جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى

1982 – يىل 8 – ئاينىڭ 23 – كۈنى 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1993 – يىل 2 – ئاينىڭ 22 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 – يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1 – قېـتـىـم تـۈزىتىلگەن، 2001 – يىل 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىـيـى دائىمىي كومىتېتى 24 – يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

2 – باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە

ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش

3 – باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش

4 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىش

5 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا دائىر تالاش – تارتىشنى كېسىم قىلىش

6 – باب تـاۋار ماركىـسـى ئىشلىـتـىشنى باشقۇرۇش

7 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش

8 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداش، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىملىق سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، تاۋار ماركىسىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاش، ئىستېمالچىلار، ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە بـاشـقـۇرۇش خـىـزمىتىـگـە مەسئۇل بولىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدا تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى قۇرۇلىدۇ، ئۇ تاۋار ماركىسىغا دائىر تالاش – تارتىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

3 – ماددا تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغان تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بولىدۇ، ئۇ تاۋار ماركىسى، مۇلازىملىق ماركىسى ۋە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

بۇ قانۇندا دېيىلگەن كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى كوللېكتىپ، جەمئىيەت ياكى باشقا تەشكىلات نامىدا رويخەتكە ئېلىنغان، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى سودا پائالىيىتىدە ئىشلىتىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا دېيىلگەن ئىسپات تاۋار ماركىسى مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىملىقنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تەشكىلات تىزگىنلەيدىغان، شۇ تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخس ئۆزىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىملىقىغا ئىشلىتىپ، شۇ تاۋار ياكى مۇلازىملىقنىڭ ئەسلىي جايى، خام ئەشىياسى، ياساش ئۇسۇلى، سۈپىتى ياكى باشقا مۇئەييەن دەرىجىسىنى ئىسپاتلايدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.

كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى ئالاھىدە ئىشلارنى گوۋۇيۈەننىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

4 – ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان، ياسىغان، پىششىقلىغان، ئىلغىغان ياكى ساتىدىغان تاۋارغا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشنى زۆرۈر تاپسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتـكـە ئـالـدۇرۇشـنـى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ مۇلازىملىق تۈرلىرىدە تاۋار ماركسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشنى زۆرۈر تاپسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە مۇلازىملىق ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

بۇ قانۇندىكى تاۋار ماركىسىغا دائىر بەلگىلىمىلەر مۇلازىملىق ماركىسىغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

5 – ماددا ئىككىدىن ئارتۇق تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىپ، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بـولـسـا ۋە ئـۇنـى بىرلىكـتـە يۈرگۈزسە بولىدۇ.

6 – ماددا دۆلەت رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن تاۋارغا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى شەرت، رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ بازاردا سېتىشقا بولمايدۇ.

7 – ماددا تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنى ئالداش قىلمىشلىرىنى توسۇشى كېرەك.

8 – ماددا تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاۋىرى بىلەن باشقىلارنىڭ تاۋىرىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان ھەرقانداق كۆرۈنمە بەلگە، جۈملىدىن خەت، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە ۋە رەڭ بىرىكمىسى، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسى تاۋار ماركىسى قاتارىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلسا بولىدۇ.

9 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى، پەرق ئېتىشكە قۇلاي بولۇشى ھەم باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك.

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى» ياكى رويخەتكە ئېلىنغان بەلگە دەپ يېزىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق.

10 – ماددا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋارماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ:

(1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، ئارمىيە بايرىقى، ئوردىنغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋە مەركىزىي دۆلەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق مۇئەييەن جاينىڭ نامى ياكى سىمۋوللۇق ئىمارەتنىڭ نامى، شەكلىگە ئوخشايدىغان بەلگە؛

(2) چەت ئەلنىڭ نامى، بايرىقى، گېربى، ئارمىيە بايرىقىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(3) ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ نامى، بايرىقى، بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن شۇ تەشكىلات قوشۇلغانلىرى ياكى جامائەتنى ئازدۇرمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(4) ھۆكۈمەت كونتروللۇقى، كاپالىتىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە، تەكشۈرۈش تامغىسىغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە، لېكىن ھوقۇق بېرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(5) «قىزىل كرېست»، «قىزىل ھىلال ئاي»نىڭ نامى، بەلگىسىگە ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە؛

(6) مىللىي كەمسىتىش تۈسىدىكى بەلگە؛

(7) مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان ھەمدە ئالدامچىلىق خاراكتېرى بولغان بەلگە؛

(8) سوتسىيالىستىك ئەخلاق – پەزىلەتكە زىيانلىق بولغان ياكى باشقا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان بەلگە.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامى ياكى جامائەت بىلىدىغان چەت ئەل يەر نامىنى تاۋار ماركىسى قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن يەر ناملىرىدىن باشقىچە مەنىسى بارلىرى ياكى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ بولغان، يەر نامى ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.

