تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلەر مېنىستىرلىقى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مېنىسترلىكى)

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلەر مېنىستىرلىقى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىكىنى ۋە ئاسايىشىنى تەمىنلەش، ئىجتىمائىي تۈزىمىنى باغلىق قۇرلۇشلارى بىلەن قوغدىماق، رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئىدارەسىنى تۇرغۇزۇش، مەھەللىي ئىدارەلەر ئۈستىدە مەركەزى ئىدارە نامىدا ۋە سىياسىي ماقام سۈپىتىدە نازارەتتە بولۇش ۋە ئىدارى نوقتىدىن ئالغان قانۇنىي تەدبىرلەر بىلەن بۇ ئىدارەلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ياردەم قىلىش، خەلقنىڭ نۇڧۇس ۋە ۋەتەنداشلىق ئىشلىرىنى ئورۇنداش، بولغۇسى ئۇرۇش ۋە تەبئىي ئاڧەتلەر ھەققىدە پۇخراۋىي قوغدىنىش خىزمەتلىرىنى ئاتقارماق بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلدى. (مېنستىرلىق) ئۈستىگە ئالغان بۇ ۋەزىپىلەرنى مەركەز ۋە يانداش تەشكىلاتلارنىڭ ۋاسىتەسى بىلەن ئورۇندىغان. ھازىرىقى ئىچكى ئىشلەر باقانى سۇلايمان سويلۇ (Süleyman Soylu) دۇر.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلەر مېنستىرلىقىنىڭ بۇگۈنكى تەشكىلات قۇرۇلمىسى 1983- يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلىپ بېرىلغان تەرتىپكە سالىش بىلەن شەكىللەنگەن ۋە 1985- يىلى 14- ڧېۋرال كۈنى چىقارىلغان 3152 نومۇرلۇق قانۇن بىلەن، بۇ يېڭى قۇرۇلما داۋاملىقلىق قازانغان.