جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش - باشقۇرۇش قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش - باشقۇرۇش قانۇنى

(1992 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1995 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش - باشقۇرۇش قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - يىغىنىدا تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە 1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 2 - باب باج باشقۇرۇش 1 - پاراگراف باج تىزىملىتىش 2 - پاراگراف ھېسابات دەپتىرى، دوكۇمېنتلارنى باشقۇرۇش 3 - پاراگراف باج مەلۇم قىلىش 3 - باب باج ئېلىش 4 - باب باج تەكشۈرۈش 5 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق 6 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ تەھرىرلەش

1 – ماددا بۇ قانۇن باج ئېلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، باج ئېلىش ۋە باج تاپشۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ باج كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 2 – ماددا بۇ قانۇن باج ئورگىنى قانۇن بويىچە ئالىدىغان ھەر خىل باجلارنى ئېلىش، باشقۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ 3 – مادد باج ئېلىشنى باشلاش، توختىتىش، شۇنىڭدەك باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش، باج قايتۇرۇش، باج تولۇقلاش قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛ قانۇندا گوۋۇيۈەنگە بەلگىلىمە چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەنلىرى گوۋۇيۈەن تۈزگەن مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ھەرقانداق ئورگان، ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باج ئېلىشنى باشلاش، توختىتىش، شۇنىڭدەك باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش، باج قايتۇرۇش، باج تولۇقلاشقا دائىر قارارلارنى ۋە باجغا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا زىت كېلىدىغان باشقا قارارلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چىقىرىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 4 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار دەپ بەلگىلەنگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر باج تاپشۇرغۇچى بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار دەپ بەلگىلەنگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى بولىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇشى، ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇشى، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشى شەرت. 5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ باج مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ باج ئېلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. جايلاردىكى دۆلەت باج ئىدارىلىرى ۋە يەرلىك باج ئىدارىلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باج ئېلىش - باشقۇرۇش دائىرىسى بويىچە باج ئالىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە باج ئېلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ياكى ماسلاشتۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى، باج ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى باج نورمىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن باج نىسبىتى بويىچە ھېسابلاپ، باجنى قانۇن بويىچە ئېلىشىنى قوللىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار باج ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا مەدەت بېرىشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەك. باج ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 6 – ماددا دۆلەت ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرىنى زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن پىلانلىق قوراللاندۇرىدۇ، باج ئېلىش - باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، باج ئورگانلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ باشقا باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، باج ئورگىنىنى باج تاپشۇرۇش ۋە باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشقا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك. 7 – ماددا باج ئورگىنى باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى كەڭ تەشۋىق قىلىشى، باج بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، باج تاپشۇرغۇچىلارغا باج مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىشى كېرەك. 8 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنىدىن دۆلەتنىڭ باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ۋە باج تاپشۇرۇش تەرتىپىگە دائىر ئەھۋاللارنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق. باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنىدىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە مەخپىي تۇتۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش، باج قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنىنىڭ قارارى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى، ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغا ئىگە؛ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، مەمۇرىي دەۋا قىلىش، دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقلىرىدىن قان ۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنى ۋە باج خادىملىرىنىڭ قانۇن - ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 9 – ماددا باج ئورگىنى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باج خادىملىرىنىڭ سىياسىي كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. باج ئورگىنى ۋە باج خادىملىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، پاك - دىيانەتلىك بولۇشى، كىشىلەرگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشى، مەدەنىي مۇلازىملىق قىلىشى، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقىنى ھۆرمەتلىشى ۋە قوغدىشى، نازارەتچىلىكنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك. باج خادىملىرىنىڭ پارا تەلەپ قىلىشىغا، پارا ئېلىشىغا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشىغا، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىشىغا، ئېلىشقا تېگىشلىك باجنى ئالماسلىقىغا ياكى ئاز ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، باجنى كۆپ ئېلىشىغا ياكى باج تاپشۇرغۇچى ۋە باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنى قەستەن تەڭقىسلىقتا قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 10 – ماددا ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى ئىچكى چەكلەش ۋە نازارەتچىلىك - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك باج ئورگىنى تۆۋەن دەرىجىلىك باج ئورگىنىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى ئۆز خادىملىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە پاك - ئىنتىزامچان بولۇش مىزانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك. 11 – ماددا باج ئورگىنىنىڭ باج ئېلىش، باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشىغا مەسئۇل خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە بىر - بىرىدىن ئايرىلىشى، بىر - بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك. 12 – ماددا باج ئېلىشتا ۋە باجغا دائىر قانۇنغا خىلاپ دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى بىلەن ياكى باجغا دائىر قانۇنغا خىلاپ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان باج خادىملىرى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك. 13 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغان ئورگان ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل ئورگان پاش قىلغۇچىلارنى ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك. باج ئورگىنى پاش قىلغۇچىلارنى بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلىشى كېرەك. 14 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان باج ئورگىنى ھەر دەرىجىلىك باج ئىدارىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ شۆبىلىرىنى، باجخانىلارنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلغان ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان باج ئاپپاراتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.



2 – باب باج باشقۇرۇش تەھرىرلەش

1 – پاراگراف باج تىزىملىتىش 15 – ماددا كارخانىلار، كارخانىلارنىڭ باشقا جايدىكى تارماق ئاپپاراتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلار (تۆۋەندە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى دېيىلىدۇ) تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىپ، باج ئورگىنىغا باج تىزىملاشنى مەلۇم قىلىدۇ. باج ئورگىنى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرىدۇ ھەمدە باج تىزىملاش كىنىشكىسى بېرىدۇ. سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى رويخەتكە ئېلىش، تىجارەت كىنىشكىسى بېرىش ئەھۋاللىرىنى قەرەللىك ھالدا باج ئورگىنىغا ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەنلىرىدىن باشقا باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج تىزىملىتىش ۋە باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇشنى تىزىملىتىش دائىرىسى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 16 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى تىزىملاتقان باج مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تىزىمنى ئۆزگەرتكەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار گۇۋاھنامىلىرىنى ئېلىپ باج ئورگىنىغا بېرىپ، باج تىزىمىنى ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. 17 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، باج تىزىم كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدا ئاساسىي ئامانەت پۇل ئىسچوتى ۋە باشقا ئامانەت پۇل ئىسچوتى ئېچىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسچوت نومۇرىنى باج ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىسچوتىغا باج تىزىم كىنىشكا نومۇرىنى خاتىرىلىشى ھەمدە باج تىزىم كىنىشكىسىگە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىسچوت نومۇرىنى خاتىرىلىشى لازىم. باج ئورگىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىسچوت ئېچىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرگەندە، ئالاقىدار بانكا ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ھەمكارلىشىشى كېرەك. 18 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى باج تىزىم كىنىشكىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باج مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشلىتىدۇ. باج تىزىم كىنىشكسىنى ئارىيەت بېرىشكە، ئۆزگەرتىشكە، يىرتىۋېتىشكە، ئېلىپ سېتىشقا ياكى ياسىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

2 - پاراگراف ھېسابات دەپتىرى، دوكۇمېنتلارنى باشقۇرۇش

19 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابات دەپتىرى تۇتىدۇ، قانۇنلۇق ۋە كۈچكە ئىگە دوكۇمېنتلارغا ئاساسەن ھېسابات خاتىرىلەپ، ھېسابات قىلىدۇ. 20 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمى ياكى مالىيە، بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ۋە بوغالتىرلىق ھېساباتىغا دائىر يۇمشاق ماتېرىياللىرىنى باج ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچىنىڭ، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمى ياكى مالىيە بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى گوۋۇيۈەننىڭ ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج مەسئۇل تارمىقىنىڭ باجغا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە زىت كېلىپ قالسا، تاپشۇرۇشقا، ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇشقا، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج گوۋۇيۈەننىڭ ياكى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج مەسئۇل تارمىقىنىڭ باجغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. 21 – ماددا تالوننى باج ئورگىنى باشقۇرىدۇ، ئۇ تالون بېسىش، سېتىۋېلىش، كېسىش، ئېلىش، ساقلاش، ھېسابقا ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئورۇن ۋە شەخسلەر تاۋار سېتىۋېلىش - سېتىش، تىجارەت مۇلازىمىتى قىلىش ياكى ئۇنى قوبۇل قىلىش، شۇنىڭدەك باشقا تىجارەت پائالىيىتىدە بەلگىلىمە بويىچە تالون كېسىشى، ئىشلىتىشى ۋە ئېلىشى كېرەك. تالون باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 22 – ماددا قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى گوۋۇيۈەننىڭ باج مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن كارخانا باسىدۇ؛ باشقا تالوننى گوۋۇيۈەننىڭ باج مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى، يەرلىك باج ئىدارىسى بېكىتكەن كارخانا باسىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن باج ئورگىنىنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، تالون بېسىشقا يول قويۇلمايدۇ. 23 – ماددا دۆلەت باج ئېلىش - باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، باج كونترول قۇرۇلمىسىنى پائال كېڭەيتىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى باج كونترول قۇرۇلمىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورنىتىشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك، ئۇنى بۇزۇۋېتىشكە ياكى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

            24- ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ھېسابات دەپتىرى، ھېساباتقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتى، باجلاتقانلىق دوكۇمېنتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ساقلاش مۇددىتى بويىچە ساقلىشى شەرت.

ھېسابات دەپتىرى، ھېساباتقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتى، باجلاتقانلىق دوكۇمېنتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ياسىۋېلىشقا، ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى ئۆز مەيلىچە يىرتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

3 – پاراگراف باج مەلۇم قىلىش

25 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى باج ئورگىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە بېكىتكەن مەلۇم قىلىش مۇددىتى، مەزمۇنىغا ئاساسەن، باج ئىشلىرىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى، باج مەلۇم قىلىش جەدۋىلى، مالىيە - بوغالتىرلىق مەلۇمات جەدۋىلى، شۇنىڭدەك باج ئورگىنى ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ئۇنىڭدىن يوللاشنى تەلەپ قىلغان باج تاپشۇرۇشقا دائىر باشقا ماتېرىياللارنى ئەينەن يوللىشى شەرت. باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى باج ئورگىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە بېكىتكەن مەلۇم قىلىش مۇددىتى، مەزمۇنىغا ئاساسەن، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلى، شۇنىڭدەك باج ئورگىنى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ ئۇنىڭدىن يوللاشنى تەلەپ قىلغان باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئەينەن يوللىشى شەرت. 26 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنىغا بىۋاسىتە بېرىپ باج مەلۇم قىلسا ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللىسا بولىدۇ، يۇقىرىقى مەلۇم قىلىش، يوللاش ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە پوچتا، سانلىق تېلېكس ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق بېجىرسىمۇ بولىدۇ. 27 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج مەلۇم قىلىش ئىشىنى قەرەلىدە بېجىرەلمىسە ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى قەرەلىدە يوللىيالمىسا، مەلۇم قىلىش مۇددىتىنى باج ئورگىنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئۇزارتسا بولىدۇ. ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەلۇم قىلىش، يوللاش ئىشلىرى تەستىق ئارقىلىق ئۇزارتىلغان مۇدەتتە بېجىرىلىدىغان بولسا، باج تاپشۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە ئالدىنقى مەزگىلدە ئەمەلىي تاپشۇرغان باج نورمىسى ياكى باج ئورگىنى بېكىتكەن باج نورمىسى بويىچە باجنى ئالدىن تاپشۇرۇش ھەمدە تەستىق ئارقىلىق ئۇزارتىلغان مۇددەت ئىچىدە باج راسچوتىنى قىلىش كېرەك.