11 – ماددا تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ:

(1) شۇ تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى، شەكلى، تىپىلا بولغان بەلگە؛

(2) تاۋارنىڭ سۈپىتى، ئاساسلىق خام ئەشياسى، ئىقتىدارى، رولى، ئېغىرلىقى، سانى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكىنىلا بىۋاسىتە بىلدۈرىدىغان بەلگە؛

(3) روشەن ئالاھىدىلىكى بولمىغان بەلگە.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن بەلگىلەر ئىشلىتىلىش ئارقىلىق روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسا ھەم پەرق ئېتىشكە قۇلاي بولسا، تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولىدۇ.

12 – ماددا ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنسا، تاۋارنىڭ خاراكتېرىدىن پەيدا بولغان شەكىل، تېخنىكىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە زۆرۈر بولغان تاۋار شەكلى ياكى تاۋارنى ماھىيەتلىك قىممەتكە ئىگە قىلىدىـغـان شـەكىلـنـى رويـخـەتـكـە ئېلىشقا بولمايدۇ.

13 – ماددا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ماركىسى باشقىلار جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرمىغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، تەقلىد قىلىنغىنى ياكى تەرجىمىسى بولغانلىقتىن ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

ئوخشاش بولمىغان ياكى ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان تاۋارنىڭ رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماس قىلىنغان ماركىسى باشقىلار جۇڭگودا رويخەتكە ئالدۇرغان مەشھۇر تاۋار ماركىسىدىن كۆپەيتىلگەن، تەقلىد قىلىنغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، جامائەتنى ئازدۇرغانلىقتىن شۇ مەشھۇر ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

14 – ماددا مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك:

(1) مۇناسىۋەتلىك جامائەتنىڭ شۇ تاۋار ماركىسىنى بىلىش دەرىجىسى؛

(2) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئۇدا ئىشلىتىلگەن ۋاقتى؛

(3) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئۇدا تەشۋىق قىلىنغان ۋاقتى، دەرىجىسى ۋە جۇغراپىيىلىك دائىرىسى؛

(4) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە قوغدىلىش خاتىرىسى؛

(5) شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ مەشھۇر بولۇشىدىكى باشقا ئامىللار.

15 – ماددا ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپ ۋاكالەتچى ياكى ۋەكىل ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئۆز نامى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغاندا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچى باشقىچە پىكىردە بولسا، رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشـلـىتىش مەنـئى قىلىنىدۇ.

16 – ماددا تاۋار ماركىسىدا تاۋارنىڭ جۇغراپىيىلىك بەلگىسى بولۇپ، بۇ تاۋار شۇ بەلگىدە كۆرسىتىلگەن جايدىن چىقمىغانلىقتىن جامائەتنى ئازدۇرىدىغان بولسا رويخەتكە ئېلىنمايدۇ ھەمدە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، لېكىن ياخشى نىيەت بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇلغانلىرى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.

ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن جۇغراپىيىلىك بەلگە مەلۇم تاۋارنىڭ مەلۇم جايدىن چىققانلىقى، شۇ تاۋارنىڭ مۇئەييەن سۈپىتى، ئىناۋىتى ياكى باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ تەبىئىي ياكى ئېتنوگرافىك ئامىلى بەلگىلىگەن بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.

17 – ماددا چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ئۆزى تەۋە دۆلەت بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ياكى ئوخشاش مۇئامىلە قىـلـىـش پرىنسىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

18 – ماددا چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرى جۇڭگودا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە، دۆلەت ئېتىراپ قىلغان تاۋار ماركىسىغا ۋاكالەتلىك قىلىش سالاھىيىتىـگـە ئىـگـە تـەشكـىـلاتقا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

2 – باب تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش

19 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلىدىغان تاۋار تۈرى ۋە تاۋار نامىنى بەلگىلەنگەن تاۋار تۈر جەدۋىلى بويىچە تولدۇرۇش كېرەك.

20 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۈرى ئوخشاش بولمىغان تاۋارغا ئوخشاش بىر ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، تاۋار تۈر جەدۋىلى بويىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

21 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئوخشاش تۈردىكى باشقا تاۋارغا ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا، رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

22 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، رويخەتكە ئالـدۇرۇشـنـى قـايـتـا ئىلتىـمـاس قىلىش كېرەك.

23 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئالدۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.

24 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى چەت ئەلدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى 1 – قېتىم ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە جۇڭگودىمۇ ئوخشاش تاۋار ئۈچۈن شۇ ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، شۇ دۆلەت بىلەن جۇڭگو تۈزگەن كېلىشىم ياكى ئورتاق قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىگە ئاساسەن ياكى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش پرىنسىپى بويىچە، ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات بېرىشى ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىدىكى تۇنجى ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما بايانات بەرمىگەنلەر ياكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس ھۆججىتىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى سۈرۈك ئۆتكۈچە تاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.

25 – ماددا تاۋار ماركىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاچقان ياكى ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا يەرمەنكىگە قويۇلغان تاۋارغا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن بولسا، بۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى شۇ تاۋار يەرمەنكىگە قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماق بويىچە ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا يازما بايانات بېرىشى ھەمدە بۇ تاۋار قويۇلغان يەرمەنكىنىڭ نامى، يەرمەنكىگە قويۇلغان تاۋارغا شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش دەلىل – ئىسپاتى، يەرمەنكىگە قويۇلغان ۋاقتى قاتارلىق ئىسپات – ھۆججەتلىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما بايانات بەرمىگەنلەر ياكى ئىسپات – ھۆججەتلىرىنى سۈرۈك ئۆتكۈچە تاپشۇرمىغانلار ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمىدى، دەپ قارىلىدۇ.

26 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىدىكى ئىشلار ۋە ماتېرىياللار چىن، توغرا، مۇكەممەل بولۇشى كېرەك.

3 – باب تاۋار ماركـىسىـنـى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش

27 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىدىن بۇ قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ ئېلان قىلىدۇ.

28 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىسا ياكى باشقىلار بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرغان ياكى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى رەت قىلىدۇ، ئېلان قىلمايدۇ.

29 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق بولۇپ، ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر خىل ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ئۈچۈن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ؛ بىر كۈندە ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، ئاۋۋال ئىشلىتىلگەن تاۋار ماركىسى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلىدۇ ۋە ئېلان قىلىنىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ، ئېلان قىلىنمايدۇ.

30 – ماددا دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن تاۋار ماركىسى ئۈستىدە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەرقانداق ئادەم باشقىچە پىكرىنى قويسا بولىدۇ. مۇددەت توشقۇچە باشقىچە پىكىر بولمىسا، رويخەتكە ئېلىنىپ، رويخەتنامە بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ.

31 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، باشقىلارنىڭ ھازىرقى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، باشقىلار ئىشلەتكەن ھەم مەلۇم تەسىرى بولغان تاۋار ماركىسىنى ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ.

32 – ماددا ئىلتىماسى رەت قىلىنغان، ئېلان قىلىنمىغان تاۋار ماركىسى ھەققىدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ ھەمدە ئىلتىماس قـىـلغۇچـىـغا يازما ئۇقتۇرىدۇ.

ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش تاپشۇرۇۋالغان كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىـمـىسـىگە دەۋا قىـلسا بولىدۇ.

33 – ماددا دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن ۋە ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچى بايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسىنى ئاڭلىشى، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن كېسىم چىقىرىشى كېرەك. ئالاقىدارلار قايىل بولمىسا، 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى كېسىم چىقىرىدۇ ھەمدە باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە باشقىچە پىكىر بېرىلگۈچىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسىنى قايتا باھالاش تەرتىپىدىكى قارشى تەرەپكە 3 – كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

34 – ماددا قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ كېسىمى ئۈستىدە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمى ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلمىسا، كېسىم كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

كېسىمدە باشقىچە پىكىر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارالسا، تەستىقلاپ رويخەتكە ئېلىنىپ، تاۋار ماركىسى رويخەتنامىسى بېرىلىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىنىدۇ؛ كېسىمدە باشقىچە پىكىر پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ قـارالـسـا، رويـخـەتـكـە ئېلىش تەستىقلانمايدۇ.

كېسىمدە باشقىچە پىكىر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىلىپ رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋاقتى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلانىغا ئۈچ ئاي توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

35 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى ۋە تاۋار ماركىسىنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش كېرەك.

36 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى رويخەتكە ئالغۇچى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكى رويخەتكە ئېلىش ھۆججىتىدە روشەن خاتالىق بارلىقىنى بايقىسا، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدە قانۇن بويىچە تۈزىتىدۇ ھەمدە ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن خاتالىقنى تۈزىتىش ماركىسى ئىلتىماس ھۆججىتى ياكى رويخەتكە ئېلىش ھـۆجـجىتـىـدىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ.

