تۈركىيە كۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرلىقى

تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى ئىچكى ئىشلار مېنىستىرلىقى كۆچ ئىدارىسى باش مۇدىرلىقى ياكى قىسقاچە ئاتى كۆچ ئىدارەسى ( Göç İdaresi Genel Müdürlüğü) باش مۇدىرلىقى. قىسقارتماسى GİGM. كۆچ ساھەسىگە ئالاقەدار سىياسەت ۋە ستراتىگىيەلەرنى تەتبىقلاماق، بۇ مەۋزۇلار بىلەن ئالاقەدار قۇرۇم ۋە قۇرۇلۇشلار ئاراسىدا مۇناسىۋەتنى باغلاش، چەتئەللىكلەنىڭ تۈركىيەگە كىرىش ۋە تۈركىيەدە ياشىشى، تۈركىيەدىن چىقىشلىرى ۋە چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى، خەلقئارالىق قوغداش، ئۆتكۈنچە قوغداش ۋە ئىنسان تىجارەتى مەزلۇملارى قوغدانىشى بىلەن ئالاقەدار خىزمەتلەرنى ئاتقارماق ئۈزەرە ئىچكى ئىشلار مېنىستىرلىكى قارمىقىدا قۇرۇلغان.

كۆچ ئىدارەسى باش مۇدىرلىقى، 2013\04\04 كۈنى ۋە 6458 نومۇرلۇق "چەتئەللىكلەر ۋە خەلقئارالىق قوغداش قانۇنى" بىلەن قۇرۇلدى. 6458 نومۇرلۇق قانۇننىڭ 103. ماددەسى باش مۇدىرلىقنىڭ قۇرۇلىشىنى تۈزىمەكتە. مەزكۇر قانۇن، 2013\04\11 كۈنى 28615 نومۇرلۇق رەسمىي گېزىت تە ئېلان قىلىنغان ۋە ئوخشاش كۈن كۆچ ئىدارەسى باش مۇدىرلىقى قۇرۇلغان.