تۈركىستان كېچىلىرى (رومان)

مىسىرلىق ئەدىب، دوختۇر نەجىب ئەلكەيلانىي تەرىپىدىن 1971 - يىلى يېزىلغان روماندۇر. ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز ئورنىدىكى قىسمىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ئەدىب كەيلانىي ھەجگە بارغىنىدا تۈركىستانلىق بىر بۇۋاينىڭ ھىكايىسىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايدۇ. ھېكايە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان خوجانىياز ھاجى يېغىلىقى بىلەن باشلاپ ئوسمان باتۇرنىڭ كۈرەشلىرى ۋە ئاقىۋەتتە يەنىلا قىزىل خىتاينىڭ چاڭگىلىدا قالغان ئانا ۋەتىنىنىڭ 1930 – 1951 - يىللار ئارىسىدىكى قىسمەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور ھېكايىدىن تەسىرلىنىپ ئەسلىگە سادىق بولۇش بىلەن بىرگە بەدىئىي جانلاندۇرۇشلار بىلەن بىر ئەدەبىي رومان يېزىپ چىقىدۇ. رومان مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشىشىدىغان ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان «ئويغانغان زېمىن» (1988) ۋە «ئانا يۇرت» (2000) رومانلىرىدىن خېلىلا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان، شۇنداقلا چەتئەلدە، بىرىنچى قول شاھىدنىڭ ئۆز ئاغزىدىن، بىرىنچى شەخس تىلىدا، ھەرقانداق تاسقاش ۋە پۇتاشلاردىن خالىي بايان قىلىنغان ھايات سەرگۈزەشتىسىنىڭ بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن ھالىدۇر. نەجىب كەيلانىي ھىكايىنى 1930 - يىلىدىكى خىتاي ئىستىلاسىدىن باشلايدۇ، ئۇيغۇر قىزىغا ئۆيلىنىش نىيىتىدە بولغان خىتاينى بىر «ئوفىتسېر»، قىزنىڭ ئاتىسىنى بولسا «قۇمۇل ئەمىرى» دەپ جانلاندۇرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى 1884- يىلىدىن بېرى خىتايلارنىڭ ئىستىلاسى ئاستىدا ئېزىلمەكتە. 1931- يىلىدىكى قومۇل ئىنقىلابىنىڭ پىلتىسىنى تۇتاشتۇرغان ۋەقە ھەقىقەتەن بىر خىتاينىڭ بىر ئۇيغۇر قىزىنى مەجبۇرىي نىكاھىغا ئېلىشقا تىرىشىشىدۇر. لېكىن بۇ يۈزسىز خىتاي بىر «ئوفېتسىر» ئەمەس، 1931 - يىلى جىن شۇرېن تەرىپىدىن قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھىيىسىگە قاراشلىق سۇيۇلغا جايلاشقان ئېغىزغا باج باشقۇرغۇچى تەيىنلەنگەن جاڭ گوخۇ ئىسىملىك بىر خىتايدۇر. قىزى سورالغان كىشى سەلتەنەتلىك «قۇمۇل ئەمىرى» ئەمەس، بەلكى ئاراتۈركلۈك ئابدۇنىياز مىراب دېگەن كىشىدۇر. ئابدۇنىياز مىراب 1920- يىلى ئەتراپىدا ئاراتۈرككە ئۈچ بېگى (دېھقان بېگى، چارۋا بېگى سۇبېگى/مىراب) تەيىنلىنىدۇ ۋە قوراي، خوتۇنتام، شوپۇل، باي، ئاراتۈرك يېزىسى، ئاداق، نوم، تۇركۆل ۋە نېرىنكىر قاتارلىق 9 دورغىلىق 9 يۇرتنىڭ بېگى بولىدۇ. شامەقسۇد ۋاڭ ھايات ۋاقتىدا ئاراتۈرككە 40 نەچچە قۇراللىق ئەسكەر بىلەن يولۋاس بەگنى مىڭبېگى تەيىنلەيدۇ ۋە ئابدۇنىياز مىراب يۈزبېشى ئۇنۋانى بىلەن يولۋاسنىڭ ئەمرىگە بېرىلىدۇ. جاڭ گوخۇ زورلۇق بىلەن ئابدۇنىياز مىرابنىڭ «گۈلخان» ئىسىملىك قىزىنى نىكاھىغا ئالماقچى بولىدۇ. غورۇرلۇق ئابدۇنىياز مىراب ۋە شوپۇل دورغىسى سالىھ دورغا توينى «ماقۇللايدۇ» ۋە ئايالچە كىينگەن «كېلىن» جاڭ گوخۇنى، قالغانلار بىرگە كەلگەن 32 خىتاينى نەق مەيداندا يەر چىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلاپ پارتىلايدۇ. كېيىن ئابدۇنىياز مىراب ۋە سالىھ دورغىلار خوجانىياز ھاجىغا بەيئەت قىلىپ ئىنقىلابتا پائال خىزمەت كۆرسىتىدۇ. ئىنقىلاب مەغلۇب بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل گەنسۇ ئەنشىدە ساقلىنىدۇ، كېيىن يۇرتىغا قايتىدۇ ۋە شېڭ شىسەينىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن يۇرتىدا تۇتقۇن قىلىندۇ. ئابدۇنىياز مىراب شېڭ شىسەي دەۋرىدە، 1938- يىلى قىشتا ئۈرۈمچى 2. تۈرمىدە بوغۇپ ئۆلتۈرىلىدۇ. مۇئەللىف يەنە شەرقىي تۈركىستاننى «شىمالغا جايلاشقان بىر دۆلەت»، قىزلىرىنى «سېرىق چاچ»، «كۆزى كۆك» خۇددى سىلاۋ مىللەتلىرىدەك تەسۋىرلەيدۇ. بەزى دىئالوگلاردا «دولقۇن» ۋە «قۇتقۇزۇش كېمىسى» تىلغا ئېلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، شەرقىي تۈركىستان دېڭىزدىن ئەڭ يىراق، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان، قىزلىرى قۇندۇز قارىسى چاچلىرى، قوي كۆزلىرى بىلەن تەسۋىرلىنىدىغان بىر يۇرتتۇر. بۇلاردىن ئاپتورنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، بەلكىم ھېچقاچان بېرىپ باقمىغان، ھەتتا خەرىتە يۈزىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما مۇئەللىف ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بويىغا جايلاشقان مىسىر مەملىكىتىدە توغۇلۇپ چوڭ بولغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇئەللىف يەنە بىر يەردە «خىتاي ئوفىتسېر»نىڭ «ئەپيۇن ئۇرۇشى»نى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئىما قىلىدۇ. ھالبۇكى ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىمۇ 1860- يىلى ئاخىرلاشقان بولۇپ، روماندىكى تارىخى دەۋىر بولغان 1930 – 1931- يىللاردىن 70 يىل بۇرۇنقى ۋەقەدۇر. دېمەك نەجىب كەيلانى خىتاي تارىخىدىكى ئىككى قېتىملىق ئەپىيۇن ئۇرۇشىدىن خەۋەردار ئەمما تارىخى دەۋرى ھەققىدە خاتالىققا يول قويغان. شۇمۇ بىر ھەقىقەتتۇركى، بەدىئىي ئەسەرلەر رىئاللىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. قەلەم ئىگىسى ۋەقەلىكنىڭ تېخىمۇ جانلىق يورۇتۇلۇشى ئىھتىياجىغا قاراپ ئۆز تۇيغۇ - تەسەۋۇرلىرىنى قوشۇپ قويىدۇ. ئەدىب نەجىب كەيلانى مەزكۇر روماندا بايان قىلغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكى، ئىنقىلابچى تارىخى شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە ۋەقەلەرنىڭ چىنلىقى چوڭ جەھەتتىن توغرا بولۇپ، بەزى ئىنچىكە تەپسىلاتلاردا يېڭىلىشىپ كېتىشى، ئەسلىدىلا ئۆزىگە تامامەن ناتۇنۇش بىر ئەل ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن بىرى ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر نۇقساندۇر. رومان بەدىئىي تەسۋىر ۋە ئەدەبىي تىل جەھەتتە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان بولۇپ، تۇنجى نەشرىدىن بۇيانقى ئاز كەم يېرىم ئەسىر ئىچىدە ئىنگلىزچە، تۈركچە قاتارلىق دۇنيا تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. رومان قەھرىمانلىرى، ئەسلى تەقدىم قىلىنىشى كېرەك بولغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش ۋاقتى نىھايەت يېتىپ كەلدى. ئەسەر ئەرەب تىلىدىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، تەرجىمىدە قولدىن كېلىشىچە ئەسلىگە سادىق ۋە ئەينى پاساھەتتە ئىپادىلەشكە تىرىشىلدى. ئەمما يەنىلا كەمچىللىكلەردىن خالىي بولالماسلىق تەبىئىيدۇر. روماندىكى بەزى نوقتىلار بولۇپمۇ بۇگۈنكى قىسمەتلىرىمىزگە ئىنتايىن يارقىن سېلىشتۇرما بولالايدۇ: 1. روماننىڭ تۇنجى تېمىسى بولغان 1930- يىللاردا تۈركىستان قىزلىرىنىڭ خىتايلارغا «قانۇنلۇق» نىكاھقا زورلىنىشى ۋە بۇ قىسمەت 1933 – 1944 - يىللار ئارىسى ھۆكۈم سۈرگەن جاللات شېڭ شىسەي دەۋرىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى، ئاتالمىش «خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى» تەرەپتارى كوممۇنىست رۇسلار ياكى خىتايلارنىڭ ھەر پۇرسەتتە بىر خەلقنىڭ غۇرۇرى بولغان خوتۇن - قىزلىرىغا كۆز تىككەنلىكى، ھەتتا رۇسلارنىڭ نەسىللىك ساغلىقلارنىمۇ تۈركىستانغا قالدۇرمىغانلىقىنى؛ شېڭ شىسەي دەرىدىكى مەجبۇرىي ئىشپىيۇنلۇق ۋە بۇنىڭ نەتجىسى بولغان ئاتا بالىغا، ئاكا ئىنىغا ئىشەنمەيدىغان ئۆزئارا ئىشەنچسىزلىك ۋە بىگۇناھ ئادەم تۇتۇش، توقۇلما باھانىلەر بىلەن لاگېرغا قاماشلار؛ شېڭ شىسەي ۋە رۇس كوممۇنىستلىرىنىڭ رەزىل ئەپت بەشىرىلىرىدىن بىرى بولغان ئىجتىمائىي ئەخلاق دۈشمەنلىكى، ئاياللارغا چىن مەنىدە ھۆرمەتتىن يوقسۇل ئىكەنلىكى ناھايىتى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، «چولپان» خاراكتېرىنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە «بەگ قىزى ۋە ئائىلىسى»نى قۇتقۇزۇپ قېلىشى، گەرچە كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ئىمان ئېيتقان «باۋدىڭ» خاراكتېرى بىلەن بىرگە ياشاش جەريانىدا ھاراققا ئۆگىنىپ قېلىشى؛ شېڭ شىسەي ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئالتاي تەرەپتىن ئېلىپ كېلىنگەن، پەقەتلا ئائىلىسىنىڭ زاۋالىنى خاھلىمىغانلىقى ئۈچۈن شېڭنىڭ ئىچ پۇشقىنى چىقىرىشىغا چىداپ كەلگەن ياش قىز؛ «مەنسۇر دورغا» نىڭ ئايالىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى، كوممۇنىستلار بېسىۋالغان رايونلاردىكى ئاياللارنىڭ كىيىم - كېچەك «ئىسلاھاتى» قاتارلىق ئاز ئەمما ئىبرەتلىك تەمسىللەر ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ نەقەدەر كەم نومۇس ئىكەنلىكىنى قاتارلىق بىر نەچچە خىل نا ئىنسانىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئاستىدا تۈركىستان خەلقىنىڭ نە قەدەر ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ھالبۇكى بۇ پەقەتلا كەلمەسكە كەتكەن ئۆتمۈش ئەمەس، بەلكى بۇگۈنكى كۈندىمۇ بۇ قورقۇنچلۇق مەزىرىلەر شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق. شەرقىي تۈركىستاندا كۈنىمىزدىمۇ سىرتتا مەجبۇرىي «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىك ئائىلىرى»؛ ئىچىدە، ئاتالمىش «تەربىيلەش» مەركەزلىرى ۋە تۈرمىلەردە مەجبۇرىي ئەركىدىن مەھرۇم قىلىنغان قىز - ئاياللارغا قىلىنىۋاتقان ھاقارەت؛ كىشلەردىكى ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك؛ ئايانچلىق لاگېر تۈزۈمىگە ئوخشاش سىياسەت ئاز كەم يۈز يىلدىن كېيىنكى بۇگۈنكى كۈندىمۇ، قانخور شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جاللات چېن چۈەنگونىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكدە قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ مۇسىبەت قارار كۈنىمىزدىمۇ ئاز بولمىغان تۈركىستان قىزىنىڭ، ئاتا - ئانىسىنىڭ قان يېشىغا سەۋەب بولماقتا. 2. روماندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز غۇرۇر ۋە ئار - نومۇسىنى قوغداش ئۈچۈن خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ قىلغان جەڭلىرى، جەڭگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلارنى ئۇيغۇر ياكى قازاق، ئۆزبېك ياكى قىرغىز دېمەي، بىرلا كىملىك – مۇسۇلمان تۈركىستانلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىپادىلەپ خەلقىمىزنىڭ ئەزەلدىن بېرى مىللەت، قەبىلە ئايرىماي، تۈركىي مۇسۇلمانلىق كىملىكى ئاستىدا ھۆر ۋە ئىتتىپاق ياشىغانلىقى پەقەتلا مىسىرلىق ئەدىب نەجىب كەيلانىنىڭ ئەدەبىي تەسۋىرى بولماي، ئەكسىچە تارىخنامىلەردىمۇ دائىم ئۇچرايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر ۋە بۇنىڭ ئەڭ يارقىن مىسالى 1933- يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» مىزدۇر. ئەمما بۇگۈنكى كۈندە بىزلەر كومپارتىيە ئېغىزلاندۇرغان نەچچە ئەۋلاد قىزىل مائارىپنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىستان خەلقىنى تۈرلۈك مىللەتلەرگە ئايرىپ، «بىز» ۋە «ئۇلار» دېيىشكە باشلىدۇق. ئەڭ مۇھىم بولغان تېگى بىر مۇسۇلمان تۈركىي قەۋم ئىكەنلىكىمىزنى ھەممىمىز ئۇنۇتۇپ، تار مىللەتچىلىكتە جاھىللارچە ئەزۋەيلىمەكتىمىز. 3. ئەدىب نەجىب كەيلانىي ئەسەرلىرىنىڭ بىر ئالاھىيدىلىكى ئىسلامىي كىملىك، ساغلام ئېتىقاد بەكرەك ئالدىنقى پىلانغا قويۇلغانلىقى بولۇپ، بۇ ئەسەردىمۇ تۈركىستان مۇجاھىدلىرى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ كاللىسىدا ناھايىتى ئېنىق بولغان ئىسلامىي مەۋقە ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرلگەندۇر. ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان تارىخىي شارائىتتا ۋەتىنىمىز گەرچە زامانېۋىي مائارىپ ھەنۇز يېتىپ كەلمىگەن، ئەنئەنىۋىي مائارىتپمۇ نىسبەتەن تار دائىرىدە ۋە كەينىدە قالغان بولۇشىغا قارىماي خوجا نىياز ھاجى، سابىت داموللا، شېرىپخان تۆرە، ئەلىخان تۆرە ۋە ئوسمان باتۇرلارنىڭ ئۈممەت ئېڭى كۈچلۈك، ئىسلامىي ئىلىم ئاساسلىرى مۇستەھكەم، خەلقئارا مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆز ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسدە ئالاقىدار بولۇش ۋە دەڭسەشتە ئۆز زامانىسىغا نىسبەتەن قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى. گەرچە ئىنقىلاپ ئاخىر ئاقىۋەتتە مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، دەۋىر شارائىتى، خەلقئاراۋىي مەنپەئەتلەر تۈركىستان خەلقىنىڭ زىيىنىغا قوغدالغانلىقى ئۈچۈن ۋەتەن مۇنقەرز بولدى. 4. كەلگۈندى خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى، كېڭەيمىچى چارلىق رۇسيىسىدىن كېيىن ساختىپەز بولشېۋىكلارنىڭ غەربىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئەزەلىي قان - قېرىنداش، دىنداش بۈيۈك تۈركىستان خەلقىنىڭ مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەنلىكى، ئىمام بۇخارىي، فارابىي، ئىبن سىنا ۋە ئالىم بىرۇنىيلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى ئەرەب دۇنياسىغا تونۇشتۇرغان. گەرچە بولشېۋىكلاردىن قاچقان غەربىي تۈركىستانلىق زىيالىي، ئۆلىمالارنىڭ ھىكايىسى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئۆز ۋاقتىدا 1949 - يىلى ئاتالمىش «ئازادلىق ئارمىيە» شەرقىي تۈركىستاننى بىر پاي ئوق ئاتماي ئىستىلا قىلىۋېلىشتىن بۇرۇن سىتالىننىڭ قانلىق سىياسىتىدىن قاچقان نۇرغۇنلىغان زىيالىي، ئەدىب ۋە ئۆلىمالار جۈملىدىن ئۆزبېك شائىر فۇرقەت (1859 – 1909)، ئەسلى