3 – باب باج ئېلىش تەھرىرلەش

28 – ماددا باج ئورگىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە باج ئالىدۇ، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باج ئېلىشنى باشلاشقا، توختىتىشقا، باجنى كۆپ ئېلىشقا، ئاز ئېلىشقا، مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىشقا، كېچىكتۈرۈپ ئېلىشقا ياكى چېچىپ ئېلىشقا بولمايدۇ. تاپشۇرۇلىدىغان يېزا ئىگىلىك بېجىنىڭ نورمىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىلىدۇ. 29 – ماددا باج ئورگىنى، باج خادىملىرى، شۇنىڭدەك باج ئورگىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە ھاۋالە قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ باج ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 30 – ماددا باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇش، ۋاكالىتەن ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. باج ئورگىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇش، ۋاكالىتەن ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ بەلگىلەنمىگەن ئورۇن ۋە شەخسلەردىن باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇش، ۋاكالىتەن ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇش، ۋاكالىتەن ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغاندا، باج تاپشۇرغۇچى رەت قىلسا بولمايدۇ؛ رەت قىلسا، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. باج ئورگىنى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىغا بەلگىلىمە بويىچە باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇش، ۋاكالىتەن ئېلىش رەسمىيەت ھەققى بېرىدۇ. 31 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەن ياكى باج ئورگىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزام بويىچە بېكىتكەن مۇددەت بويىچە تاپشۇرىدۇ ياكى خەزىنىلەشتۈرىدۇ. باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولۇپ، باجنى قەرەلىدە تاپشۇرالمىسا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى، يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، باج تاپشۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 32 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى باجنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تاپشۇرمىسا، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە خەزىنىلەشتۈرمىسە، باج ئورگىنى مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇشتىن سىرت، باجنى كېچىكتۈرگەن كۈندىن باشلاپ كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن باج پۇلىنىڭ 10 مىڭدىن بەش ئۈلۈشى بويىچە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ ئالىدۇ. 33 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىشنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە يازما ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش ئىلتىماسىنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلايدۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەسئۇل تارماقلىرى، ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چىقارغان قارارى كۈچكە ئىگە ئەمەس، باج ئورگىنى ئۇنى ئىجرا قىلماسلىقى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك باج ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

34 – ماددا باج ئورگىنى باج ئالغاندا، باج تاپشۇرغۇچىغا باجلاتقانلىق دوكۇمېنتىنى بېرىشى شەرت. باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتقاندا، ۋاكالىتەن ئالغاندا، باج تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىدىن باجنى ۋاكالىتەن تۇتقانلىق، ۋاكالىتەن ئالغانلىق دوكۇمېنتى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى كېسىپ بېرىشى كېرەك. 35 – ماددا باج تاپشۇرغۇچىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلسە، باج ئورگىنى ئۇ تاپشۇرىدىغان باجنىڭ نورمىسىنى بېكىتىشكە ھوقۇقلۇق: (1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابات دەپتىرى تۇتمىسىمۇ بولىدىغانلار؛ (2) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابات دەپتىرى تۇتۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تۇتمىغانلار؛ (3) ھېسابات دەپتىرىنى ئۆز مەيلىچە يوق قىلىۋەتكەن ياكى باج تاپشۇرۇش ماتېرىيالىنى بەرمىگەنلەر؛ (4) ھېسابات دەپتىرى تۇتقان بولسىمۇ، ھېساباتى قالايمىقان ياكى تەننەرخ ماتېرىيالى، كىرىم دوكۇمېنتى، خىراجەت دوكۇمېنتى تولۇق بولمىغانلىقتىن، ھېساباتنى تەكشۈرۈش تەسكە توختايدىغانلار؛ (5) باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، باج مەلۇم قىلىشنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە بېجىرمىگەن، باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە مەلۇم قىلىشنى بۇيرىغان بولسىمۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ مەلۇم قىلمىغانلار؛ (6) باج تاپشۇرغۇچى مەلۇم قىلغان باج ھېسابلاش ئاساسى روشەن ھالدا تۆۋەنرەك بولۇپ قالغان، يەنە كېلىپ ئورۇنلۇق سەۋەبى بولمىغانلار. باج ئورگىنىنىڭ باج نورمىسىنى بېكىتىشنىڭ كونكرېت تەرتىپى ۋە ئۇسۇلىنى گوۋۇيۈەننىڭ باج مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 36 – ماددا كارخانىلار ياكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئاپپاراتلىرى، سورۇنلىرى ئۆزىگە ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن بولغان كەسپىي مۇئامىلىدە مۇستەقىل كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسپىي مۇئامىلە بويىچە پۇل، خىراجەت ئېلىشى ياكى بېرىشى كېرەك؛ مۇستەقىل كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى كەسپىي مۇئامىلە بويىچە پۇل، خىراجەت ئالماي ياكى بەرمەي، باجلىتىدىغان كىرىمى ياكى تاپاۋىتىنى ئازايتىۋەتسە، باج ئورگىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق.


