جامائەتچىلىك ئادىتى

جامائەت ئىشلىرىغا قىزغىن قاتنىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر ئېسىل ئەنئەنىسى، بۇ ئەنئەنىنى ئۇيغۇرلاردىكى ئۆملۈك قاراشنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ گەۋدىلىك ھالدا ئىجتىمائىي ھەمكارلىق، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

1) ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەھەتتە، مەيلى يېزا ياكى شەھەردە بولسۇن جامائەت ئىشىغا پايدىلىق ئىشلار بولسا، ئالايلۇق، يول - كۆۋرۈك ياساش، ئېرىق - ئۆستەڭ قېزىش، ئاممىۋى سورۇنلارنى ياساش، ئېرىق - ئۆستەڭ قېزىش، ئاممىۋى سورۇنلارنى ياساش، يار - يۆلەكسىز تۇل خوتۇن، ئاجىز - ئورۇق، يېتىم - يېسىرلارنى يۆلەش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش ... قاتارلىق ئىشلارنى ھەربىر جامائەت ساۋابلىق ئىش، <ئەلدىن ئەلگە نەپ> دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە قىزغىن قاتنىشىپ ئادەتلەنگەن. مۇنداق ھەمكارلىشىش ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يول، كۆۋرۈك، ئېرىق - ئۆستەڭ ياساش ۋە ئاممىۋى سورۇن قۇرۇلۇشلىرىغا كۈچى بارلار كۈچ، كۈچى يوق مېلى بارلار مال چىقىرىدۇ. باشقا نەرسىگە قۇدرىتى يەتمەيدىغانلار چاي قاينىتىپ، تاماق ئېتىپ بېرىش، يۈگۈر - يېتىمگە مېڭىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ. ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا پۈتۈن مەھەللە ھەىرىكەتكە كېلىپ، جىددىي ماددىي قۇتقۇزۇش قىلىشتىن تاشقىرى، جامائەت بىر - بىرلەپ كېلىپ ھال سوراپ، كۆڭۈل ئېيتىپ تەسەللى بېرىدۇ. يوقسۇل، ئاجىز - ئورۇق، تۇل - خوتۇن، يېتىم - يېسىرلارنى ئارىلاپ - ئارىلاپ كونا - يېڭى كىيىم - كىچەك، ئاز - تولا ئوزۇق - تۈلۈك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ يىغىم - قىرقىمدىن كېيىن ئاز - تولا ئاشلىق، بىرەردىن يۇڭ - چۇپۇر بىلەن مەخسۇس يوقلايدۇ. قولۇم - قوشنىلىرى كۈندە دېگۈدەك بىرەر قاچا غىزا - تاماق سۇنۇپ تۇرىدۇ.

2) ئىشلەپقىرىش جەھەتتە، ئىشلەپقىرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىق، بولۇپمۇ يېزا - قىشلاقلاردا كەڭ ئومۇملاشقان. مەلۇمكى ئازادلىقتىن بۇرۇن مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقانلار بىرەر پارچىدىن يەرگە تايىنىپ ياشايتتى. بەزىلەرنىڭ يېرى بولسا، بەزىلىرىنىڭ يېرى يوق، ئەمگەك كۈچى ئاز قاتارلىق ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىق پەسىل - ۋاقىت خاراكتېرى كۈچلۈك، ئەمگەك سىجىللىقى بىر قەدەر قاتتىق بولۇپ، ۋاقىت - پەيت ئۆتۈپ كەتسە مەھسۇلاتقا بىۋاستە تەسىر يېتىدۇ. بۇ ھال دېھقانلار ئىچىدە تەدرىجىي ستخىيىلىك ھەمكارلىشىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن تېرىم - يىغىم، قىرقىم، ئوت ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا ھەمكارلىقنى كەڭ جارى قىلدۇرۇش تەدرىجىي ئىجتىمائىي ئادەتكە ئايلانغان. بۇ خىلدىكى ھەمكارلىشىش شەكلى لاپقۇتلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. لاپقۇتلىشىش ئەمگەك كۈچى بويىچە ياكى ئەمگەك كۈچىگە ئىشلەپقىرىش قوراللىرىنى نىسبەتلەشتۈرۈش ياكى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بويىچە ھەقسىز نۆۋەتلىشىپ ئالماشتۇرۇش شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەجدادلىرىمىز بۇ جەھەتتىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ بىزگە <پەيت كەتسە بەرىكەت قاچار>، <كۈندىن قالغان يىلدىن قالار>، <ئەتىگە قالغان ئىشنى قار باسار> دېگەن ماقالىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

