تەڭرى ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ئىلاھ، خۇدا، پەرۋەردىگار بىلەن ئوخشاش مەنىدە. بولۇپمۇ بىر تەڭرىلىك دىنلار تەرىپىدىن كائىناتنىڭ بىرلا ياراتقۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بارلىقىغا ئىشىنىلىدىغان پەۋقۇلئادە مەۋجۇدىيەت.

كۆپ تەڭرىلىك دىنلاردا ئادەتتە ئىلاھلارنىڭ جىنسىيىتى بولىدۇ ۋە ئەركەكلىرى تەڭرى، ئاياللىرى ئىلاھە دەپ ئاتىلىدۇ.

دىنشۇناسلار ۋە پەيلاسۇپلار، تارىخ بويىچە سانسىزلىغان تەڭرى ئوقۇمى ۋە تۈشەنچىسىنى تەتقىق قىلغان. تەڭرىنىڭ بارلىقى، پەلسەپەنىڭ مېتاڧىزىك ۋە دىن پەلسەپەسى ساھەسىدە تەتقىق قىلىنغان مۇھىم بىر مەزمۇندۇر.