تەمىم ئىبنى بەھرىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىغا قىلغان ساياھەت خاتىرىسى

«تەمىم ئىبنى بەھرىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىغاقىلغان ساياھەت خاتىرىسى»

تەمىم ئىبنى بەھىر ئەل مۇتاۋىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ئۇ ئەرەب خەلىپىسىىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى ئىستېلا قىلغان چاغدا پىدائىي ئەسكەر بولغان ھەم مىلادىيە 760- 821- يىللار ئارىلىقىدا مەلۇم بىر ۋەزىپە بىلەن ئەينى دەۋرىدىكى ئەرەبلەر تەرىپىدىن توققۇز ئوغۇز دۆلىتى دەپ ئاتالغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ساياھەتكە بارغان. ئۇ ئەرەبلەر ئىچىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ئەڭ بۇرۇن ساياھەتكە كەلگەن ھەم ساياھەت خاتىرىسى يېزىپ قالدۇرغان كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنىڭ بىر قىسىمى ياقۇتنىڭ «جۇغراپىيە لۇغىتى» گە ۋە ئىبنى ئەل فاتىخنىڭ جۇغراپىيە ئەسىرىگە كىرگۈزۈلگەنلىكتىن ساقلىنىپ قالغان. ئا. ز. ۋەلىدى تۇغان تاپقان، تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىنى گېرمانىيەلىك پروفېسسور ۋالد تاپقان. كېيىن ئەنگىلىيەلىك ئىرانشۇناس ئالىم ۋ. مىنورسكى «تەمىم ئىبنى بەھىرنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىغا قىلغان ساياھەت خاتىرىسى» نى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق ئەللىرى ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا (1984-يىللىق 12-توپلام 2-سانىدا) ئىنگىلىزچە ئىزاھاتىلىرى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلغان.

تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە ئاساسلىقى ئۇنىڭ مىلادىيە 821-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە موڭغۇلىيە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ (توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ) پايتەختىگە بېرىش جەريانى بايان قىلىنغان. ئۇ خاتىرىسىدە قاغاننىڭ يۇيرۇقى بويىچە ھەر قايسى ئۆتەڭلەر تەمىنلىگەن ئاتقا مىنىپ، مەھەللەر-كەنت، شەھەر-بازار بولمىغان يايلاقتا 20-كۈن يول يۈرگەنلىكى، كېيىن يەنە ئاھالىلەر قويۇق ئولتۇراقلاشقان جايلاردا 20-كۈن يول يۈرۈپ ئاندىن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پايتەختىگە يېتىپ بارغانلىقى، ئۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى ئاتەشپەرەسلەر ۋە مانى دىنىدىكىلەر ئىكەنلىكى، قاغان شەھىرى ھەشەمەتلىك، 12 چوڭ تۆمۈر دەرۋازىسى بار، سودا-سېتىق گۈللەنگەن، بازارلىرى ئاۋات، ئاھالىسى زىچ، نوپۇسى كۆپ شەھەر ئىكەنلىكى، شەھەرنىڭ ئەتراپىدا مەھەللەر كەنتلەر يېقىن ھەم زىچ جايلاشقانلىقى، تېرىلغۇ يەرلەر بارلىقى، توققۇز ئوغۇز دۆلىتىنىڭ قاغانى جۇڭگو خانى بىلەن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، جۇڭگو خانى ھەر يىلى قاغانغا 500 مىڭ توپ يىپەك سوۋغا قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى خاتىرىلىگەن.

تەمىمنىڭ ساياھەت خاتىرىسى گەرچە بەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ، بىراق ئەرەبلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا بىر قەدەر يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ

بۇنىڭدىن باشقا، ئەرەب جۇغراپىيشۇناسلىرى ۋە تارىخچىلىرىدىن ياقۇبىنىڭ (897-يىلى ۋاپات بولغان) «تارىخىي تاقۇبى»، تەبەرىنىڭ «تارىخىي تەبەرى»، «پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار تارىخى»، ياقۇتىنىڭ «ئەللەر تەزكىرىسى»891-892-يىللىرى يېزىلغان ئىبىنى پاچىخنىڭ « ئەللەر تەزكىرىسى» (903-يىللىرى يېزىلغان)، مەسئودىنىڭ «نەسىھەتنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىمۇ 840-يىلدىن ئىلگىرىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار بار. ئىلگىرى بۇ ئەسەرلەردىكى توققۇز ئوغۇزلار، يەنە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىغا دائىر مەلۇماتلار ۋە خاتىرىلەر دۆلەت ئىچىدىكى تارىخ تەتقىقاتىچىلىرىنىڭ دىققەت –ئېتىبارىنى ئانچە قوزغىيالماي ياكى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنماي كېلىنگەنىدى. يېقىندا خۇاتاۋ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «غەربىي يۇرت تارىخىي تەتقىقاتى (8-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە)» دېگەن ئەسىرىدە يۇقىرىقى ئەسەرلەردىكى سىتىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەرەب ئاپتورلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر خاتىرىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئاساسىي جەھەتتىن ئەينى دەۋردىكى سەيياھلار، جۇغراپىيىشۇناسلار ۋە مەلۇم ۋەزىپىدىكى كىشلەرنىڭ ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرى بولغاچقا، ئۇلاردىكى مەلۇماتلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا دائىر خەنزۇچە ۋە قەدىمكى تۈركچە-ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە. شۇڭا، بۇ ئەسەرلەرمۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى ھېسابلىنىدۇ.