جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى

1994 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1994 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ34 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)


1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ تەھرىرلەش

1 ‿ماددا بۇ قانۇن ئېلان پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېلانچىلىقنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ساقلاش، ئېلاننىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئېلان پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان قىلغۇچى بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان تاۋار تىجارەتچىسى ياكى مۇلازىملىق قىلغۇچى چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزى ساتىدىغان تاۋار ياكى قىلىدىغان مۇلازىملىقنى مەلۇم ۋاسىتە ياكى شەكىل ئارقىلىق بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تونۇشتۇرىدىغان سودا ئېلانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان ئىگىسى تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئېلاننى ئۆزى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ لايىھىلىگەن، تەييارلىغان، ئېلان قىلغان قانۇنىي ئىگە، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلات ياكى شەخسنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان تىجارەتچىسى ھاۋالە بويىچە ئېلان لايىھىلىگەن، تەييارلىغان ۋە ۋاكالىتەن مۇلازىملىق قىلىدىغان قانۇنىي ئىگە، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلات ياكى شەخسنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلان قىلغۇچى ئېلان ئىگىسى ياكى ئېلان ئىگىسى ھاۋالە قىلغان ئېلان تىجارەتچىسى ئۈچۈن ئېلان قىلىپ بېرىدىغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ. 3 - ماددائېلان چىن، قانۇنلۇق، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 4- ماددائېلاندا ساختا مەزمۇن بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ، ئېلان ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى ئالداشقا، ئازدۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. 5 ‿ماددا ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان قىلغۇچى ئېلان پائالىيىتىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، ئادىل، سەمىمىي بولۇشى، ئىناۋەتنى ساقلاش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. 6 ‿ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىدۇر.

2 - باب ئېلان مىزانى تەھرىرلەش

7 ‿ماددا ئېلان مەزمۇنى خەلقنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا، تاۋار، مۇلازىملىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا، ئىجتىمائىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشقا، دۆلەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. ئېلاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ: (1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بەلگىسى، دۆلەت شېئىرىنى ئىشلىتىش؛ (2) دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ نامىنى ئىشلىتىش؛ (3) «دۆلەت دەرىجىلىك»، «ئالىي»، «ئەڭ ياخشى» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش؛ (4) جەمئىيەت تىنچلىقىغا دەخلى قىلىش، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش؛ (5) جەمئىيەت تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈش ۋە ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇزۇش؛ (6) شەھۋانىيلىق، خۇراپىيلىق، تېررورلۇق، زوراۋانلىق، رەزىللىككە ياتىدىغان مەزمۇنلار بولۇش؛ (7) مىللىي، ئىرقىي، دىنىي، جىنسىي كەمسىتىشكە ياتىدىغان مەزمۇنلار بولۇش؛ (8) مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى قوغداشقا دەخلى يەتكۈزۈش؛ (9) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا ئەھۋاللار. 8 - ماددائېلاننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە مېيىپلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 9 - ماددائېلاندا ئىپادىلەنگەن تاۋارنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئىشلەنگەن ئورنى، ئىشلىتىلىشى، سۈپىتى، باھاسى، ئىشلەپ چىقارغۇچىسى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ۋە ۋەدە ياكى مۇلازىملىقنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، سۈپىتى، باھاسى ۋە ۋەدە ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك. ئېلاندا تونۇشتۇرۇلغان تاۋار سېتىش ياكى مۇلازىملىق قىلىشتا سوۋغات قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئىپادىلەنسە، سوۋغاتنىڭ تۈرى ۋە سانى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. 10 - ماددائېلاندىكى سانلىق مەلۇمات، ستاتىستىكىلىق ماتېرىيال، تەكشۈرۈش نەتىجىسى، نەقىل ئۈزۈندىلەر چىن، توغرا بولۇشى ھەم ئېلىنغان ئورنى ئېنىق يېزىلىشى لازىم. 11 - مادداپاتېنتلىق مەھسۇلات ياكى پاتېنت ئۇسۇلىغا چېتىشلىق ئېلاندا پاتېنت نومۇرى ۋە پاتېنت تۈرى ئىزاھلىنىشى كېرەك. پاتېنت ھوقۇقى يوقلارنى ئېلاندا پاتېنت ھوقۇقى بار دېيىشكە يول قويۇلمايدۇ. پاتېنت ھوقۇقى بېرىلمىگەن پاتېنت ئىلتىماسى ۋە ئاخىرلاشتۇرۇلغان، بىكار قىلىنغان، ئىناۋەتسىز قىلىنغان پاتېنتتىن پايدىلىنىپ ئېلان بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. 12 - ماددائېلاندا باشقا ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىملىقىنى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. 13 - ماددائېلان پەرق ئەتكىلى بولىدىغان، ئىستېمالچىلار ئېلان ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئېلانلارنى ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر شەكلىدە بېرىشكە بولمايدۇ. ئىستېمالچىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بېرىلگەن ئېلانلارغا ئېلان بەلگىسى قويۇپ، ئۇنى ئېلانغا كىرمەيدىغان باشقا ئۇچۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. 14 - ماددادورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئېلانلىرىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك: (1) دورىنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمىنى چۈشەندۈرىدىغان ئىلمىي بولمىغان ھۆكۈم ياكى كاپالەت؛ (2) شىپالىق نىسبىتى ياكى ئۈنۈم نىسبىتىنى چۈشەندۈرۈش؛ (3) باشقا دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ رولى، ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش؛ (4) تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ئىلمىي تەتقىقات ئورنى، داۋالاش ياكى مۇتەخەسسىس، دوختۇر، بىمارلارنىڭ نامى ۋە ئوبرازىنى ئىسپاتلىققا تارتىش؛ (5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار. 15 - ماددادورا ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنىدا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان چۈشەندۈرۈش ئۆلچەم قىلىنىشى شەرت. دۆلەت دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىشنى بەلگىلىگەن داۋالاش دورىسى ئېلانىغا «دوختۇرنىڭ رېتسىپى بويىچە سېتىۋېلىڭ ۋە ئىشلىتىڭ» دېگەن ئەسكەرتىش بېرىلىشى شەرت. 16 ‿ماددا ناركوز دورىسى، روھىي كېسەل دورىسى، زەھەرلىك دورا، رادىئوئاكتىپلىق دورا قاتارلىق ئالاھىدە دورا توغرىسىدا ئېلان بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. 17 ‿ماددا دېھقانچىلىق دورىسى ئېلانىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولماسلىقى كېرەك: (1) «زەھەرسىز»، «زىيانسىز» دېگەندەك سۆزلەر، بىخەتەرلىكنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىدىغان سۆزلەر؛ (2) رولى ۋە ئۈنۈمىنى چۈشەندۈرىدىغان ئىلمىي بولمىغان ھۆكۈم ۋە كاپالەت؛ (3) دېھقانچىلىق دورىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش قائىدىسىگە خىلاپ خەت، سۆز ياكى رەسىملەر؛ (4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا مەزمۇنلار. 18 ‿ماددا رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرناللاردا تاماكا ئېلانى بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەر خىل كۈتۈش زالى، كىنو - تىياتىرخانا، يىغىن زالى، تەنتەربىيە مۇسابىقە مەيدانى (سارىيى) قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا تاماكا ئېلانى چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ. تاماكا ئېلانىدا «تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دەپ يېزىپ قويۇش شەرت. 19 ‿ماددا يېمەكلىك، ھاراق، پەرداز بۇيۇمى ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى سەھىيە ئىجازىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت، داۋالاش سۆز - ئاتالغۇلىرىنى ياكى دورا سۆز - ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان سۆز - ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

