تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسى

تۈركىيە دەرىجدىن تاشقىرى ئايلانما پۇتبول مۇسابىقىسى (تۈركچە: Turkcell Süper Lig, ئىنگىلىزچە: Turkish Super League) تۈركىيەدىكى ئەڭ ئۈست سەۋىيەدىكى پۇتبول ئايلانما مۇسابىقىسى بولۇپ، 1959 - يىلى تەسىس قىلىنغان. بۇ مۇسابىقىنىڭ قۇرۇلمىسى، 18 كوماندىدىن تەشكىل تاپىدۇ، ۋە ساھىپخان - مېھمان بولۇپ، توپلام 34 مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدى. ھازىر بۇ ئايلانما مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان كوماندىلار 17 (ئەنقەرە سپور كوماندىسى، 2009 - 2010 - يىللىق ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ 5 - ھەپتىسىدە، پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن بىر تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرىۋېتىلدى.)

تۈركىيە ئايلانمىسى ياۋروپادا ھازىر 11- ئورۇندا تۇرىدىغان ئايلانما پۇتبول مۇسابىقىسىدۇر.

تۈركىيە ئايلانما مۇسابىقىسىغا ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كوماندىلاردىن بېشىكتاش، گالاتاساراي ۋە ڧەنەرباغچە ئۈچ بۈيۈك ئۈنۋانىغا ئېگە ۋە بۇلار ياۋروپادىمۇ بىلىنگەن كوماندىلاردۇر.


تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىشتىراكچىلىرى تەھرىرلەش

كۇلۇب كۇلۇپ يېرى قۇرۇلغان يېرى مەيدانى ئىشتىراك يىلى ئۆتكەن ئايلانمىدىكى دەرىجىسى بىرىنچى ئايلانمىدا يېرى ئۈست سەۋىيەدىكى ئايلانمىدىكى قېتىم سانى ئاخىرقى چىمپيونلۇق يىلى چىمپىيونلۇق قېتىم سانى
Ankaragücü ئەنقەرە 1910 Ankara 19 Mayıs 1981-1982 13th 1959 47 - 0
Ankara ئەنقەرە 1978 Yenikent ASAŞ 2004-2005 10th 2004-2005 6 - 0
Antalya ئانتاليا 1966 Antalya Atatürk 2008-2009 12th 1982-1983 15 - 0
Beşiktaş ئىستانبۇل 1903 BJK İnönü 1959 1st 1959 52 2008-2009 13
Bursaspor بۇرسا 1963 Bursa Atatürk 2006-2007 6th 1967-1968 41 - 0
Denizlispor دېنىزلى 1966 Denizli Atatürk 1999-2000 14th 1983-1984 19 - 0
Diyarbakırspor دىيارباقىر 1968 Diyarbakır Atatürk 2009-2010 TFF First League; 2nd 1977-1978 11 - 0
Eskişehirspor ئەسكىشەھەر 1965 Eskişehir Atatürk 2008-2009 11th 1966-1967 24 - 0
Fenerbahçe ئىستانبۇل 1907 Şükrü Saracoğlu 1959 4th 1959 52 2006-2007 17
Galatasaray ئىستانبۇل 1905 Ali Sami Yen 1959 5th 1959 52 2007-2008 17
Gaziantepspor گازىئانتەپ 1969 Kamil Ocak 1990-1991 8th 1979-1980 24 - 0
Gençlerbirliği ئەنقەرە 1923 Ankara 19 Mayıs 1989-1990 15th 1959 38 - 0
İstanbul B.B. ئىستانبۇل 1990 Atatürk Olympic 2007-2008 9th 2007-2008 3 - 0
Kasımpaşa ئىستانبۇل 1921 Recep Tayyip Erdoğan 2009-2010 TFF First League 4th; Play-Off Winner 1959-60 7 - 0
Kayserispor قەيسېرى 1966 Kadir Has 2004-2005 7th 2004-2005 6 - 0
Manisaspor مانىسا 1931 Manisa 19 Mayıs 2009-2010 TFF First League; 1st 2005-2006 4 - 0
Sivasspor سىۋاس 1967 4 Eylül 2005-2006 2nd 2005-2006 5 - 0
Trabzonspor ترابزون 1967 Hüseyin Avni Aker 1974-1975 3rd 1974-1975 36 1983-1984 6

چىمپيونلۇقلار تەھرىرلەش

چىمپيونلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشەلىگەن كوماندىلار

تۈركىيە ئايلانما پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھازىرغىچە پەقەت تۆرت كوماندا چىمپيونلۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىدى، ۋە بۇلارنىڭ ئۈچى ئىستانبۇلدا. ئاناتولىيەدىن پەقەتلا بىر كوماندا- ترابزونسپور(Trabzonspor) چىمپيونلۇق شەرىپىنى ياشىيالىدى. ئەپسۇس، 1984 - يىلدىن ھازىرغىچە بىرمۇ ئاناتولىيە كوماندىسى چىمپيونلۇقتا مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىدى.

گالاتاساراي: 17 قېتىم

ڧەنەرباغچە: 17 قېتىم

بېشىكتاش: 13 قېتىم

ترابزونسپور: 6 قېتىم

بۇرسا: 1 قېتىم

يۇلتۇز سېستىمىسى تەھرىرلەش

تۈركىيە پۇتبول بىرلەشمىسى ھەر بەش قېتىملىق چىمپيونلۇق ئۈچۈن بىر ئالتۇن يۇلتۇز بېرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ئوخشىمىغان كۇلۇپلار، ئېرىشكەن چىميپيونلۇق قېتىم سانىغا ئاساسەن، كۇلۇپ بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە يۇلتۇز قوندۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەردۇر. گالاتاساراي ۋە ڧەنەرباغچە 17 قېتىمدىن چىميونلۇققا ئېرىشكەنلىكىرى ئۈچۈن ئۈچ ئالتۇن يۇلتۇز، بېشىكتاش 13 قېتىملىق شەرىپىگە ئىككى ئالتۇن يۇلتۇز، ۋە ترابزون بىر ئالتۇن يۇلتۇز بىلەن تارتۇقلانغان.

كۇلۇب/يۇلتۇز چىمپيونلۇقلىرى ئېرىشكەن يىلى
ڧەنەرباغچە

     

17
1959, 1961, 1964, 1965, 1968, 1970, 1974, 1975, 1978, 1983, 1985, 1989, 1996, 2001, 2004, 2005, 2007
گالاتاساراي

     

17
1962, 1963, 1969, 1971, 1972, 1973, 1987, 1988, 1993, 1994, 1997, 1998, 1999, 2000, 2002, 2006, 2008
بېشىكتاش

   

13
1957*, 1958*, 1960, 1966, 1967, 1982, 1986, 1990, 1991, 1992, 1995, 2003, 2009
ترابزون

 

6
1976, 1977, 1979, 1980, 1981, 1984
بۇرسا


1
2010

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

پۇتبول بىرلەشمىسى