4 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۆتۈنۈپ بـېـرىش ۋە ئىشـلىـتىـش ئىجازىتى بېرىش

37 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، رويخەتكە ئېلىش تەسىتىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

38 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، مۇددەت توشۇشتىن ئالتە ئاي بۇرۇن داۋاملىق ئىشلىتىشنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك؛ بۇ مۇددەتتە ئىلتىماس قىلىنمىسا، ئالتە ئاي ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ، ئۇزارتىلغان مۆھلەت توشقۇچە يەنىلا ئىلتىماس قىلمىغانلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

رويخەتكە ئېلىنغان داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ ھەرقېتىملىق كۈچكە ئـىـگە مۇددىـتـى ئون يىل بولىدۇ.

رويخەتكە ئېلىنغان داۋاملىق ئىشلىتىش مۇددىتى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

39 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئۆتۈنمە كېلىشىمى تۈزۈشى ھەمدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەستىقلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

40 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامى تۈزۈش ئارقىلىق رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدۇ. ئىجازەت بەرگۈچى ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىشى كېرەك. ئىجازەت بېرىلگۈچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشتە، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارغا ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ نامى ۋە تاۋار چىققان جاينى ئېنىق ئەسكەرتىش شەرت.

تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

5 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركـىسىغـا دائـىـر تاللاش تارتىشنى كېسىم قىلىش

41 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ 10 –، 11 –، 12 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەر تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كېسىم ئارقىلىق بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ قانۇننىڭ 13 –، 15 –، 16 –، 31 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە تاۋار ماركىسى ئىگىسى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىدىن رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كېسىم ئارقىلىق بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولسا، مەشھۇر تاۋار ماركىسى ئىگىسى بەش يىللىق مۆھلەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئۈستىدە تالاش – تارتىش كۆرۈلسە، شۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا كېسىم قىلىش ئىلتىماسى قىلىنسا بولىدۇ.

تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە جاۋاب بېرىش مۇددىتى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك.

42 – ماددا رويخەتكە ئېلىش تەستىقلىنىشتىن بۇرۇن باشقىچە پىكىر بولغان ھەمدە كېسىم قىلىنغان تاۋار ماركىسى ئۈستىدە قايتا كېسىم چىقىرىشنى ئوخشاش پاكىت ۋە ئاساس بىلەن ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.

43 – ماددا تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى بىكار قىلىش توغرۇلۇق كېسىم چىقارغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ كېسىمىگە قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى كېسىم تەرتىپىدىكى قارشى تەرەپكە 3 – كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

6 – باب تاۋار ماركىسى ئىشلىتىشنى بـاشـقـۇرۇش

44 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى رويخەتكە ئېلىنـغـان شـۇ تـاۋار مـاركىسىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىۋېلىش؛

(2) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋېلىش؛

(3) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋېتىش؛

(4) ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمەسلىك.

45 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتە، تاۋارنى قوپال ئىشلەپ، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ ئىستېمالچىلارنى ئالدىغانلارنى ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەھۋالغا قاراپ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ ياكى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ.

46 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بىكار قىلىنغان ياكى مۇددىتى توشۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلمىگەن بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلغان ياكى رويخەتتىن ئۆچۈرگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە، شۇ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركـىـسىنى رويـخەتكە ئـالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىمايدۇ.

47 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 6 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

48 – ماددا رويخەتكە ئالدۇرمىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانـلـىـرىـنـى يەرلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى توسىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتكۈزىدۇ ھەمدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارسا ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قىلىپ كۆرسىتىش؛

(2) بۇ قانۇننىڭ 10 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش؛

(3) قوپال ئىشلەپ، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالداش.

49 – ماددا ئالاقىدار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرىدۇ. ئالاقىدارلار تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سـوت مـەھـكىمىسىـگـە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

50 – ماددا ئالاقىدارلار سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىـقــىنىڭ بـۇ قانۇننىڭ 45 –، 47 –، 48 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن چىقارغان جەرىمانە قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ سۈرۈك توشسىمۇ دەۋا قىلمىسا ھەم ئادا قىلمىسا، مۇناسىۋەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

7 – باب رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركـىسىـنـى ئىشـلـىـتـىش ھوقۇقـىـنـى قـوغـداش

51 – ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان تاۋار ماركىسى ۋە ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋار بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

52 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغانـلـىـق ھېسابلىنىدۇ:

(1) تاۋار ماركىسنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش؛

(2) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان تاۋارنى سېتىش؛

(3) باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆز مەيلىچە ياساش ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز مەيلىچە ياسىغان رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى سېتىش؛

(4) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىسىز، ئۇنىڭ رويخەتتىكى تاۋار ماركىسىنى ئالماشتۇرۇۋېتىش ھەمدە تاۋار ماركىسى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن شۇ تاۋارنى بازارغا سېلىش؛

(5) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقا زىيانلارنى سېلىش.

