جىبرىئىل ياكى جەبرائىل، (ئەرەبچە: جبرائيل ياكى جبريل ئىبرانىچە: 'גַּבְרִיאֵל')، جىبرىئىل ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، رۇھۇلقۇددۇس ھەم دېيىلىدۇ. جىبرىئىل بولسا ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزەدۇرغان پەرىشتە، جىبرىئىل ئاللاھتائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي ئېلىپ كېلىشتە ئىنسان سۈرىتىدە كېلەتتى.