تۈرگۈن ئىبىراھىم

كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تۆھپىكار--- تۈرگۈن ئىبىراھىم


تۈرگۈن ئىبىراھىم شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى كومپيۇتېر مەركىزىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇچۇر ئىلمىي ۋە قۇرۇلۇش ئىنستېتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. مائارىپ تارمىقى ئالىي مەكتەپ كومپيۇتېر ئوقۇتۇش يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ مەمىلىكەتلىك ئالىي مەكتەپ كومپيۇتېر ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى؛ شىنجاڭ كومپيۇتېر ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ دائىمىي كېڭەش ئەزاسى؛ جوڭگۇ خەنزۇ تىلى ئۇچۇر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، خەنزۇ تىلى ئۇچۇر، ئۇچۇر ئىلمىي جەمئىيتى ئاز سانلىق مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، «خەنزۇ تىلى ئۇچۇر ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ تەھرىر ھەيئىتى، دوكتۇر يېتەكچىسى.

80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى ۋە كومپيۇتېر ئاساسى مائارىپىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۈچ تۈرلۈك مەمىلىكەتلىك يۇقۇرى پەن-تېخنىكا لايىھىسى «863 تېما» سىغا ئۇدا قاتناشقان، ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ تەتىقىقاتىدا كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.