تەڭرىتاغ (ژۇرنال)

<تەڭرىتاغ> - قوش ئايلىق ئەدەبىي ژۇرنال بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدۇ، <تەڭرىتاغ> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ، 1986 - يىلى سىناق تەرىقىسىدە نەشر قىلىنىپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭىلىقى بىلەن خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان ھەم قىزغىن قارشى ئېلىنغان، 1987 - يىلدىن تارتىپ مەملىكەت ئىچىدە ئاشكارا، بىر تۇتاش تارقىتىلىشقا باشلىغان، 1992 - يىلدىن تارتىپ خەلقئاراغىمۇ تارقىتىلىدىغان بولغان. ژۇرنالدا ھازىر <پوۋېست>، <ھېكايىلار>، <شېئىرلار>، <ئىزدىنىش، سىناق، يېڭىلىق>، <شېئىر ۋە باھا>، <نەسرلەر>، <مىكرو ماقالىلەر>، <تۇنجى ئەسەر>، <يۈزمۇيۈز>، <چەت ئەل شېئىرىيىتىدىكى يېڭى نەمۇنىلەر>، <جۇڭگو شېئىرىيىتىدىكى يېڭى نەمۇنىلەر>، <كلاسسىكلىرىمىز> قاتارلىق سەھىپىلەر بار. ژۇرنالنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى <دەۋر روھى، يەرلىك خۇسۇسىيەت، ياشلار ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئۇسلۇب> نى گەۋدىلەندۈرۈش[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش