تۈركىيىدىكى تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرى

تۈركچە، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە ئەڭ كۆپ سۆزلىشىلىۋاتقان تىللارنىڭ بىرىدۇر. پۈتكۈل دۇنيادا تۈركىيە تۈركچىسىگە بولغان قىزىقىش كۈندىن – كۈنگە ئاشماقتا. تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئىبارەت، نېگىزلىك، ناھايىتى باي ۋە بىلىم تىلىنىڭ ئوقۇتۇلۇشى توغرىسىدا كۈنسىرى يېڭى – يېڭى خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىل، ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ۋە كەم بولسا زادى بولمايدىغان تەبىئىي بىر ۋاستىدۇر.

ھازىرقى دۇنيادا مائارىپ ۋە تەلىم – تەربىيە، سەنئەت، بىلىم، سىياسەت، ھەربىي خىزمەت، ساياھەت، مەدەنىيەت، سودا – تىجارەت ۋە خەۋەرلىشىش ساھەلىرىدە ئىجتىمائىي ۋە مىللىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا دۇنياۋىي تىللاردىن بىرىنى بىلىشكە ئېھتىياج بار. ھەرقانداق بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش دېمەك، يېڭى بىر ئىنسان بولۇش، دېمەكتۇر. چەتئەل تىلى ئۆگىنىش بولسا، بىراۋنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا بىر تىل ۋە مەدەنىيەت بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى دېمەكتۇر.

تۈركىيە تۈركچىسى، نۆۋەتتە تۈركىيىنىڭ زامانىۋىي ۋە ئىلغار پەن – تېخنىكا ۋاستىلىرىغا تايىنىپ ئوقۇتۇلماقتا.

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتۇلۇشى توغرىلىق، ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىنىڭ قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى، 2002 – يىلى نەشىر قىلدۇرغان «ھىتىت چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەر؛ 2003 – يىلى مۇرات ئۆزباي بىلەن فەخرى تېمىزيۈرەك تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان «تۈركچە ئۆگىنەيلى ئورخۇن» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەر؛ غازى ئۇنۋېرستېتىنىڭ قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزى باشقارمىسى تەرىپىدىن نەشىر قىلدۇرۇلغان «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق بىر يۈرۈش ئەسەر، تۈركچە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەنبەلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، تۈركىيە تۈركچىسىنى بىلمەيدىغانلارغا تۈركىيە تۈركچىسىنى ئۆگىتىش توغرىسىدا ئىشلىنىۋاتقان باشقا خىزمەتلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا؛ كېنان ئاقيۈز تەرىپىدىن ھازىرلانغان «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە سۆزلىشىش قوللانمىسى» ناملىق ئەسەر؛ ھۈسەيىن ئايتاچ بىلەن ئاگاھ ئۆنەن تەرىپىدىن ھازىرلانغان «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تۈركچە ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق ئەسەر؛ سەرمەت سامى ئۇيسال تەرىپىدىن ھازىرلانغان «چەتئەللىكلەرگە تۈركچە دەرسلىك قوللانمىسى» ناملىق ئەسەر؛ قايا جان تەرىپىدىن ھازىرلانغان «چەتئەللىكلەر ئۈچۈن تۈركچە – ئىنگىلىزچە ئىزاھلىق تۈركچە دەرسلىك قوللانمىسى» ناملىق ئەسەر؛ مەھمەت ھەنگىرمەن تەرىپىدىن ھازىرلانغان «تۈركچە ئۆگىنەيلى» ناملىق ئەسەر قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى چېلىقتۇرىمىز.

تۈركىيە تۈركچىسىنى ئوقۇتۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تۈركىيە تۈركچىسىنى ئوقۇتۇش مەركەزلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنى قىلچە زېىكتۈرۈپ قويماستىن، ئىچ – ئىچىدىن سۆيۈنۈپ ئۆگىنىدىغان، زامانىۋىي ۋە قولاي ئۇسۇلدا تۈركىيە تۈركچىسىنى ئوقۇتۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئورگانلاردۇر. تۈركىيىگە كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇنۋېرستېتلاردا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ ئۇنۋېرستېتلاردا ئوقۇتۇلۇۋاتقان دەرسلەرنى تولۇق چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرەلىگۈدەك دەرىجىدە تۈركىيە تۈركچىسىنى بىلىشلىرى شەرت. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئالىدىغان دىپلوم ياكى شۇنىڭغا توغرا كېلىدىغان ئىسپات قەغىزى ئارقىلىق ئىشپاتلىشى شەرت.