ئازادلىقتىن كېيىن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە خاتىمە بېرىلگەندىن باشلاپ كەڭ يېزا - قىشلاقلىرىدا كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، لاپقۇتلىشىش شەكلىدىكى ھەمكارلىشىشنى كوللېكتىپ ھەمكارلىشىش ئالدى. بۇ كىشىلەردە يېڭىچە ئۆملۈك قارشى، كوللېكتىپ قارىشىنىڭ يېتىلىشىگە ماددىي، مەنىۋى ئاساس يارىتىپ بەردى. ھازىر ئۇنداق ھەمكارلىشىش ئادىتى يېڭى مەزمۇن بىلەن بېيىپ يەنىلا ھەرخىل شەكىلدە داۋاملاشماقتا.

مەلۇمكى ئۆي سېلىش، ئەر ئۆمرىدە بىر قېتىم بولىدىغان ھەتتا بەزىلەرگە نېسىپ بولمايدىغان، جۈملىدىن كۆپ ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىنىدىغان مۈشكۈل ئىشلاردىن، شۇ سەۋەبتىن كەڭ يېزىلاردا ئۆي سېلىش بويىچىمۇ ھەقسىز ھەمكارلىشىش ئادىتى كەڭ ئومۇملاشقان؛ ئۆي سالغۇچى تەييارلىقلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قازان ئېسىپ، داستىخان ھازىرلاپ قولۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرىنى تەكلىپ قىلىپ مەسلىھەت سالىدۇ. كۆپچىلىك داستىخان تەكلىپ قىلىپ مەسلىھەت سالىدۇ. كۆپچىلىك داستىخان ئۈستىدىلا ئۆينى قانداق سېلىش، قايسى كۈنى تۇتۇش قىلىش ئۈستىدە پىكىرلىشىپ بىرلىككە كېلىشىدۇ ۋە بەلگىلەنگەن كۈندە ھەممە بىر ۋاقىتتا يېتىپ كېلىپ، قولمۇ قول تۇتۇش قىلىپ، بىر - ئىككى كۈندە ئۆينى پۈتكۈزۈپ، كۆچۈپ كىرگۈدەك قىلىپ بېرىپ قايتىدۇ.

ئىقتىسادىي ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ناچار ھەم ياقا يۇرتلاردىن مۇساپىر بولۇپ كېلىپ قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن ئۆيدىن قىيلىنىۋاتقانلار كۆرۈلسە، پۈتۈن مەھەللە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇنداقلارغا ئۆي سېلىپ بەرگەندىن تاشقىرى بىرەر قۇر ئۆي بىساتىمۇ قىلىپ بېرىدۇ.

3) تۇرمۇش جەھەتتە، تۇرمۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىشىشنىڭ دائىرىسى كەڭ، شەكلى كۆپ بولۇپ، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قوشنىدارچىلىق، يۇرتداشلىق قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

