تۇ يوۋ يوۋ پىروفېسسور 1930-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان، جوڭگونىڭ داڭلىق دورىشۇناسى، 1971-يىلى تۇ يوۋيوۋ بەزگەك كېسىلىنى داۋالىيالايدىغان «كۆك ئەمەن ماددىسى» نى بايقىغان، 2011-يىلى 9-ئايدا تۇ پروفېسسور بۇ بايقاش سەۋەبلىك «لاسك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى 2015-يىلى 10-ئايدا تۇ پروفېسسور نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى بولسا، بەزگەك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆك ئەمەن ماددىسى بەزگەك بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، يەر شارىدىكى بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

تۇ يوۋ يوۋ