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا، ھەرقايسى ئۇنۋېرستېتلارنىڭ قارمىقىدا خىزمەت ئىشلەۋاتقان قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرى مەسئۇلدۇر.

تۈركىيىدە، ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى، غازى ئۇنۋېرستېتى، ئىستانبۇل ئۇنۋېرستېتى ۋە ئەگە ئۇنۋېرستېتى قاتارلىق ئۇنۋېرستېتلارغا قاراشلىق جەمئىي 4 تۈركىيە تۈركچىسىنى ئوقۇتۇش مەركىزى باردۇر.

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ ئوقۇتۇلۇشىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئورگانلاردىن بىرى بولغان ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى مۇدىرىيىتىگە قاراشلىق ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى، 1984 – يىلى چەتئەللىكلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش مەقسىتىدە « British Council»، « Goethe Institut»، « Cervantes» ۋە « Alliance Française» قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىل ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ئۈلگە قىلغان ئاساستا قۇرۇلغان. ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى، شۇ يىللاردا، چەتئەللىكلەرگە تۈركچە ئوقۇتۇش ساھەسىدە خىزمەت ئىشلىگەن تۇنجى ۋە يېگانە ئورگان بولغان. تۆمەر، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قوللىنىلىۋاتقان تۈركچىنى بىر «لاھىيە» سۈپىتىدە قولغا ئالدى ۋە تەتقىقات خىزمىتى تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ چەتئەللىكلەرگە ئۇلارنىڭ تۈركچىنى قولاي ئۇسۇلدا ئۆگىنەلىشى ئۈچۈن ئاكادېمىك ئاساس يارىتىپ بەردى.

ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى؛ تۈركىيىدە تۈركچىنى چەتئەل تىلى سۈپىتىدە، چەتئەللەردە بولسا تۈركلەرگە تۈركچىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئۆگىتىش، تۈركىيىنى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشتىن ئىبارەت.

تۈركىيە مىقياسىدا جەمئىي 10 شۆبىسى بار بولغان ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى، ھەر يىلى 55 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئەڭ ئىلغار ئورگان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى قىزىلئاي ۋە تۇنالى ھىلمى شۆبىلىرىدىن باشقا يەنە ئىستانبۇل، ئىزمىر، بۇرسا، ئانتاليا، ئلانيا، ترابزون، سامسۇن ۋە دېڭىزلى قاتارلىق 10 شۆبىسى بار.

ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى ھەققىدە www.tomer.ankara.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.

تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ بىلىم ۋە خەۋەرلىشىش تىلى سۈپىتىدە تەرەققى قىلىپ، دۇنياغا كەڭ تارقىلىشىدا قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە ھەسسە قوشتى ۋە قوشماقتا. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈرك ۋە قېرىنداش خەلقلەردىن، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەردىن تۈركىيىگە ئالىي مائارىپ ساھەسىدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ۋە باكلاۋۇرلۇق، ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار تۇنجى بولۇپ قەدەم باسىدىغان جاي مانا مۇشۇ تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرىدۇر.

تۈركىيە تۈركچىسىنى بىلمەيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيە تۈركچىسىنى پۇختا ئۆگىتىدىغان ۋە تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن تۈركىيە ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك مەلۇمات بېرىلىدىغان تۈركىيە تۈركچىسى تىل ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىلىرى، زامانىۋى تىل ئۆگىتىش تېخنىكىلىرى ۋە يازما، ئۈن – سىن ماتېرىياللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە زور قولايلىق يارىتىپ بەرمەكتە.

ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ۋە چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسىنىڭ سىرتىدا يەنە ئەنقەرەدە غازى ئۇنۋېرستېتىگە قاراشلىق غازى ئۇنۋېرستېتى قىسقىچە «تۆمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى بار بولۇپ، بۇ ھەقتە www.tomer.gazi.edu.tr ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.

يەنە ئىستانبۇل ئۇنۋېرستېتىنىڭ قىسقىچە «دىلمەر» دەپ ئاتىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى باشقارمىسى ھەققىدە
www.istanbul.edu.tr/dilmer/ ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز.
ئىزمىردە بولسا تۈركىيە تۈركچىسى ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىغا قاراشلىق «تۆمەر» نىڭ سىرتىدا يەنە ئەگە ئۇنۋېرستېتىگە قاراشلىق تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىنمۇ پايدىلىنالايسىز. 

ئەگە ئۇنۋېرستېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ھەققىدە

http://tdae.ege.edu.tr/ ئىنتېرنېت ئادرىسىدىن تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. 

مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى