تېيىپچان ئىليوف

تېيىپچان ئىليوف

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، مەملىكەت ئىچى ھەم سىرتىدا زور ئابرويغا ئىگە بولغان ئاتاقلىق شائىر، ئەدەبىياتشۇناس ۋە جامائەت ئەربابى تىيىپچان ئىليوف 1930- يىلى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ قورغاس ناھىيسىدە مەرىپەتلىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1938- يىلدىن 1948- يىلغىچە قورغاس ناھىيسىدىكى باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ۋە دىني مەكتەپتە ئوقۇغان . 1948- يىلى 8- ئايدىن 1950- يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغچە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى « ئالغا گېزىتى » دە مۇھەررىر بولغان . 1950- يىلدىن 1955- يىلغىچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت بۆلۈم باشلىقى ، 1955- يىلدىن 1958- يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشىۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات - سەنئەت باشقارمىسنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ باش كاتىپى ، « شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى » ( ھازىرقى - « تارىم » ) ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . 1979- يىلى جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ 3- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيدا ۋە 1985- يىلى جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ 4- نۆۋەتلىك مەمىلىكەتلىك قۇرۇلتىيدا جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتى مىللەتلەر ئەدەبىياتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ، 1980- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەت بىرلەشمىسنىڭ 3- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيدا ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلانغان . ئۇ 1961- يىلدىن بۇيان جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتى شىنجاڭ شۆبىسنىڭ كەسپى يازغۇچىسى ئىدى. 1989- يىلى 2- ئاينىڭ 19 - كۈنى 69 - يېشىدا ۋاپات بولدى .

     تىيىپچان ئىليوف - يېڭى ھايات ۋە پارلاق كېلەچەكنىڭ يالقۇنلۇق كۈيچىسى ، ھەممىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن كۆپ مەھسۇلاتلىق شائىر . ئۇ 40 يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيتىدە شېئىر ئىجادىيتى بىلەن ئىزچىل شوغۇللىنىپ، مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ، باللادا ، داستان ۋە رۇبائىيلارنى يازغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى «شەرق ناخشىسى» ( ئالمۇتا « يېڭى ھايات » نەشىرىياتى 1951- يىل )، « تىنىچلىق ناخشىسى » ( مىللەتلەر نەشىرىياتى ، 1953- يىل ) ، « تۈگمەس ناخشا » ( مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1957- يىل)، « ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن» ( شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى ، 1963- يىل)، «زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار » ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1980- يىل)، «باھار ئىلھامى» ( مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1984- يىل)، «تاللانغان شېئىرلار » ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1985- يىل)، «تۆھمەت قۇربانى» ( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1986- يىل ) ، «يانتاق» ( مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1989- يىل ) قاتارلىق توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. «تىنىچلىق ناخشى (خەلىق ئەدەبىياتى نەشىرىياتى، 1956- يىل )، «تىيىپچان ئېليوف شېئىرلىرىدىن تاللانما» ( خەلىق ئەدەبىياتى نەشىرىياتى، 1982- يىل) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان . كۆپلىگەن شېئىرىلىرى ئېلىمىزدىكى قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، چاۋشىيەن قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان . بىر قىسىم شېئىرلىرى ئېنگىلىز ، رۇس ، فىرانسوز ۋە تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.