تېرە راكى كۆپىنچە بەدەننىڭ ئوچۇق تۇرىدىغان ئورۇنلىرىدا پەيدا بولىدىغان تېرە تىكەنلىك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئويمان سۈپەتلىك ئۆسۈشىدىن ئىبارەت بولۇپ، سەۋدا مىزاجلىق ئوتتۇرا ياش ياكى ياشانغان كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان. ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە »سەرتان جىلدى« دەپ ئاتىلىدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

غەرب تېبابىتى نامى :تېرە راكى

ئاساسلىق ئالامىتى :باش تېرىسى، يۈز قىسمى، قول دۈمبىسى، تۆۋەنكى بىلەك قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى :كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.


تەۋە بۆلۈم :تېرە بۆلۈمى

كېسەللىك ئورنى :بەدەننىڭ ئوچۇق تۇرىدىغان ئورۇنلىرى

سەۋەبى تەھرىرلەش

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتى ئۆزى قويۇق، ئاسان چۆكمىگە چۈشىدىغان ۋە غىدىقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان غەيرىي تەبىئىي خىلىت بولۇپ، بەدەندە ھاسىل بولغاندا قان ئارقىلىق تېرە توقۇلمىلىرىغا بېرىپ چۆكمىگە چۈشۈپ تېرە توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى غىدىقلاپ ھۈجەيرىلەرنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى بىر قاتار ئامىللار كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تېرە راكىنى پەيدا قىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

1. ئۇزۇن مەزگىل كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىش. تېرىنىڭ كۆيۈشى ياكى تېرىنىڭ مەلۇم ئورنى قايتا − قايتا يارىلانسا ياكى سۈركەلسە ئارسىنك، قوغۇشۇن ۋە رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار بىلەن دائىم ئۇچىرىشىپ تۇرسا، تېرە راكىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

2. ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان ساقايمىغان تېرە يارىسىنىڭ بولۇشى.

3. سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ پەيدا قىلغان ئاقما قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى.

4. تېرە سىلىنىڭ ۋاقتىدا تونۇلۇپ ئۈنۈملۈك داۋالاپ ساقايتىلماسلىقى.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئېرسىيەت يولى بىلەن ئەۋلادتىن − ئەۋلادقا مىراس قېلىش يولى بىلەنمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • سەۋەبى
  • ئالامىتى
  • دىئاگنوزى
  • داۋالاش ئۇسۇلى
  • داۋالاش پىرىنسىپى
  • دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ئالامىتى تەھرىرلەش

0 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاپتاپ تېگىدىغان ئورۇنلاردا ئاسان يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن: باش تېرىسى، يۈز قىسمى، قول دۈمبىسى، تۆۋەنكى بىلەك قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا سىرتتا خىزمەت قىلىدىغانلاردا يۈز بېرىشى كۆپرەك بولىدۇ. كېسەلنىڭ باشلىنىشىدا نورمال تېرىدە ياكى ئەسلىدە بار بولغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يارا ۋە ئاقما ئاساسىدا پۇرچاقتەك چوڭلۇقىدىكى قاتتىق سۆگەلسىمان كىچىك تۈگۈنچە بولۇپ، بۇ تېرە يۈزىدىن سەل ئېگىز بولۇپ غۇۋا قىزىل رەڭدە بولىدۇ. تەدرىجىي ئەتراپقا ۋە چوڭقۇر قىسمىغا كېڭىيىدۇ. ئاسان ئاغرىمايدۇ. ئۆسمىنىڭ يۈزى ئويمان دۆڭ بولۇپ كۆپىنچە مۈڭگۈزلەشكەن، ئۈستۈنكى تېرە ۋە قاقاچ بولىدۇ. ئۇنى تارتىپ ئېلىۋەتسە، ئاسانلا شىرىلىك سۇيۇقلۇق ياكى قان چىقىدۇ. ئۆسمە داۋاملىق چوڭىيىپ، ئوتتۇرىسى يارىلىنىپ، گىرۋىكى تومپىيىپ، قىيا يارا تىپتىكى رەڭ شەكىللىنىدۇ. ئەگەر مونەك يارىلانماي داۋاملىق چوڭايسا، گۈللۈك سەيگە ئوخشاش تېشىغا ئۆرۈلسە، چېچەك سەيدەك تېرە راكىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەيلى قانداق تىپتىكى بولسۇن ئەگەر ئىككىلەمچى يۇقۇملانسا، سىرتقى يۈزى شەلۋەرەپ يىرىڭسىمان سۇيۇقلۇق چىقىپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئۈزلۈكسىز سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىپ تۇرىدۇ.  ھەمدە سېسىق پۇرايدۇ. بۇ دەرىجىگە بارغاندا كۆپىنچە كېسىلى ئېغىر بولىدۇ.

دىئاگنوزى تەھرىرلەش

1. تېرىگە مونەك ئۆسۈپ ئاغرىماي، قىچىشماي تەدرىجىي چوڭايسا، يۈرە يىرىك ياكى يارا بولۇش، قانلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇرسا، بەزىلىرى چېچەك سەيدەك ئۆسۈپ، بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسى يارىلىنىپ گىرۋىكى تومپىيىپ چىقسا، ئادەتتىكىدەك ۋادالىغاندا ساقايماي، ئەكسىچە ئېغىرلاشسا ياكى ئەسلىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك يارا، ناسور بولۇپ، يېقىندىن بۇيان نورمالسىز ئۆسۈش ئەھۋالى بولسا تېرە راكى دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ.

2. يەرلىك ئورۇندىن توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوزنى تېخىمۇ مۇقىملاشقا بولىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىغا قارىتا سەۋدانىڭ مۇنزىچىنى بېرىپ ماددا پىشقاندىن مۇسھىل ئۈچۈن ماددىنى تازىلىغۇچى دورىلاردىن مەتبۇخى ئەفتىمۇن، مەتبۇخى غارىقۇن، مەتبۇخى شاھتەررە، مەتبۇخى شىۋاق قاتارلىقلارنىڭ بىر ياكى بىرقانچىسى تاكى مىزاج تەڭشەلگۈچە بېرىشتىن سىرت، داۋالاشنىڭ پۈتۈن جەريانىدىمۇ ئارىلاپ بېرىپ تۇرۇلىدۇ. تۆۋەندىكى نۇسخىمۇ بۇ كېسەللىككە مەنپەئەت قىلىدۇ. غارىقۇن، ئەفتىمۇن، قارا ھېلىلە ھەر بىرىدىن 16 گرام، ئۈستقۇددۇس، بىستىپايەچ ھەر بىرىدىن 20 گرام، ھىندى تۇزى ئالتە گرام، قارا خەربەق 10 گرام دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئارپىبەدىياننىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە خېمىر قىلىپ نوقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ ياساپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ دانىدىن ئىچىشكە بېرلىدۇ ياكى شەربەت قىلىپ 30 مىللىلىتىردىن كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن بېرىلىدۇ.

بەدەن تازىلانغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ھۆللۈكنى كۆپەيتىپ سەۋدانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە گاۋزىبان شەربىتى ياكى ئۈستقۇددۇس شەربىتى 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاق ئىچىشكە بېرىش پايدىلىق.

بەدەننى قۇۋۋەتلەپ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، گۈلقەنتنى 10 گرامدىن ئۈچ ۋاق ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

تېرە راكنى داۋالايدىغان، ئىچىدىن بېرىلىدىغان تۆۋەندىكى دورا نۇسخىلىرى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

1. قارا خەربەقنى قوي سۈتىگە ئۈچ كۈن چىلاپ قۇرۇتۇلغاندىن 10 گرام، ماھى زەھرەق 10 گرام، ھەببۇلغار 10 گرام، ھەشقىپىچەك ئۇرۇقى ئالتە گرام، ئەفسەنتىن، غارىقۇن 12 گرامدىن، ئايارەج پەيقىرا ئۈچ گرام، ھىندى تۇزى، سوقمونيا ھەر بىرى 7.5 گرام، مەزكۇر دورىلارنى سوقۇپ، كاللەكبەسەي ياپرىقىنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ قارىمۇچ چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلاپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 11~2 دانىغىچە ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

2. سىماب كۈشتىسى تەركىبى بىلەن تەييارلىنىشى: سىماب شور (ناترىي نېترات)، زەمچە ھەر بىرى 165 گرامدىن ئېلىنىدۇ. شور بىلەن زەمچىنى ئايرىم − ئايرىم يانجىپ تالقانلاپ كىچىك قازانغا سېلىنىدۇ. ئۈستىگە سىمابنى سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن پىشۇرۇلغان لاي بىلەن ھىم ئېتىلىدۇ ۋە ئوچاققا ئوت قالىنىدۇ. قالانغان ئوت يالقۇنى ئاۋۋال پەس كېيىن كۈچلۈك بولۇپ، تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. قازان ئوچاقتىن ئېلىۋېتىلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن ئاۋۋال لاينى ئېلىۋېتىپ ئاندىن كېيىن، تەخسىنى ئاۋايلاپ ئاغدۇرغاندا، ئۇنىڭغا يىڭنىسىمان ئاچ قىزىل كرىستاللارنىڭ ئورناشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، مانا بۇ سىماب كۇشتىسى بولۇپ، سىماب كۇشتىسىنى قىرىپ چوڭلارغا ھەپتىدە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 0.3 گرامدىن بىرقانچە ھەپتىگىچە بېرىپ، بىمار دورىغا كۆنگەندىن كېيىن مىقدارىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ )ھەپتىدە 0.1 گرامدىن( كۆپەيتىلىدۇ. ئاخىرىدا 57.0 گرامغىچە ئاشۇرۇلىدۇ.

سىماب كۇشتىسى زەھەرلىك دورا بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا دىققەت قىلىنمىسا ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. شۇڭا دورىنى ئىچكەندە ھور نان ياكى گىردە ناننىڭ يۇمشاق قىسمىغا يۆگەپ چاينىماي يۇتۇۋېتىش كېرەك.

3. كۈچلىنى سۈتكە چىلاپ يۇمشىتىپ، پوستىنى پىچاق بىلەن قىرىپ، تىلى ئېلىۋېتىلگەن كۈچلىدىن 100 گرام، قۇيرۇقى ئېلىنمىغان قۇرۇتۇلغان چاياندىن 40 دانە، يىلان گۆشى )ئاق يەر يىلىنى ئېتى( 330 گرام، بارلىق دورىلارنى تالقانلاپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،. كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۇن تەييارلىنىدۇ. بۇ نۇسخىنى سەرتاننىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. كۈندە بىر قېتىم ھەر قېتىمدا 3.3 گرامدىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا مەجۇنى ئەفئاكەبىر، مەجۇنى ئەفئا سەغىر (تېرە سىلىدا سۆزلەندى) مەجۇنى ئازاراقى، مەجۇنى زەرنىخ قاتارلىقلارنى كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلەتكەندىمۇ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئىچىدىن بېرىلگەن دورىغا ماسلىشىپ، راك يۇقۇملىنىشتىن ۋە بۇزۇق قاننى تازىلاش مەقسەتتە تۆۋەندىكى دورا نۇسخىلىرى سىرتتىن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

ئىچىشكە يەنە: مىب شىنگىرىپ 1×2×3# مەجۇن ئەشبە مۇرەككەپ 1×2×7g ئىسترىفىل شاھتەررە

1×2×7# قۇرسى كبرىت 1×2×5# بېرىلىدۇ.

1) تۇتىيا مەلھىمى: تۇتىيارزىنىك، موردار سەنگى، زەپەر ھەر بىرىدىن بىر ھەسسە، موم تۆتتىن بىر ھەسسە، گۈل يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىدۇ. مەدەن دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. مومنى گۈل يېغىدا ئېرىتىپ، قالغان دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم تەييارلاپ سەرتاننىڭ سىرتىدىن سۈرتىلىدۇ.

2) قوغۇشۇن مەلھىمى: تۇتىيا تالقىنى، قوغۇشۇن كۈشتىسى تالقىنى، ئۇپا ھەر بىرىدىن ئالتە گرامدىن، پاقىيوپۇرمىقى سۈيى ئالتە مىللىلىتىر، نىشاستە (كراخمال)، سەمغى ئەرەبى ھەر بىرى 10 گرامدىن، موم 33 گرامدىن، گۈ يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىنىدۇ. ئاق مومنى تۆمۈر قاچىغا سېلىپ پەس ئوتتا ئېرىتىپ، ئاندىن گۈل يېغى قويۇلدۇرۇپ ئوتتىن ئېلىۋېتىلىدۇ. ئۈستىگە تالقان دورىلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلاپ سەرتاننىڭ سىرتىدىن سۈرتىلىدۇ.