– ماددا بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، باج تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى، شۇنىڭدەك ۋاقىتلىق تىجارەت قىلىدىغان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج نورمىسىنى باج ئورگىنى بېكىتىپ، تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ تاپشۇرمىسا، باج ئورگىنى باج پۇلىغا تەڭ قىممەتتىكى تاۋار، مېلىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن تېگىشلىك باجنى تاپشۇرسا، باج ئورگىنى تاۋار، مالنى تۇتۇپ قېلىشنى دەرھال بىكار قىلىشى ھەمدە ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشى شەرت؛ تۇتۇپ قالغاندىن كېيىنمۇ تېگىشلىك باجنى يەنىلا تاپشۇرمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باج ئىدارىسى (شۆبىسى) باشلىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، تۇتۇپ قېلىنغان تاۋار، مالنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېلىپ، بۇنىڭ پۇلىنى باجغا توغرىلىسا بولىدۇ. 

38 – ماددا باج ئورگىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىنى باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىدىن قاچتى دېيىشكە ئاساس تاپالىسا، بەلگىلەنگەن باجلىتىش مۇددىتىدىن ئىلگىرى، تېگىشلىك باجنى تاپشۇرۇشقا سۈرۈك بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باجلىتىدىغان تاۋار، مال، شۇنىڭدەك باشقا مال - مۈلكىنى ياكى باجلىتىدىغان كىرىمىنى يۆتكىۋەتكەنلىكى، يوشۇرغانلىقى ئېنىق سېزىلسە، باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچىنى باج كېپىلى تېپىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى باج كېپىلى تاپالمىسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باج ئىدارىسى (شۆبىسى) باشلىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، باج ئورگىنى تۆۋەندىكى باج كاپالەت تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ: (1) باج تاپشۇرغۇچى سىچوت ئاچقان بانكىغا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا باج تاپشۇرغۇچىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىغا تەڭ مىقداردىكى ئامانەت پۇلىنى توڭلىتىشنى يازما ئۇقتۇرۇش؛ (2) باج تاپشۇرغۇچىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىغا تەڭ قىممەتتىكى تاۋار، مال ياكى باشقا مال - مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش، پىچەتلەش. باج تاپشۇرغۇچى باجنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇدەت ئىچىدە تاپشۇرغان بولسا، باج ئورگىنى باج كاپالەت تەدبىرىنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك؛ مۇددىتى توشقان بولسىمۇ تاپشۇرمىغان بولسا، باج ئورگىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باج ئىدارىسى (شۆبىسى) باشلىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، باج تاپشۇرغۇچى سىچوت ئاچقان بانكىغا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ئۇنىڭ توڭلىتىلغان ئامانەت پۇلىدىن باجنى تۇتۇپ قېلىش ھەققىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ ياكى تۇتۇپ قېلىنغان، پىچەتلەنگەن تاۋار، مال ياكى باشقا مال - مۈلكىنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېلىپ، بۇنىڭ پۇلىنى باجغا توغرىلىسا بولىدۇ. شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئۆي ۋە بۇيۇملىرى باج كاپالەت تەدبىرى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. 39 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى باجنى سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرغان بولسىمۇ، باج ئورگىنى باج كاپالەت تەدبىرىنى دەرھال بىكار قىلماي، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، باج ئورگىنى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 40 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تاپشۇرمىغان ياكى خەزىنىلەشتۈرمىگەن بولسا، باج كېپىللىك قىلغان باجنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تاپشۇرمىغان بولسا، باج ئورگىنى ئۇلارنى سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تاپشۇرمىسا، باج ئورگىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باج ئىدارىسى (شۆبىسى) باشلىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، تۆۋەندىكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ: (1) باج تاپشۇرغۇچى سىچوت ئاچقان بانكىغا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا ئۇنىڭ ئامانەت پۇلىدىن باجنى تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇشنى يازما ئۇقتۇرۇش؛ (2) باج تاپشۇرغۇچىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىغا تەڭ قىممەتتىكى تاۋار، مال ياكى باشقا مال - مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىپ، پىچەتلەپ ۋە قانۇن بويىچە كىمئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېتىپ، بۇنىڭ پۇلىنى باجغا توغرىلاش. باج ئورگىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغاندا، ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن باج تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى، باج كېپىلى تاپشۇرمىغان كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى بىرلا ۋاقىتتا مەجبۇرىي تاپشۇرتقۇزىدۇ. شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئۆي ۋە بۇيۇملىرى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

