭگۇزباش قەدىمكى شەھىرىگىمۇ كەلگەن .ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ئارخېئولوگى خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى ئەڭ بۇرۇن تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىگە كەلگەن ئارخىلوگلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ ‹‹ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى ›› ناملىق ئەسىرىدە : تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە شەھەر ، شەھەرنىڭ سېپىل تېمى كېسەك قۇرۇلمىلىق بولۇپ ، كەييۈەن خەتلىك مىس پۇللار ۋە ساپال پارچىلىرى چېچىلىپ تۇرىدۇ ، بۇنىڭدىن تۇڭگۇزباشنىڭ بىر سىياسىي مەركىزىي رايون ئىكەنلىكىنى كۈرۈۋالغىلى بولىدۇ . خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىدىن تېپىلغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە دالى يىلنامىسى يېزىلغان كەمتۈك قەغەز ، لىمىڭدانىڭ ئاشلىق ئۆتنە ئېلىش ھۆججىتى ، بەيسۇنىڭ نەشپۈتلىكنى ھۆددىگە ئېلىش ھۆججىتى ۋە كەييۈەن خەتلىك مىس پۇللار ھەمدە تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسەن مۇشۇنداق يەكۈننى چىقارغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى بەزى مۇتەخەسىسسلەر ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى تەكشۈرۈپ ئوخشاش يەكۈننى ئوتتۇرغا قويغان . ئۇقۇشۇمچە ، خۇاڭ ۋېنبى قاتارلىق ئارخېئولوگلار چەكلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە قازغاندىن باشقا ھازىرغىچە تۇڭگۇزباش قەدىمكى شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خارابىلىقلارنى رەسمىي قېزىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمىتى ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلمىغان ئىكەن .

1992–يىل 3–ئايدا تۇڭگۇزباش قەدىمكى شەھرى خارابىلىقىدىن بىر قېتىمدىلا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەئەللۇق خەنزۇچە دالى يۈەنباۋ  ، جىيەنجۇڭ تۇڭباۋ ، چيەنيۈەن تۇڭباۋ ، كەييۈەن تۇڭباۋ دېگەن خەتلەر چۈشۈرۈلگەن ئۈچ مىڭ تالدىن ئارتۇق مىس پۇل تېپىلغان بولۇپ ، بۇ پۇللار توغرىسىدا جۇڭگو پۇل ئىلمىي جەمئيىتىدىن ۋاڭ يوڭشېڭ ئەپەندى‹‹جۇڭگو پۇللىرى››ناملىق خەنزۇچە ژورنالىنڭ 1996–يىللىق 3–سانىدا ‹‹دالى يۈەنباۋ ۋە جيەنجۇڭ خەتلىك پۇللارنىڭ قۇيۇلغان ئورنى ھەققىدە››دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

يېقىنقى يىللاردا كىشىلەر تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىلىقىغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان تاشتۇر ئەتراپىدا قۇمغا كۆمۈلمەي قالغان شاخلارنى بايقىغان بولۇپ ، 2005–يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ پىڭ قاتارلىق كىشىلەر بۇ شاخلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ شاخلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە ئۈزۈم تېلى ئىكەنلىكى ، قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان جايلارنىڭ ئىچىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت ئۈزۈمزارلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

‹‹كونا تاڭنامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە : كۈسەن بەگلىگىدە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلىنىدۇ ، بايلارنىڭ ئۈيىدە بىر نەچچە يۈز ئىدىش ھاراق ساقلىنىدۇ دەپ خاتىرلەنگەن . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، توقسۇ ، شايار ۋە كۇچا قاتارلىق ناھىيەلەردىكى خارابىلىقلاردىن يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان نۇرغۇن چوڭ ئىدىشلەر تېپىلدى ، تەتقىقاتلار بۇ چوڭ ئىدىشلەرنىڭ ئاشلىق ياكى ھاراق ساقلايدىغان ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى .

تاڭ سۇلالىسى دەۋرى — ئېلىمىز فېئوداللىق جەمئيىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ، جىنگۈەننىڭ 22–يىلى تاڭ سۇلالىسى كۈسەندە ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ، خوتەن ، سۇياب ، سۇلى ۋە كۇسەن قاتارلىق بەگلىكلەرنى ئىدارە قىلغان بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى 150يىل ئىدارە قىلىش داۋامىدا يىپەك يولى سودىسى راسا گۈللەنگەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەربىي يۇرتتا بوز يەر ئېچىش ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى باسقۇچقا يەتكەن . ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى جايلاشقان جاي توقسۇنىڭ زىمىن تەۋەلىگى بولۇپ ، ئارخېئولوگىيەدە ئىسپاتلىنىشىچە ، ئەينى ۋاقىتتا ئەنشى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ مەركىزىي رايونى ھازىرقى تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىلىقى بولۇپ ، تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھرىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرىدىغان ئەسكەرلەر كۆپ بولغاندا 30مىڭغا ، ئۇرۇش ئاتلىرى 2700گە يەتكەن ، بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش كۆلۈمىنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالغىلى بولىدۇ.

2010–يىلى ئاۋغۇستتا ، توقسۇ ناھىيەسى كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ، ناھىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئەينى ۋاقىتتا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن خارابىلىقلارنى ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىپ ، بۇ ناھىيەنىڭ 3 مىڭ كىۋادىراتكىلومېتىر دائىرسىدە خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنىڭ تەخمىنەن 100مىڭ موغا يېتىدىغانلىقىنى بېكىتتى . ئۈچىنچى قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىدە توقسۇ ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدە 51ئورۇندا خەن،تاڭ دەۋرىگە ئائىت قەدىمكى شەھەر خارابىلىقى،تۇرا ۋە بۇددا دىنى ئىبادەتخانلىرىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى.

توقسۇ ناھىيەسىنىڭ پەن – تېخنىكا خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىمى شىڭ چۇن لىن مۇنداق دېدى : ناھىيەمىز نۆۋەتتە تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرى خارابىلىقىنى مەركەز قىلغان ھالدا تەخمىنەن 200 كىۋادىراتكىلومېتىر كۆلەمدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خارابىلىقى باغچىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ ، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلىيلىشىپ قالسا تارىم ئويمانلىقى تارىخىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى قايتا نامايەن بولىدۇ.

دېمەك ، تۇڭگۇزباش قەدىمىي شەھىرىدىن تېپىلغان قەدىمىي پۇللار قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۈگۈنكى كۈندە تاڭ سۇلالىسىنىڭ دالى ۋە جىيەنجۇڭ يىللىرىدا كۈسەن رايونىنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنىڭ ناھايىتى مۇقىم ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ، قول ھۈنەۋەنچىلىك ، تاۋار سودىسى ، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنىڭ نورمال داۋاملاشقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمكى كۈسەن رايونىنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تارىخى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشتىكى بىرىنچى قول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.