جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى

== جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پاسپورت قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىس پەرمانى ئەللىكىنچى نومۇرلۇق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29 - كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزالىرى 21- يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىنىدۇ . 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى


بىرىنچى ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش، ئىمزالاپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى قوغداش ،سىرتقى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.

ئىككىنچى ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورتى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىش ۋە دۆلەت سىرتىدا دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامە.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىس پاسپورتنى يالغاندىن ياساشقا ، ئۆزگەرتىشكە، ئارىيەت بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ، قەستەن بۇزۇشقا ھەم قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى ماددا پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى، دۆلەت ئىشى پاسپورتى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.

پاسپورت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.

تۆتىنچى ماددا ئادەتىتكى پاسپورت بولسا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگىنى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

دىپلوماتىيە پاسپورتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى بولسا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلار ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ئۆلكە-ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ، رايوندىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.

بەشىنچى ماددا پۇقرالار چەتكە چىقىپ ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئۆگنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت، سودا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشى بولمىغان سەۋەبلەردىن چەتكە چىقماقچى بولغاندا ئالاقىدار كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق يەردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىشنى ئىلتىماسى قىلىدۇ.

ئالتىنچى ماددا پۇقرالار ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماسى سۇنغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش سۈرىتى شۇنداقلا ئىلتىماس سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرى بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدىكى سەۋەبلەر بىلەن پاسپورت ئىلتىماس قىلغاندا يەنە چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلەيدۇ.

جامائەت خەۋپسىزلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك ؛بەلگىلىمىگە خىلاپلىرىغا چوقۇم سەۋەبىنى يازمىچە ئىزاھلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش ياكى مەمۇرىي ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

چەت- ياقا رايونلار ياكى قاتناش قولايسىز رايونلار ياكى ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن پاسپورتنى ۋاقتىدا تارقىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئەھۋالدا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن تارقىتىش ۋاقتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتىشقا بولىدۇ .

پۇقرالار مۇۋاپىق جىددى ئىشلار سەۋەبىدىن جىددى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغاندا جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك .

يەتتىنچى ماددا ئادەتتىكى پاسپورتتا تىزىملىنىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان يەر، پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىلغان ۋاقىت، ئىناۋەتلىك ۋاقتى، تارقىتىلغان يەر ۋە تارقىتىلغان ئورۇن.

ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: پاسپورت ئىگىسى 16 ياشقا توشمىغان بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 5يىل، 16 ياشتىن يۇقىرى بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولىدۇ .

ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ ئىمزالاپ تارقىتىش كونكرېت جەريانى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

سەككىزىنچى ماددا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ، كونسۇلخانا خادىملىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىك ئالاقىچىلار دىپلوماتىيە پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ .

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئورگىنى شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەندىن باشقا پۇقرالار چىگىردىن چىقىپ دۆلەت ئىشى بېجىرگەندە ئالاقىدار خادىم تۇرۇشلۇق ئورۇن بۇ قانۇننىڭ 4-ماددىسى 2-،3- تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئېھتىياجغا ئاساسەن دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى دۆلەت ئىشى پاسپورتىنى ئىمزالاپ تارقىتىدۇ.

توققۇزىنچى ماددا دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا تىزىملىنىدىغان تۈرلەر تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ، جىنسى ، تۇغۇلغان ۋاقتى ، تۇغۇلغان جايى ، پاسپورت تارقىتىلغان ۋاقىت ، پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ، تارقاتقان ئورگان .

دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ تارقىتىلىش دائىرسى ، ئىمزالاپ تارقىتىش چارىسى ، ئىناۋەتلىك ۋاقتى ۋە دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ كونكرېت بۆلۈنۈشى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

ئونىنچى ماددا پاسپورت ئىگىسىنىڭ پاسپورتتا خاتىرلەنگەن ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىشى بولغاندا ، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالىغا ئاساسەن پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقاتقان ئورۇنغا ئۆزگەرتىش ، ئىزاھلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئون بىرىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا پاسپورت ئىگىسى بەلگىلىمىگە ئاساسەن پاسپورتنى ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

1.پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالغان؛

2.پاسپورت ۋىزا بىتى ئىشلىتىلىپ تۈگىگەن؛

3.پاسپورت يىرتىلىپ كەتكەن ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ؛

4.پاسپورتى يۈتۈپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان ؛

5.پاسپورت ئالماشتۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشكە مۇۋاپىق ئاساسى بار .

پاسپورت ئىگىسى پاسپورت ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىش ئىلتىماسىنى دۆلەت ئىچىدە بولسا پاسپورت ئىگىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ؛ دۆلەت سىرتىدا بولسا پاسپورت ئىگىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا، ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىغا سۇنىدۇ .

دىپلوماتىيە پاسپورتى ، ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇش ، تولۇقلاپ بېجىرىشتە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ .

ئون ئىككىنچى ماددا پاسپورت كۆرۈپ ئوقۇلىدىغان ۋە ماشىنىدا ئوقۇلىدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە .

پاسپورتنىڭ يالغاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارى خەلقئارالىق تېخنىكىلىق ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدۇ.

پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاسپورت ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك .

ئون ئۈچىنچى ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى كۆرۈلگەنلەرگە پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان پاسپورت بەرمەيدۇ :

1.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئەمەسلەر ؛

2.سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا بولمىغانلار ؛

3.پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئالدامچىلىق قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەر ؛

4.جىنايى جازا سەۋەبىدىن ھازىر جازا ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار ؛

5.خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تاماملانمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى سەۋەبىدىن چىگىردىن چىقىشقا بولمايدۇ دەپ ئۇقتۇرۇلغانلار ؛

6.جىنايى ئىشلار دېلو جاۋابكارى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرى ؛

7.گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىگىردىن چىققاندىن كىيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ كەلتۈرىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ دەپ قارالغانلار ؛

ئون تۆتىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى سادىر قىلغانلارغا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن شۇ شەخىسنىڭ جىنايى جازا ئۆتەپ بولغان ياكى دۆلەتكە قايتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىپ بەرمەيدۇ :

1.دۆلەت چېگرا باشقۇرۇشىغا زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبلىك جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ؛

2.قانۇنسىز چېگىرىدىن چىقىش ، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش ، قانۇنسىز خىزمەت تېپىش سەۋەبىدىن مەجبۇرى دۆلەتكە قايتۇرۇلغانلار ؛

ئون بەشىنچى ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ، مەمۇرىي نازارەت ئورگانلىرى دېلو بېجىرىش ئېھتىياجى بىلەن قانۇنغا ئاساسەن دېلوغا ئالاقىدار شەخىسنىڭ پاسپورتىنى تۇتۇپ قىلىشقا بولىدۇ .

ئون ئالتىنچى ماددا پاسپورت ئىگىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىنى يوقاتقاندا ياكى پاسپورت يۈتۈپ كەتكەندە ، ئوغۇرلانغاندا پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

يالغاندىن ياسىغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ، ئالداپ ئىلىنغان ياكى ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنغان پاسپورت كۈچكە ئىگە ئەمەس .

ئون يەتتىنچى ماددا ساختىپەزلىك قىلىپ ئالداپ ئىلىنغان پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

ئون سەككىزىنچى ماددا باشقىلارغا يالغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت تەمىنلىگۈچىلەر ياكى پاسپورت ساتقۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ؛ جىنايى ئىشلار جازاسىغا توشمىغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز ئىرىشكەن مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ، 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ، 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ . قانۇنسىز پاسپورت ھەمدە بېسىش ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ .

ئون توققۇزىنچى ماددا يالغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ پاسپورتى بىلەن چىگىردىن كىرىپ -چىققۇچىلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چىگىردىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىدۇ .

يىگىرمىنچى ماددا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان خىزمەتچىلىرى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلسە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ؛جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .

1.قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىكلىرىنى قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار ؛

2.نامۇۋاپىق سەۋەب بىلەن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزالاپ تارقاتمىغانلار ؛

3.دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق .ئالغانلار ؛

4.ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پار تەلەپ قىلغان ياكى پار قوبۇل قىلغانلار ؛

5.ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا ئىرىشكەن شەخسى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلار ؛

6.ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش ، نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشى بارلار ؛

يىگىرمە بىرىنچى ماددا ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ شەكلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ ھەم نازارەت قىلىنىدۇ .

يىگىرمە ئىككىنچى ماددا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەننەرخ ھەققى ، ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئالسا بولىدۇ . يىغىلغان تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ .

پاسپورت تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن باھا مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقى بەلگىلەپ ئىلان قىلىنىدۇ .

يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا چەتكە قىسقا مۇددەتلىك چىققان پۇقرالار چەتئەلدە پاسپورت يۈتۈپ كېتىش ، ئوغۇرلىنىش ياكى بۇز ۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولماسلىق ئەھۋاللىرىدا چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئورگانلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك .

يىگىرمە تۆتىنچى ماددا پۇقرالار چېگرا سودىسى ، چېگرا ساياھەت مۇلازىمىتى ياكى چېگرا ساياھىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەت جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چىگىردىن كىرىش چىقىش يول خېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .

يىگىرمە بەشىنچى ماددا پۇقرالار دېڭىزچى سالاھىيىتىدە چىگىردىن كىرىپ چىققاندا ۋە چەتئەل پاراخوتلىرىدا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندا چوقۇم قاتناش مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان دېڭىز ئىشلىرى باشقۇرۇش ئورگىنىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىزچىلار كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك .

يىگىرمە ئالتىنچى ماددا بۇ قانۇن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلىدۇ . بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىمزالاپ تارقىتىلغان پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە