تۇۋالار (توباسلار)

تۇۋالار (توباسلار): تۇۋالار توققۇز ئوغۇزلارنىڭ تەۋە قەبىلە بولۇپ، بايقال كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، يەنى ھازىرقى رۇسيە فېدېراتسىيىسى تەۋەلىكىدىكى تۇۋا ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىگە جايلاشقان، ئۇلار تۇۋا (توباس)، مىلى(弥列)، گېئېجى (哥饿支) قاتارلىق ئۈچ قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە: «تۇۋالار يەنە توباسلارمۇ دېيىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېرىنىڭ شىمالىدا بايقال كۆلى، غەربىدە خاككاسلار (يەنى قىرغىزلار، جەنۇبىدا ئۇيغۇرلار بار، ئۈچ قەبىلىگە بۆلۈنىدۇ»[27] دېيىلگەن. «ئومۇمىي قامۇس» 199-جىلدتا: «تۇۋالار تېلىلارنىڭ ئايرىم ئۇرۇقى، يېرى جەنۇب تەرەپتە، ئۇيغۇرلار يېرىگە (يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي بارگاھىغا) ئون ئۈچ كۈنلۈك يول كېلىدۇ» دېيىلگەن. «يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»دە، قىرغىزلارنىڭ «شەرقىدە چاڭغىچى تۈركلەرنىڭ ئۈچ قەبىلىسى بار، ئۇلارتۇۋا، مىلى، گېئېجىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرى ئېركىن دەپ ئاتىلىدۇ. قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرىدا ئۆيلىرىنى ياپىدۇ، ئېسىل ئاتلىرى كۆپ، مۈز ئۈستىدە چاڭغا تېيىلىشقا ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان»[28] دېيىلگەن. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر خانلىقى مىلادىيە 750-يىلدىن 751-يىلغىچە تۇۋالار رايونىنى بويسۇندۇرغان. 750-يىلى يازدا، مويۇنچۇر قارا قاغان (747-759-يىللار) تۇۋادا ھەربىي قورغانلارنى تەسىس قىلغان، كۈزدە يەنە قوشۇن تۇرغۇزغان. شۇنىڭدىن كېيىن تۇۋا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەربىي شىمالىي رايونىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رۇس ئارخېئولوگلىرى ۋە مىللەتشۇناسلىرى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «تاكى ھازىرغا قەدەر بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنى بەزىدە تۇۋالار دەپ ئاتىسا، بەزىدە يەنە ئۇيغۇر دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆز تىلىنى ئۇيغۇر تىلى دەيدىغان ئورانخايلارمۇ بار»[29] دېگەن. ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، تۇۋالار زېمىنى ئەينى دەۋردە ئون ئۇيغۇرلارنىڭ مەركەزلىك تارقىلىپ ياشىغان جايلىرىنىڭ بىرى بولغانىكەن.