توي - تۆكۈن جەھەتتە: <توي> ئادەم ئۆمرىدىكى چوڭ خۇشاللىق ۋەقە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەجدادلارمۇ بۇ خۇشاللىققا ئورتاقلىشىشنى ئادەت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇرت - مەھەللىدە توي بولسا، ئۇنىڭدىن خەۋەر تاپقانلار، بولۇپمۇ قۇلۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلەر ئۆزلۈكىدىن كېلىپ <مۇبارەك بولسۇن، ياخشى ئىشقا قوپۇپسىلەر، بىزگە نېمە خىزمەت بار> دەپ ئىش تەلەپ قىلىدۇ. قازان - قومۇچ، قاچا - قۇچا، مەرىكە نازۇنېمەتلىرىنى ھازىرلاش، مېھمان كۈتۈش - ئۇزىتىش، قولغا سۇ ئېلىش، چاي قۇيۇش، چاي قاينىتىش ... بويىچە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ تا مەرىكە ئاخىرلاشقۇچە خالىسانە ياردەملىشىدۇ. ئايال قولۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقانلار مەرىكە ھازىرلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ ھەركۈنى دېگۈدەك شۇ ئۆيدە بولۇپ، مەرىكە ئېشىنىڭ سەۋزىسىنى توغراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەييارلىق ئىشىغا يېقىندىن ياردەملىشىدۇ. ئايال مېھمانلارنى كۈتۈش - ئۇزىتىش، چىنە - قاچىلارنى يۇيۇپ تازىلاش، مەرىكە سورۇنىنى يىغىشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغىچە شۇلار مەسئۇل بولىدۇ.

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئۇزۇنغىچە ئۆي - ئوچاقلىق بولالمىغان يوقسۇل، يېتىم - يېسىرلارنى جامائەت ئۆز ئىختىيارى يىغىش قىلىپ ئۆيلەپ قويىدۇ.

مەلۇمكى ئۆيدىن قاتتىق ئىش يوق. شۇنىڭدەك بەزى ئۆلۈم تۇيۇقسىز يۈز بېرىدۇ. تەبئىيكى، بۇ ھال كىشىلەر قەلبىدە بىرخىل قايغۇ ۋە ئۆلۈم ئىگىسىگە ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى بۇنداق پىخسىك ھالەت مۇسىبەتدارنىڭ قايغۇسىغا ئورتاقلىشىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل ئېيتىپ تەسەللى بېرىش، ھەر جەھەتتىن يېتىك بولۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەھەللىدە بىرەر كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلار مەرھۇم ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن تونۇشلۇقى بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق مۇھىم ئىشى بولۇشىغا قارىماي كوللېكتىپ ياكى يەككە ھالدا مۇسىبەت بولغان ئۆيگە پەتە ئوقۇيدۇ ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. قولۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرى ئۈچ كۈنگىچە، بەزىلىرى يەتتە كۈنگىچە شۇ ئۆيدە تەڭقارىلىق تۇتۇپ ھەمراھ بولىدۇ. يۇرت - جامائەت ئەھلى ئىسسىقلىق بېرىپ، تەسەللى بېرىپ ھال سوراپ تۇرىدۇ. نەزىر - چىراغ ئىشىغا خۇددى توي ئىشىغا ياردەملەشكەندەك خالىس ياردەملىشىدۇ.

بالا - چاقىسى يوق ياكى ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئادىمى يوق مۇساپىر ۋە يېتىم - يېسىرلار تۈگەپ كەتكەن تەقدىردە، ئۇ <خالىس ئۆلۈم> ھېسابلىنىپ، يۇيۇپ - تاراپ دەپنە قىلىش ئىشلىرىغا قەدەر جامائەت مەسئۇل بولىدۇ.