3- باب ئېلان پائالىيىتى تەھرىرلەش

20 - ماددائېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچى ئېلان پائالىيىتىدە قانۇن بويىچە يازما توختام تۈزۈپ، تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق - مەجبۇرىيىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. 21 ‿ماددا ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچىنىڭ ئېلان پائالىيىتىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ناتوغرا رىقابەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 22 ‿ماددا ئېلان ئىگىسى ئۆزى ۋە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ، ئۆزى ئېلان لايىھىلەپ، تەييارلاپ، ئېلان قىلىپ ساتىدىغان تاۋار ياكى قىلىدىغان مۇلازىملىق ئېلان ئىگىسىنىڭ تىجارەت دائىرىسىدە بولۇشى كېرەك. 23 ‿ماددا ئېلان ئىگىسى ئېلان لايىھىلەش، تەييارلاش ۋە ئېلان قىلىشنى قانۇنلۇق تىجارەت سالاھىيىتىگە ئىگە ئېلان تىجارەتچىسى ياكى ئېلان قىلغۇچىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك. 24 ‿ماددا ئېلان ئىگىسى ئۆزى ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ، ئېلان لايىھىلەش، تەييارلاش، ئېلان قىلىشتا تۆۋەندىكىدەك چىن، قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە ئىسپات ھۆججىتىگە ئىگە بولۇشى ياكى ئۇنى يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك: (1) تىجارەت كىنىشكىسى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سالاھىيىتى ھەققىدىكى باشقا ئىسپات ھۆججىتى؛ (2) سۈپەت تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتنىڭ ئېلاندىكى تاۋار سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ھۆججىتى؛ (3) ئېلان مەزمۇنىنىڭ چىنلىقى ھەققىدىكى باشقا ئىسپات ھۆججىتى. بۇ قانۇننىڭ 34 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن چىقىرىلىدىغان ئېلاننى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا تەكشۈرتۈشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار تەستىقىي ھۆججەتلەرنىمۇ يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. 25 ‿ماددا ئېلان ئىگىسى ياكى ئېلان تىجارەتچىسى ئېلاندا باشقىلارنىڭ نامى، ئوبرازىدىن پايدىلانماقچى بولسا، ئاۋۋال شۇ كىشىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى، ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلارنىڭ نامى ۋە ئوبرازىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. 26 ‿ماددا ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار زۆرۈر بولغان كەسپىي تېخنىك خادىمىغا ۋە تەييارلاش ئۈسكۈنىسىگە ئىگە بولغان ھەمدە شىركەت ياكى ئېلان تىجارىتىنى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغاندىلا، ئېلان تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولىدۇ. رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گېزىت - ژۇرنال نەشر قىلغۇچى ئورۇنلار ئېلان كەسپىنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئېلان تىجارىتى كەسپىي ئاپپاراتى ئارقىلىق بېجىرىشى ھەمدە ئېلان كەسپى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللىنىشنى قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. 27 ‿ماددا ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچى مۇناسىۋەتلىك ئىسپات - ھۆججەتلەرنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە تەكشۈرۈشى، ئېلان مەزمۇنىنى ئېنىقلىشى كېرەك. ئېلان تىجارەتچىسىنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ياكى ئىسپات - ھۆججەتلىرى تولۇق بولمىغان ئېلانلارنى لايىھىلىشىگە، تەييارلىشىغا، ۋاكالەتلىك قىلىشىغا، ئېلان قىلغۇچىنىڭ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 28 ‿ماددا ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان قىلغۇچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېلان كەسپىنى قوبۇل قىلىپ تىزىملاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئارخىپ باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. 29 ‿ماددا ئېلان ھەققىنى مۇۋاپىق، ئاشكارا ئېلىش، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى مال باھا ۋە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان قىلغۇچى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. 30 ‿ماددا ئېلان قىلغۇچى ئېلان ئىگىسى ۋە ئېلان تىجارەتچىسىگە بەرگەن ۋاسىتىنىڭ قاپلاش نىسبىتى، قوبۇل قىلىش نىسبىتى، تارقىتىش مىقدارى قاتارلىق ماتېرىياللار راست بولۇشى كېرەك. 31 ‿ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنغان تاۋار ياكى مۇلازىملىق، شۇنداقلا ئېلان قىلىش مەنئى قىلىنغان تاۋار ۋە مۇلازىملىق ئېلانلىرىنى لايىھىلەشكە، تەييارلاشقا ۋە ئېلان قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 32 ‿ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە تالا ئېلانى چىقىرىشقا بولمايدۇ: (1) قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرى ۋە قاتناش بەلگىلىرىدىن پايدىلىنىش؛ (2) شەھەر مەمۇرىيىتى ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى، قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرى، قاتناش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزۈش؛ (3) ئىشلەپچىقىرىش ياكى خەلق تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزۈش، شەھەر تازىلىقى ۋە شەھەر قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش؛ (4) دۆلەت ئورگىنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ۋە مەنزىرىگاھلاردىكى ئىمارەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلاردا؛ (5) شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تالا ئېلانى چىقىرىشنى مەنئى قىلغان جايلاردا. 33 ‿ماددا تالا ئېلانى چىقىرىشنى پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ تۈزىدۇ.

4- باب ئېلاننى تەكشۈرۈش تەھرىرلەش

34 ‿ماددا رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال، شۇنداقلا باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرى، چارۋا دورىلىرى قاتارلىق تاۋار ئېلانلىرى، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان باشقا ئېلانلارنىڭ مەزمۇنىنى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئېلان تەكشۈرۈش ئورگانلىرى دەپ ئېلىندى) ئېلان چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈلمىگەنلىرىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ. 35 ‿ماددا ئېلان ئىگىسى ئېلان تەكشۈرتۈشنى ئىلتىماس قىلغاندا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگانغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپات - ھۆججەتلىرىنى سۇنىدۇ، ئېلان تەكشۈرگۈچى ئورگان قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ قارار چىقىرىدۇ. 36 ‿ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئېلاننى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھۆججىتىنى ياسىشىغا، ئۆزگەرتىشىگە ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