41 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 37 -، 38 -، 40 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن باج كاپالەت تەدبىرى، مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىش ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن باج ئورگىنىدىن باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. 42 – ماددا باج ئورگىنى باج كاپالەت تەدبىرى ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە قوللىنىشى شەرت، باج تاپشۇرغۇچى شەخس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان ئۆي ۋە بۇيۇملىرىنى پېچەتلەشكە ۋە تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. 43 – ماددا باج ئورگىنى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، باج كاپالەت تەدبىرى، مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوللىنىپ ياكى قوللانغان باج كاپالەت تەدبىرى، مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرى مۇۋاپىق بولماي، باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ياكى باج كېپىلىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 44 – ماددا باج قەرز قالغان باج تاپشۇرغۇچى ياكى ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى چېگرىدىن چىقماقچى بولسا، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى چېگرىدىن چىقىشتىن ئىلگىرى باج ئورگىنىغا تولۇق تاپشۇرۇشى ياكى كېپىل تېپىشى كېرەك. باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى تولۇق تاپشۇرمىغان، كېپىلمۇ تاپمىغان بولسا، باج ئورگىنى چېگرىدىن چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئۇنىڭ چېگرىدىن چىقىشىنى توسۇشنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ. 45 – ماددا باج ئورگىنىنىڭ باج ئېلىشىدا باج ھەقدارلىقتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ باج تاپشۇرغۇچى مال - مۈلكىنى رەنە، گۆرۈ قويۇش ياكى مال - مۈلكى قالدۇرۇپ قويۇلۇشتىن ئىلگىرى باجغا قەرزدار بولغان بولسا، باجنى رەنە ھوقۇقى، گۆرۈ ھوقۇقى ۋە قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى باجغا قەرزدار بولغان، مەمۇرىي ئورگان ئۇنىڭغا جەرىمانە قويۇش ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىشنىمۇ قارار قىلغان بولسا، باج جەرىمانىدىن ۋە قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىشتىن بۇرۇن ئېلىنىدۇ. باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج قەرز ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. 46 – ماددا باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج قەرز ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكتىن مال - مۈلكىنى رەنە، گۆرۈ قويغانلىرى رەنە ئالغۇچى، گۆرۈ ئالغۇچىغا ئۆزىنىڭ باج قەرز ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. رەنە ئالغۇچى، گۆرۈ ئالغۇچى باج ئورگىنىدىن ئالاقىدار باج قەرز ئەھۋالىنى يەتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 47 – ماددا باج ئورگىنى تاۋار، مال ياكى باشقا مال - مۈلۈكنى تۇتۇپ قېلىشتا ھۆججەت بېرىشى؛ تاۋار، مال ياكى باشقا مال - مۈلۈكنى پېچەتلەشتە تىزىملىك بېرىشى شەرت. 48 – ماددا باج تاپشۇرغۇچىلاردا قوشۇلۇپ كېتىش، بۆلۈنۈپ چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، باج ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە باجنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچىلار قوشۇلۇپ كەتكەندە باجنى تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، قوشۇلغاندىن كېيىنكى باج تاپشۇرغۇچى ئادا قىلىنمىغان باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىدۇ؛ باج تاپشۇرغۇچى بۆلۈنگەندە باجنى تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، بۆلۈنگەندىن كېيىنكى باج تاپشۇرغۇچىلار ئادا قىلىنمىغان باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

49 – ماددا قەرز ئالغان باج سوممىسى كۆپرەك بولغان باج تاپشۇرغۇچى كۆچمەس مۈلكىنى ياكى كۆپ سوممىلىق مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىلگىرى باج ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. 50 – ماددا باج قەرز قىلغان باج تاپشۇرغۇچى قەرەلى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلغان ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن، ياكى مال - مۈلكىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن ياكى مال - مۈلكىنى روشەن نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بەرگەن، بۇنى قوبۇل قىلغۇچى بىلگەن، بۇ ھال دۆلەتنىڭ باج كىرىمىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باج ئورگىنى توختام قانۇنىنىڭ 73 -، 74 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇن بېسىش ھوقۇقى، بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. باج ئورگىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئورۇن بېسىش ھوقۇقى، بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە، باج قەرز قالغان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئادا قىلمىغان باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ۋە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قانۇن جاۋابكارلىقى بىكار قىلىنمايدۇ. 51 – ماددا باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باجنى نورمىدىن ئارتۇق تاپشۇرغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، ئارتۇقىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ باج تاپشۇرغۇچى بۇنى باج تاپشۇرۇش ھېسابىنى ئۈزگەن كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىلغىچە سەزسە، باج ئورگىنىدىن ئارتۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ھەمدە بانكىنىڭ شۇ قەرەللىك ئامانەت پۇل ئۆسۈمى بويىچە ھېسابلاپ ئۆسۈم قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، باج ئورگىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشى؛ خەزىنىدىن قايتۇرۇپ بېرىشكە چېتىلسا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى خەزىنە باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. 52 – ماددا باج ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتى تۈپەيلىدىن باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان بولسا، باج ئورگىنى ئۈچ يىلغىچە ئۇلاردىن باجنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى قوشۇپ ئېلىشقا بولمايدۇ. باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى خاتا ھېسابلاپ قويۇپ، باجنى تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان بولسا، باج ئورگىنى باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى ئۈچ يىلغىچە سۈرۈشتۈرۈپ ئالسا بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىش مۇددىتىنى بەش يىلغىچە ئۇزارتسا بولىدۇ. باج ئورگىنىنىڭ باج ئوغرىلىغان، باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق قىلغان، باج ئالدامچىلىقى قىلغانلار تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ياكى ئالدىۋالغان باج قايتۇرمىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېلىشى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇددەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 53 – ماددا دۆلەت باج ئىدارىسى بىلەن يەرلىك باج ئىدارىسى ئالغان باجلارنى دۆلەت بەلگىلىگەن باج ئېلىش - باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە باجنى خەزىنىلەشتۈرۈش خام چوت دەرىجىسى بويىچە خەزىنىلەشتۈرىدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى، مالىيە ئورگىنى باج قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تاپقاندا، باج ئورگىنى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قارارى ۋە پىكرىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئېلىنىدىغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى باجنى خەزىنىلەشتۈرۈش خام چوت دەرىجىسى بويىچە خەزىنىلەشتۈرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ئالاقىدار ئورگانلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ.