4) ئۆتنە - يېرىم قىلىش جەھەتتە، ئۆتنە - يېرىم قىلىشمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنىڭ بىر شەكلى بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇملىرى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆتنە - يېرىم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ① تۇرمۇش بۇيۇملىرى جەھەتتە: بۇ ئاساسەن ئۇن، گۈرۈچ، گۆش - ماي، نان - چاي، قەنت - شېكەر، كۆكتات، تۇز، ئاچچىقسۇ قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بويىچە پەقەت قولۇم - قوشنىلار ئارا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مەلۇمكى، ھەممە ئادەمنىڭ ھەممىلا ۋاقىتتا توققۇزى تەل بولىۋەرمىگەندەك بىر ئۆيدىمۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىرەر تۈرىنىڭ ئۆكسۈپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ. دەل شۇنداق پەيتلەردە، كۈتۈلمىگەندە شۇنداق بۇيۇمغا جىددىي ئېھتىياج تۇغۇلۇپ قالىدۇ - دە، قولۇم - قوشنىلاردىن سوراشقا توغرا كېلىدۇ. ئەسلى قائىدە بويىچە مۇشۇنداق قىلىنغان ئۆتنە - يېرىم ئەتىسىگىلا ئەسلى مىقدارى بويىچە قايتۇرۇلۇشى شەرت، چۈنكى ئۇنىڭ مىقدارى ئاز ۋە ئۇنداق ئېھتىياج قوشنىلار ئارا دائىم تۇغۇلۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن كۆپىنچە ھاللاردا قوشنىلار ئېلىشنى رەت قىلىدۇ؛ ② ئىشلەپچىقىرىش بۇيۇملىرى جەھەتتە: بۇ جەھەتتىكى ئۆتنە - يېرىم قىلىشنىڭ دائىرىسى كەڭ. ئىشقىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ئارغامچا - توقىناققىچە ئۆتنە - يېرىم قىلىنىدۇ. بۇزۇلۇپ، يوقىلىپ كەتسە تۆلەپ بېرىلىدۇ؛ ③ ئىقتىسادىي جەھەتتە: بۇ جەھەتتىكى ئۆتنە - يېرىم ئاشلىق، مال - چارۋا، پۇل - ئېرىغ، مال، ئاياللار زىننەت بۇيۇملىرى (تويلۇق زۆرۈرىيىتى بىلەن)، كىيىم - كىچەك، ئۆي بېساتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادىي ئۆتنە - يېرىم ئادەتتە توختام تۈزۈش ياكى بىر ئىككى ئادەمنىڭ شاھىدلىقى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئەينەن قايتۇرۇلىدۇ، يېقىن ئۆتىدىغان جان دوستلار ئارا ئىقتىسادىي ئۆتنە - يېرىمدا ھېچقانداق شەرت قويۇلمايدۇ. چۈنكى مۇنداق دوستلار ئارا مال - دۇنيا تۇتۇلمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بىرىنىڭ قىلغىنىغا جاۋابەن بىرى ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ قايتۇرىدۇ.

مەيلى قايسى خىلدىكى ئۆتنە يېرىم سوراش بولمىسۇن تاسادىبىي، كۈتۈلمىگەن، جىددىي ئېھتىياج ئارقىسىدا تۇغۇلغاچقا سورىغۇچى قارشى تەرەپكە مىڭ بىر تەسلىكتە ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا ئۆتنە - يېرىم سوراش ئەيىب ئېلىنمايدۇ. مۇمكىنچىلىك بولسىلا قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى قاندۇرۇلىدۇ. <بەرگەن باتۇر ئەمەس، سورىغان باتۇر> دېگەن ماقال ئاشۇ ئادەت - ئەنئەنە ئاساسىدا مەيدانغا چىققان.

بەش قول ئوخشاش بولمىغىنىدەك ئۆتنە - يېرىمغا قېرىق ئادەم، ئائىلىلەرمۇ بار. ئۇنداق ئادەم، ئائىلىلەر <ئېلىشقا مۇلايىم، بېرىشتە نىمە كارىم>، <ئالسام، بەرمىسەم>نىڭ كويىدىلا بولىدۇ. مۇنداق ئادەملەر ئادەتتىكى ئۆتنە - يېرىمدىن باشقا ئىشلاردىمۇ <ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالغۇچە نەزىر> پوزىتسىيىسىدە بولغاچ، ئۇلارنىڭ قولۇم - قوشنا ۋە يۇرت جامائەت ئالدىدا قىلچە ئىناۋىتى بولمايدۇ. مۇنداق ئادەملەرنىڭ ئوبرازى <ياغاچ قازاندا بىر قېتىملا ئاش پىشىدۇ> دېگەن ماقالىدا ناھايىتى جانلىق سۈرەتلەنگەن.