5- باب قانۇنىي جاۋابكارلىق تەھرىرلەش

37 ‿ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلاندىن پايدىلىنىپ ساختا تاۋار ۋە يالغان مۇلازىملىقنى تەشۋىق قىلغان ئېلان ئىگىلىرىنى ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئېلاننى توختىتىشقا ھەمدە تەڭ قىممەتتە ئېلان خىراجىتى ئاجرىتىپ، ماس دائىرىدە ئاشكارا تۈزىتىپ تەسىرىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بۇ ئىشتا جاۋابكارلىقى بار ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچىنىڭ ئېلان خىراجىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئېلان كەسپىنى قانۇن بويىچە توختىتىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 38 ‿ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا ئېلان قىلىپ ئىستېمالچىلارنى ئالداپ ۋە ئازدۇرۇپ، تاۋار سېتىۋالغان ياكى مۇلازىملىقنى قوبۇل قىلغان ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان ئېلان ئىگىسى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئېلاننىڭ يالغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ ئېلان لايىھىلەپ بەرگەن، تەييارلىغان، ئېلان قىلغان ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچى قانۇن بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئېلان ئىگىسىنىڭ ھەقىقىي نامى، ئادرېسى بىلەن تەمىن ئېتەلمىگەن ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى باشقا تەشكىلاتلار ساختا، يالغان ئېلاندا تونۇشتۇرغان تاۋار ۋە مۇلازىملىق ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا، قانۇن بويىچە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 39 ‿ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 7 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچىنى ئېلاننى توختىتىپ ئاشكارا تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئېلان خىراجىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلارنىڭ ئېلان كەسپىنى قانۇن بويىچە توختىتىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 40 ‿ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 9 -، 10 -، 11 -، 12 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن جاۋابكارلىقى بولغان ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچىنى ئېلاننى توختىتىپ ئاشكارا تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئېلان خىراجىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 13 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئېلان قىلغۇچىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئۇلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 41 ‿ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 14 -، 17 - ماددىسى ۋە 19 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دېھقانچىلىق دورىلىرى، يېمەكلىك، ھاراق، پەرداز بۇيۇملىرى ئېلانلىرىنى چىقارغان ياكى بۇ قانۇننىڭ 31 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن جاۋابكارلىقى بولغان ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچىنى ئېلاننى تۈزىتىش ياكى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان خىراجىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئېلان كەسپىنى قانۇن بويىچە توختىتىدۇ. 42 ‿ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرناللاردا تاماكا ئېلانى بەرگەن ياكى ئاممىۋى سورۇنلارغا تاماكا ئېلانلىرىنى چىقارغانلاردىن جاۋابكارلىقى بولغان ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچىنى ئېلاننى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ ئېلان خىراجىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 43 ‿ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۇ قانۇننىڭ 34 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېلان تەكشۈرۈش ئورگىنىغا تەستىقلاتماي ئېلان قىلغۇچىلاردىن جاۋابكارلىقى بولغان ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچىنى ئېلاننى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان خىراجىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئېلان خىراجىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 44 ‿ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى يالغان ئىسپات ھۆججىتى بەرگەن ئېلان ئىگىسىگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئېلاننى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھۆججەتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتكەن ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 45 ‿ماددا قانۇنغا خىلاپ ئېلان مەزمۇنلىرىنى تەستىقلىغان ئېلان تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدىكى بىۋاسىتە مەسئۇل باشقۇرغۇچى خادىم ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا ئۇلارنىڭ ئورنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ۋە مەمۇرىي رېۋىزىيە تارمىقى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 46 ‿ماددا ئېلاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە ئېلان تەكشۈرۈش ئورگىنى خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، خىزمەتتە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 47 ‿ماددا ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى ۋە ئېلان قىلغۇچى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ: (1) ئېلاندا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى مېيىپلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش؛ (2) باشقىلارنىڭ پاتېنتىنى سۇيىئىستېمال قىلىش؛ (3) باشقا ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىملىقىنى كەمسىتىش؛ (4) ئېلاندا باشقىلارنىڭ نامى ۋە ئوبرازىدىن رۇخسەتسىز پايدىلىنىش؛ (5) باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار. 48 ‿ماددا ئالاقىدار تەرەپلەردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى جازا قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جازا قارارى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك، ئالاقىدار تەرەپلەردىن قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مۆھلەت توشقۇچە قارار چىقارمىسا، ئالاقىدار تەرەپلەر قايتا قاراپ چىقىش مۆھلىتى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدار تەرەپلەر مۆھلەت توشقۇچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

6 ‿باب قوشۇمچە پرىنسىپ تەھرىرلەش

49 ‿ماددا بۇ قانۇن 1995 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملارنىڭ مەزمۇنىبۇ قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىسا، بۇ قانۇن ئۆلچەم قىلىنىدۇ.