4 – باب باج تەكشۈرۈش تەھرىرلەش

54 – ماددا باج ئورگىنى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن باج ئىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق: (1) باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ھېسابات دەپتىرى، ھېسابقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتى، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش ھېسابات دەپتىرى، ھېسابقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش؛ (2) باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنىغا ۋە مال ساقلاش ئورنىغا بېرىپ، باج تاپشۇرغۇچى باجلىتىدىغان تاۋار، مال ياكى باشقا مال - مۈلكىنى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشقا دائىر تىجارەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش؛ (3) باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنى باج تاپشۇرۇش ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ئىسپات ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشكە بۇيرۇش؛ (4) باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىدىن باج تاپشۇرۇش ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشقا دائىر مەسىلە ۋە ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈش؛ (5) ۋوگزال، پرېستان، ئايرودروم، پوچتا كارخانىلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، باج تاپشۇرغۇچى توشۇتقان، پوچتىدىن ئەۋەتكەن باجلىتىلىدىغان تاۋار، مال ياكى باشقا مال - مۈلۈككە دائىر تالون، دوكۇمېنت ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش؛ (6) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باج ئىداىرىسى (شۆبىسى) باشلىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، شەكلى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئامانەت پۇل ئىسچوتىنى تەكشۈرۈش ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ بانكىدىكى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىكى ئامانەت پۇل سىچوتىنى سۈرۈشتۈرۈش. باج ئورگىنى باج قانۇنىغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرگەندە، دېلوغا چېتىشلىق دەپ قارىغان خادىملارنىڭ ئامانەت پۇلىنى رايونى بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىكتىن يۇقىرى باج ئىدارىسى (شۆبىسى) باشلىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. باج ئورگىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېرىشكەن ماتېرىياللارنى باجدىن باشقا ئىشقا ئىشلەتسە بولمايدۇ. 55 – ماددا باج ئورگىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىلگىرىكى باج تاپشۇرۇش مەزگىلىدىكى باج تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرگەندە، باج تاپشۇرغۇچىدا باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىش قىلمىشى بارلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ باجلىتىدىغان تاۋار، مال ۋە باشقا مال - مۈلكىنى ياكى باجلىتىدىغان كىرىمىنى يۆتكىۋەتكەنلىكى، يوشۇرغانلىقىنى ئېنىق سەزسە، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە باج كاپالەت تەدبىرى ياكى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ. 56 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە باج تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى، ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى شەرت، رەت قىلىشقا، يوشۇرۇشقا بولمايدۇ. 57 – ماددا باج ئورگىنى قانۇن بويىچە باج تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ۋە باشقا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ باج تاپشۇرۇش ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ باج ئورگىنىنى ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە ئىسپات بىلەن ئەينەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار. 58 – ماددا باج ئورگىنى باج قانۇنىغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرگەندە، دېلوغا ئالاقىدار ئەھۋال ۋە ماتېرىياللارنى خاتىرىلىۋالسا، ئۈن - سىنغا، سۈرەتكە ئالسا ۋە كۆپەيتىۋالسا بولىدۇ. 59 – ماددا باج ئورگىنى ئەۋەتكەن خادىملار باج تەكشۈرگەندە، باج تەكشۈرۈش كىنىشكىسىنى ۋە باج تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسىتىشى ھەمدە تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك؛ باج تەكشۈرۈش كىنىشكىسى ۋە باج تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرسەتمىسە، تەكشۈرۈلگۈچى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.