53 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 52 – ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىدىن بىرى كۆرۈلۈپ ماجىرا تۇغۇلسا، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىـلـسـا بـولىدۇ، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. سودا– سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلغاندا ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ دەپ بېكىتسە، شۇ قىلمىشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىنغان تاۋارنى ۋە شۇنداق تاۋارنى ياساشقا، رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسىۋېلىشقا ئىشلىتىلگەن قوراللارنى مۇسادىرە قىلىدۇ، كۆيدۈرىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي دەۋا قانۇنى» بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلغۇچى سۈرۈك توشسىمۇ دەۋا قىلمىسا ھەم ئادا قىلمىسا، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلغان سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغانلىق تۆلەم سوممىسىنى كېلىشتۈرسە بولىدۇ؛ كېلىشتۈرگىلى بولمىسا ئالاقىدارلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

54 – ماددا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

55 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانىغا دائىر دەلىل – ئىسپات ياكى پاش قىلىشقا ئاساسەن، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىندى، دەپ گۇمان قىلىنغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقـىـنـى يۈرگۈزسە بولىدۇ:

(1) ئالاقىدارلاردىن سوئال سوراش، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش؛

(2) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلغانلىقىغا دائىر توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلـىـك ماتېرىياللارنى كـۆرۈش، كۆپەيتىش؛

(3) ئالاقىدارلار باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى– تەرۇز قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان سورۇنغا بېرىپ تەكشۈرۈش؛

(4) ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش؛ باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات بار بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش.

سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەندە، ئالاقىدارلار ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك. رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.

56 – ماددا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغانلىق تۆلەم سوممىسى دەخلى – تەرۇز قىلغۇچى ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىپ ئېرىشكەن مەنپەئەت ياكى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغۇچى ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچراپ تارقاتقان زىيان بولۇپ، ئۇ دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغۇچى ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان مۇۋاپىق چىقىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن دەخلى – تەرۇز قىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىپ ئېرىشكەن مەنپەئىتىنى ياكى دەخلى – تۇرۇزگە ئۇچرىغۇچى ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچراپ تارتقان زىياننى بېكىتىش قىيىن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قاراپ 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىدۇ.

رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلار ئۆزىنىڭ بۇ تاۋارغا قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا ھەم تەمىنلىگۈچىنى ئېيتىپ بېرەلىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

57 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ياكى قىلىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا توسمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپاتلارنى كۆرسىتەلىسە، دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشلارنى توسۇشقا بۇيرۇش ۋە مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتىكى ئىلتىماسنى بىر تەرەپ قىلىشتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ93– ماددىسىدىن 96 – ماددىسىغىچە بولغان بەلگىلىمىلەر ۋە 99 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمـىـنـى تەتبىقلايدۇ.

58 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن ئېرىشىش تەس بولىدىغان ئەھۋالدا، دەۋا قىلىشتىن ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل – ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 48 سائەت ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى شەرت؛ ئامان ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشنى كېسىم قىلغان بولسا، دەرھال ئىجرا قىلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنى كېپىل بولغۇچى تېپىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى كېپىل بولغۇچى تاپالمىسا، ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ 15 كۈنگىچە دەۋا قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىشى كېرەك.

59 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىسىز بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆز مەيلىچە ياساپ ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز مەيلىچە ياسالغان تاۋار ماركىسى كۆرسەتمىسىنى سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

60 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، پاك – ئىنتىزامچان بولۇشى، ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، مەدەنىي مۇلازىملىق قىلىشى شەرت.

تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسى باھالاش كومىتېتى ۋە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى ۋە تاۋار ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

61 – ماددا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

62 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان، باشقۇرىدىغان ۋە قايتا باھالايدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە قايتا باھالاش ئىشلىرىنى قانۇنغا خـىـلاپ ھـالدا بېجىرىپ، ئالاقىدارلاردىن پۇل – مال ئېلىپ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

8 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

63 – ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تاۋار ماركىسىغا دائىر باشقا ئىشلارنى بېجىرىشتە ھەق تاپشۇرۇش كېرەك، كونكرېت ھەق ئۆلچىمى ئايرىم بېكىتىلىدۇ.

64 – ماددا بـۇ قـانـۇن 1983 – يـىـل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1963 – يىل 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «تاۋار ماركىسى باشقۇرۇش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ؛ تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇشقا دائىر باشقا بەلگىلىمىلەردىن بۇ قانۇنغا زىت كېلىدىغانلىرى كۈچتىن قالىدۇ.

بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.