3) تاشپاقا مەلھىمى: تاشپاقىنى لايغا ئوراپ، تونۇردىكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، كۆيگەندىن كېيىن سوقۇپ تالقانلاپ كالا يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق مەلھەم تەييارلىنىدۇ. بۇ مەلھەم سەرتانغا سۈرتۈپ، تېڭىپ بېرىلسە ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

4) تېرە سەرتانىدا ئېچىشىش، كۆيۈسۈش ياكى قادىلىپ ئاغرىش يۈز بەرسە گىل ئەرمىنىنى ئىتئۈزۈمى سۈيى ياكى كۆك ئۈزۈم سۈيىگە (سىركە بولسىمۇ بولىدۇ) ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

5) تېرە سەرتانلىرى زېدىلىنىپ جاراھەتلەنگەن بولسا، كەندىردىن توقۇلغان پاكىز رەختنى ئىتئۈزۈمى سۈيىدە ھۆللەپ جاراھەت يۈزىگە يېپىپ بېرىلىدۇ. لاتا قۇرۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن دورا سۈيىدە پات − پات نەمدەپ تۇرۇش كېرەك. ئايال سۈتى بىلەن نەمدەپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. يۇيۇپ تازىلانغان تۇتىيا، گىلى مەختۇم، قىزىلگۈل ۋە گىلى ئەرمىنىنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ قەلەي ھاۋانچىدا گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ ئېزىپ جاراھەتكە چېپىلسىمۇ ياكى قىسقۇچپاقا كۆلىنى گۈل يېغى بىلەن مەلھەم قىلىپ چېپىپ بېرىلسىمۇ بولىدۇ. تېرە سەرتانىنى دەستىكار ئۇسۇلى بىلەنمۇ داۋالايمىز. بىراق يىلتىزىدىن ئېلىۋېتىش قىيىنراق بولغانلىقتىن قايتا تەكرارلىنىدۇ. شۇڭلاشقا سەرتاننى  بالدۇر بايقاپ بالدۇر دورا بىلەن داۋالىغان ياخشى ياكى بولمىسا دەستىكار ئۇسۇلى بىلەن ئىچىدىن دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. دەستىكار ئۇسۇلى بىلەن داۋالىغاندا ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆسمە ئۈنگەن ئورۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار داغلانسا يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشقا پايدىسى بار. نازۇك ئەزالار، قان تومۇر غوللىرى، ئەسەپ )نېرۋا( غوللىرى بار ئورۇنلارنى داغلاشقا بولمايدۇ.

دەستىكار ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن بۇرۇن سەرتان ئۆسمىسى بار ئورۇننىڭ ئەتراپىنى موم، گۈل يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئىسپىرت بىلەن بىرقانچە كۈن نەمدەپ ئۈستىدىن قوغۇشۇن مەلھىمىگە ئىسپىخول شىرنىسى بىلەن بىھى ئۇرۇقى سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ بېرىلسە، تېرىدىكى سەرتاننىڭ ئەتراپقا تارقالغان يىلتىزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن دەستىكار ئۇسۇلى بىلەن ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ ئاشكارىلانغان يىلتىزى داغلىنىدۇ. ئۆسمە كېسىلگەن ئورۇنغا ھۆل زۇپا، بېھى شىرىسى، موم، گۈل يېغى ۋە بىنەپشە ياغلىرى ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلانغان سۇيۇق مەلھەم بىلەن تېڭىلىدۇ. تېڭىق ماتېرىياللىرىنىڭ قۇرۇپ چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۈستىدىن ئىتئۈزۈمى سۈيى )ئايال سۈتىمۇ بولىدۇ( بىلەن نەمدەپ تۇرۇلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى تەھرىرلەش

مىزاجنى تەڭشەش، راك توقۇلمىسىنىڭ كېڭىيىشىنى كونترول قىلىش ۋە راك توقۇلمىسىنى يوقىتىش مەقسەتتە دورا ئارقىلىق داۋالاش ۋە دەستىكار ئۇسۇلى ئارقىلىق راك توقۇلمىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تەھرىرلەش

باشقا راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئوخشاشلا ساقلىقنى ساقلاش قائىرىلىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، مىزاج ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، نورمالسىز خىلىتلار جۈملىدىن كۆيگەن سەۋدا خىلىتى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بەدەندە مىزاج بۇزۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان كۆرۈنۈپ مىزاجنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بەدەن قۇۋۋىتىنى ساقلاپ بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

قامۇس

تەكلىپ بېرىڭ ئالاقىلىشىڭ قامۇس ھەققىدە

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

ئىزدە قامۇسى - ئىزدە تورى

© 2015 IZDA.COM