ئوشلۇق ئۆزبېك ئۆلىما، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي (1885 – 1976) شەرقىي تۈركىستاندا پاناھلىققا ئېرىشكەن ئىدى. ۋاھالەنكى بۇگۈن مۇستەقىللىققا نائىل بولغان بۇ زېمىنلاردا قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەر كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئېغىز - بۇرۇن يالىشىپ، پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە كۈن كۆرسەتمەيۋاتماقتا. روماندا ئاپتور ھىكايىنى قۇمۇل شەھەر ئىچىدىن، قۇمۇل ۋاڭنىڭ سارىيىدىن باشلايدۇ. ئىنقىلابنى باشلىغانلارنىڭ بىرىنىڭ «قۇمۇل ئەمىرى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەمما تارىخىي مەنبەلەر ۋە «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق تارىخى رومانلارمۇ ئۆز دەرىدىكى شامەقسۇد ۋاڭ ياكى ئوغلى قورۋاق نەزەر ۋاڭلارنىڭ ھېچقاچان خەلق تەرەپتارى بولمىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇ مەنبەلەرنى كوممۇنىست تارىخچىلىكى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ فېئودالىزىمغا قارشى مەيدانىنىڭ تەقەززاسى بىلەن تارىخ بۇرمىلانغانمىكىن دېسەك، 1949 - يىلى ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كەتكەن، ئۆز ۋاقتىدىكى خوجانىياز ھاجىنىڭ كاتىبى، مەرھۇم ھەمدۇللاھ مۇھەممەد تۇرپانى ئۆزىنىڭ «تۈركىستان تارىخى» (1931 – 1937 - يىللار ئارىسى تۈركىستان تارىخى) ناملىق ئەسىرىدە «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» نىڭ مەيدانىنى تەسدىقلايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەسەردىكى پەقەتلا «قۇمۇل ئەمىرى» – «بەگ» كە، «قۇمۇل سارىيى» – «بەگ قەسرى» گە ئالماشتۇرۇلدى. روماندا يەنە بەزىبىر ھەقىيقىي تارىخى ۋەقەلەردە خاتا مەلۇمات بار بولۇپ، مۇھىمراقلىرىدىن غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى 1945- يىلى دەپ بېرىلگەن بولۇپ، توغرىسى 1944- يىلى 12- نويابر بولۇشى كېرەك ئىدى. سابىق جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قاچۇرۇلۇشىنى «موسكۋاغا كەتتى» شەكلىدە بېرىلگەن بولۇپ، توغرىسى « داۋالانغىلى ئارشاڭغا» كەتكەن ئىدى. بۇ ھەقتە مۇناسىب تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلدى. روماننىڭ باش پېرسۇناژى «مۇستافا مۇراد ھەزرەت»، مەشۇقى «چولپان»، ئاغىنىسى «مەنسۇر دورغا»، «خاتۇن»، خىتاي ساقچىلار «چېن لى» ۋە «باۋدوڭ»، ساتىراش «ئابدۇلھەق»، قاتارلىقلار مۇئەللىف تەرىپدىن يارىتىلغان پىرسۇناژلار بولۇپ، «بەگ، ئاغچا ئايىم ۋە بەگ قىزى»، «خوجانىياز ھاجى، شېرىپخان تۆرە، ئېلىخان تۆرە، ئوسمان باتۇر» قاتارلىق ئىجابىي شەخسلەر ۋە «خىتاي ئوفىتسېر، جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي، ۋۇ جوڭشىن، جاڭ جىجوڭ» قاتارلىق ئىشغالچى خىتايلار، قانخور ئىستىخباراتچى «سەيىد ھاجى»، «ئەخمەتجان قاسىمى، بۇرھان شەھىدى» قاتارلىق كوممۇنىستلار ھەقىقىي تارىخىي شەخسلەردۇر. روماندا تىلغا ئېلىنغان ھەقىيقىي تارىخى شەخسلەردىن تۈركىستانلىق مۇجاھىدلار ۋە ئىستىلاچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كوممۇنىست گۇماشتىلىرىدىن بەزى شەخسلەرنىڭ ھەقىقىي رەسىملىرى كىتابنىڭ بېشىدا قوشۇمچە قىلىپ بېرىلدى. رومان ئىچىدىمۇ ئەسلى بولمىغان لېكىن مەزمۇنىغا مۇناسىپ بەزىبىر تارىخىي سۈرەتلەر قوشۇمچە قىلىندى.