تەيەممۇم قىلىش: ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپ تۇرۇپ پاكىز توپىغا ياكى پاكىز قۇم ۋەياكى پاكىز تاش-كېسەكلەرگە بوشقىنە بىر قېتىم ئۇرۇپ يۈزىنى سىلاش، قولىنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ سول قول بىلەن ئوڭ بىلەكنى بېغىشىنىڭ سىرتىدىن جەينەككىچە سىلاش، ئاندىن جەينەكنىڭ ئىچىدىن بېغىشىغىچە سىلاش، قولنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇپ، ئوڭ قول بىلەن سول بىلەكنى يۇقىرىقى تەرتىپ بىلەن سىلاش.