5 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق تەھرىرلەش

60 - مادداباج تاپشۇرغۇچىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ: (1) باج تىزىملىتىش، تىزىم ئۆزگەرتىش ياكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىشلىرىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە بېجىرمىگەنلەر؛ (2) ھېسابات دەپتىرىنى تۇتۇش، ساقلاش ياكى ھېسابقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (3) مالىيە، بوغالتىرلىق تۈزۈمىنى ياكى مالىيە، بوغالتىرلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ۋە بوغالتىرلىق ھېساباتىغا دائىر يۇمشاق ماتېرىياللارنى باج ئورگىنىغا يوللاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛ (4) بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، بانكىدىكى بارلىق ئىسىچوت نومۇرىنى باج ئورگىنىغا دوكلات قىلمىغانلار؛ (5) بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، باج كونترول قۇرۇلمىسىنى ئورناتمىغان، ئىشلەتمىگەن ياكى باج كونترول قۇرۇلمىسىنى بۇزۇۋەتكەن ياكى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتكەنلەر. باج تاپشۇرغۇچىلاردىن باج تىزىملاتمىغانلىرىنى باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تىزىملاتمىغانلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە باج ئورگىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا تەكلىپ بېرىدۇ. باج تىزىم كىنىشكىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمىگەن ياكى ئۇنى ئارىيەت بەرگەن، ئۆزگەرتكەن، يىرتىۋەتكەن، ئېلىپ ساتقان، ياسىۋالغان باج تاپشۇرغۇچىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 61 – ماددا باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش ھېسابات دەپتىرىنى تۇتۇش، ساقلاشتا ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇشقا دائىر ھېسابات خاتىرىلەش دوكۇمېنتلىرى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىسا، باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 62 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە باج مەلۇم قىلمىسا ۋە باج تاشۇرۇشقا دائىر ماتېرىياللارنى يوللىمىسا ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن ئېلىپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى باج ئورگىنىغا بەلگىلەنگەن مۇددەتتە يوللىمىسا، باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 63 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى ھېسابات دەپتىرى، ھېسابقا خاتىرىلەش دوكۇمېنتىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، يوشۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە يوق قىلىۋېتىپ ياكى ھېسابات دەپتىرىگە چىقىمنى كۆپ خاتىرىلەپ ياكى كىرىمنى خاتىرىلىمەي، ئاز خاتىرىلەپ ياكى باج ئورگىنى باج مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇرسىمۇ مەلۇم قىلماي ياكى باج مەلۇم قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى تاپشۇرمىسا ياكى كەم تاپشۇرسا، باج ئوغرىلىغان بولىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى باج ئوغرىلىسا، باج ئورگىنى ئۇ تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى سۈيلەپ تاپشۇرتقۇزىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان باج پۇلىنىڭ %50 تىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى تۇتۇپ قالغان، ئالغان باجنى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تاپشۇرمىسا ياكى كەم تاپشۇرسا، باج ئورگىنى ئۇ تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى سۈيلەپ تاپشۇرتقۇزىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرمىغان ياكى تاپشۇرغان باج پۇلىنىڭ 50% تىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 64 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ھېسابلاش ئاساسىنى ئويدۇرۇپ چىقسا، باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. باج تاپشۇرغۇچى باج مەلۇم قىلماي، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى تاپشۇرمىسا ياكى كەم تاپشۇرسا، باج ئورگىنى ئۇ تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى سۈيلەپ تاپشۇرتقۇزىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان باج پۇلىنىڭ 50% تىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 65 – ماددا باج قەرز قالغان باج تاپشۇرغۇچى مال - مۈلكىنى يۆتكىۋېتىش ياكى يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، قەرز قالغان باجنى باج ئورگىنىنىڭ سۈيلەپ ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلسا، باج ئورگىنى قەرز قالغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى سۈيلەپ تاپشۇرتقۇزىدۇ، قوشۇمچە قەرز قالغان باج پۇلىنىڭ 50% تىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 66 – ماددا ئېكسپورتنى يالغان مەلۇم قىلىپ ياكى باشقا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالدامچىلىق بىلەن ئېلىۋالغانلارنىڭ ئالداپ ئېلىۋالغان باج قايتۇرمىسىنى باج ئورگىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، قوشۇمچە ئالداپ ئېلىۋالغان باج قايتۇرمىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئېكسپورت باج قايتۇرمىسىنى ئالدامچىلىق بىلەن ئېلىۋالغانلارغا ئېكسپورتتا باج قايتۇرۇشنى باج ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە توختاتسا بولىدۇ. 67 – ماددا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئارقىلىق باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلىش باج تاپشۇرۇشقا قارشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ، تاپشۇرۇش رەت قىلىنغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى باج ئورگىنى سۈيلەپ ئالغاندىن تاشقىرى، قارشىلىق قىلغۇچى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، باج ئورگىنى ئۇلار رەت قىلغان باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى سۈيلەپ ئالىدۇ، قوشۇمچە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان باج پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 68 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى تاپشۇرۇشقا ياكى خەزىنىلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك باجنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تاپشۇرمىسا ياكى كەم تاپشۇرسا، باج ئورگىنى سۈرۈك ئىچىدە تاپشۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ تاپشۇرمىسا، باج ئورگىنى بۇ قانۇننىڭ 40 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۇ تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان باجنى سۈيلەپ ئالغاندىن باشقا، تاپشۇرمىغان ياكى كەم تاپشۇرغان باج پۇلىنىڭ 50% تىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 69 – ماددا باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تۇتۇپ قالمىغان، ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئالمىغان باجنى باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچىدىن سۈيلەپ ئالىدۇ، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىغا تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تۇتۇپ قالمىغان، ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئالمىغان باج پۇلىنىڭ 50% تىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 70 - مادداباج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باج ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، ئۇنى رەت قىلسا ياكى ئۇنىڭغا باشقا يول بىلەن توسقۇنلۇق قىلسا، باج ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 71 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 22 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا تالون باستۇرغانلارنىڭ قانۇنسىز باستۇرغان تالونىنى باج ئورگىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى ۋە دېلو سادىر قىلغان قورالىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

72 – ماددا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى بۇ قانۇندىكى باجغا دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باج ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلمىسا، باج ئورگىنى ئۇلاردىكى تالوننى يىغىۋالسا ياكى ئۇلارغا تالون سېتىپ بېرىشنى توختاتسا بولىدۇ. 73 - ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ئىسچوت ئاچقان بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ ئامانەت پۇل سىچوتىنى باج ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىنى رەت قىلىپ ياكى باج ئورگىنىنىڭ ئامانەت پۇلىنى توڭلىتىش ياكى باجنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىپ ياكى باج ئورگىنىنىڭ يازما ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن باج تاپشۇرغۇچىنىڭ، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنىڭ ئامانەت پۇلىنى يۆتكىۋېتىشىگە ياردەم قىلىپ، باجنى زىيانغا ئۇچراتسا، باج ئورگىنى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 74 – ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانىڭ جەرىمانە سوممىسى 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولسا، بۇنى باجخانىلار بېكىتسە بولىدۇ. 75 - مادداباج ئورگانلىرى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى باجغا چېتىشلىق جەرىمانە ۋە مۇسادىرە كىرىمىنى باجنى خەزىنىلەشتۈرۈش خام چوت دەرىجىسى بويىچە خەزىنىلەشتۈرىدۇ. 76 – ماددا باج ئورگىنى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باج ئېلىش - باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە باجنى خەزىنىلەشتۈرۈش خام چوت دەرىجىسىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتسە، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشتەك مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 77 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى بۇ قانۇننىڭ 63 -، 65 -، 66 -، 67 -، 71 - ماددىلىرىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ جىنايەت گۇماندارى بولۇپ قالسا، باج ئورگىنى ئۇلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنى قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم. ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە تېگىشلىك بولسىمۇ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن باج خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىرلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 78 – ماددا باج ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلىشىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ باج ئالغانلار ئالغان پۇل - مالنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ، باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 79 – ماددا باج ئورگىنى، باج خادىملىرى باج تاپشۇرغۇچى شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ئۆي ۋە بۇيۇملىرىنى پېچەتلىسە، تۇتۇپ قالسا، قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 80 – ماددا باج خادىملىرى باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنى بۇ قانۇننىڭ 63 -، 65 -، 66 - ماددىلىرىغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ ياكى ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشىغا ھەمكارلىشىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 81 – ماددا باج خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىدىن پۇل - مال ئېلىپ ياكى سوراپ ئېلىپ ياكى باشقا نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

82 – ماددا باج خادىملىرى نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك باجنى ئالماي ياكى كەم ئېلىپ، دۆلەتنىڭ باج كىرىمىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 


باج خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، باج تاپشۇرغۇچىنى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىنى قەستەن تەڭقىسلىقتا قويسا، خىزمەت ئورنىدىن يۆتكىۋېتىلىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. باج خادىملىرى ۋە باج قانۇن - ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنى شىكايەت قىلغان، پاش قىلغان باج تاپشۇرغۇچىدىن، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىدىن ۋە باشقا پاش قىلغۇچىدىن ئۆچ ئالسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. باج خادىملىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك بېجى ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتنى قەستەن يۇقىرى باھالاپ ياكى تۆۋەن باھالاپ، باجنى كۆپ ئېلىپ ياكى كەم ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىپ ياكى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 83 - مادداقانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باجنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغان، كېچىكتۈرۈپ ئالغان ياكى چېچىپ ئالغانلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 84 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باج ئېلىشنى باشلاش، توختىتىش ياكى باج كېمەيتىش، باج كەچۈرۈم قىلىش، باج قايتۇرۇش، باج تولۇقلاش ھەققىدە ئۆز مەيلىچە قارار چىقىرىلسا، شۇنىڭدەك باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا زىت باشقا قارارلار ئۆز مەيلىچە چىقىرىلسا، ئۆز مەيلىچە چىقىرىلغان قارار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىكار قىلىنغاندىن تاشقىرى، ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئېلىنمىغان باج تولۇقلاپ ئېلىنىدۇ، ئېلىشقا تېگىشلىك بولمىسىمۇ ئېلىنغان باج قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىنىڭ ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 85 – ماددا باج خادىملىرى باج ئالغاندا ياكى باج قانۇنىغا خىلاپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنى چەتكە ئالمىسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. 86 – ماددا جازا بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشلار بەش يىلغىچە بايقالمىسا، مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدۇ. 87 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى، پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىمىغان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇن قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. 88 – ماددا باج تاپشۇرۇش مەسىلىسىدە، باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى، باج كېپىلى بىلەن باج ئورگىنى ئوتتۇرىسىدا تالاش - تارتىش يۈز بەرگەندە، ئالدى بىلەن باج ئورگىنىنىڭ قارارى بويىچە باج ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى تاپشۇرۇش ياكى خەزىنىلەشتۈرۈش ياكى مۇناسىپ كېپىل تېپىش شەرت، ئۇنىڭدىن كېيىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس قىلىنسا بولىدۇ؛ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار باج ئورگىنىنىڭ جازا قارارىغا، مەمۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىگە ياكى باج كاپالەت تەدبىرىگە قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدارلار باج ئورگىنىنىڭ جازا قارارى ئۈستىدە سۈرۈك ئۆتسىمۇ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلمىسا، جازا قارارىنى چىقارغان باج ئورگىنى بۇ قانۇننىڭ 40 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەدبىرىنى قوللانسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.



6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ تەھرىرلەش

89 – ماددا باج تاپشۇرغۇچى، باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى باجغا دائىر ئىشلارنى باج ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

90 – ماددا تېرىلغۇ يەر ئىگىلەش بېجى، ئۆي خېتى بېجى، دېھقانچىلىق بېجى ۋە چارۋىچىلىق بېجىنى ئېلىش - باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ.

تاموژنا بېجى ۋە تاموژنا ۋاكالىتەن ئالىدىغان باجنى ئېلىش - باشقۇرۇش قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 91 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چەت ئەللەر بىلەن تۈزگەن باجغا دائىر شەرتنامە، كېلىشىملەر بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسە، شۇ شەرتنامە، كېلىشىملەردىكى بەلگىلىمىلەر ئىجرا قىلىنىدۇ. 92 – ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باج قانۇنلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىسە، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. 93 – ماددا گوۋۇيۈەن بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. مش 94 – ماددا بۇ قانۇن 2001 - يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