جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى


1993 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1993 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 11 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

1 -باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

1 - ماددا ئىستېمالچىلارنىڭ تۇرمۇش ئىستېمالى ئۈچۈن تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتى بۇ قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ؛ بۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغانلىرى مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملار بويىچە قوغدىلىدۇ.

3 - ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان ۋە ساتىدىغان تاۋارلار بىلەن تەمىنلەش ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىشى لازىم؛ بۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىش لازىم.

4 - ماددا تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار سودىلاشقاندا، ئىختىيار قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئادىل بولۇش، سەمىمىي بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى لازىم.

5 - ماددا دۆلەت ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قوغدايدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

6 - ماددا ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.

دۆلەت بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئىجتىمائىي نازارەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.

ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار ئۈستىدە جامائەت پىكرى جەھەتتىن نازارەت قىلىشى لازىم.

2 -باب ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقى

7 - ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتا جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

8 - ماددا ئىستېمالچىلار سېتىۋالىدىغان، ئىشلىتىدىغان تاۋارلار ياكى قوبۇل قىلىدىغان مۇلازىمەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار باھاسى، ئىشلەپ چىقىرىلغان ئورنى، ئىشلەپ چىقارغۇچى، ئىشلىتىش ئورنى، ئىقتىدارى، ئۆلچىمى، دەرىجىسى، ئاساسىي تەركىبى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان ئىسپاتى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ساتقاندىن كېيىنكى مۇلازىمەت ياكى مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئۆلچىمى، باھاسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

9- ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان تىجارەتچىلەرنى ئۆز ئالدىغا تاللاش، تاۋار خىللىرى ياكى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش، ھەرقانداق تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىقنى، ھەرقانداق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىقنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق.

ئىستېمالچىلار تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى ئۆز ئالدىغا تاللاشتا سېلىشتۇرۇش، پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىلغاشقا ھوقۇقلۇق.

10 - ماددا ئىستېمالچىلار ئادىل سودا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش ياكى مۇلازىمەت قوبۇل قىلىشتا، سۈپىتى ئىشەنچلىك، باھاسى ئەقىلگە مۇۋاپىق، مىقدارى توغرا بولۇشتەك ئادىل سودا قىلىش شارائىتىغا ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق، تىجارەتچىلەرنىڭ زورلاپ سېتىش قىلمىشىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

11 - ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ياكى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتا، جىسمانىي ياكى مال - مۈلۈك جەھەتتىن زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىسا، قانۇن بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

12 - ماددا ئىستېمالچىلار قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

13 - ماددا ئىستېمالچىلار ئىستېمال ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر بىلىملەرگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار ئېھتىياجلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئائىت ساۋات ۋە ئىشلىتىش ماھارىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تاۋارنى توغرا ئىشلىتىپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

14 - ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەت قوبۇل قىلىشتا، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتى، مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

15 - ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

ئىستېمالچىلار ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتى جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىشقا، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا تەنقىد، تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.

3 -باب تىجارەتچىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى

16 - ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ كېلىشىمى بولسا، كېلىشىم بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە زىت بولماسلىقى كېرەك.

17 - ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە بولغان پىكرىنى ئاڭلىشى، ئىستېمالچىلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

18 - ماددا تىجارەتچىلەر ئۆزلىرى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ جىسمانىي، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تاۋار ۋە مۇلازىمەت توغرىسىدا ئىستېمالچىلارغا ئەينەن چۈشەنچە ۋە ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى، تاۋارنى توغرا ئىشلىتىش ۋە مۇلازىمەتنى توغرا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ۋە زىيان يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىزاھلىشى ۋە ئېنىق ئىپادىلىشى لازىم.

تىجارەتچىلەر ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە ئېغىر نۇقسان بارلىقىنى، تاۋارنى توغرا ئىشلەتكەن، مۇلازىمەتنى توغرا قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان كەلتۈرۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى سەزگەن ھامان مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارغا مەلۇم قىلىشى ۋە ئىستېمالچىلارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە زىيان يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىشى لازىم.

19 - ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئائىت ھەقىقىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى لازىم، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.

تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىستېمالچىلار سورىغان سوئاللارغا ھەقىقىي، ئېنىق جاۋاب بېرىشى لازىم.

ماگىزىنلار سېتىلىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك.

20 - ماددا تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نامى ۋە بەلگىسىنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەك.

باشقىلارنىڭ پوكەي ياكى مەيدانلىرىنى ئىجارىگە ئالغان تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نامى ۋە بەلگىسىنى ئېنىق ئىپادىلىشى كېرەك.

21 - ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ياكى سودا ئادىتى بويىچە ئىستېمالچىلارغا مال سېتىۋېلىش ئاساسى ياكى مۇلازىمەت ھۆججىتى بېرىشى كېرەك؛ ئىستېمالچىلار مال سېتىۋېلىش ئاساسى ياكى مۇلازىمەت ھۆججىتى تەلەپ قىلسا، تىجارەتچىلەر يېزىپ بېرىشى كېرەك.

22 - ماددا تىجارەتچىلەر تاۋارنى نورمال ئىشلەتكەن ياكى مۇلازىمەتنى نورمال قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەت ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم؛ لېكىن ئىستېمالچىلار شۇ تاۋارنى سېتىۋېلىش ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى نۇقسان بارلىقىنى بىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

تىجارەتچىلەر ئېلان، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشى، ئەمەلىي نەرسە ئەۋرىشكىسى ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپەت ئەھۋالىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن بولسا، ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

23 - ماددا تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ياكى ئىستېمالچىلار بىلەن قىلغان كېلىشىم بويىچە، رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇۋېلىش ياكى باشقا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى ياكى ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك، قەستەن سۆرەشكە ياكى يولسىز رەت قىلىشقا بولمايدۇ.

24 - ماددا تىجارەتچىلەر رەسمىي توختام، بايانات، دۇكان ئېلانى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىستېمالچىلارغا ئادىل، مۇۋاپىق بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى يەڭگىللىتىشكە، بىكار قىلىشقا بولمايدۇ.

رەسمىي توختام، ئۇقتۇرۇش، بايانات، دۇكان ئېلانى قاتارلىقلاردا ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلار بولسا، ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

25 - ماددا تىجارەتچىلەر ئىستېمالچىلارنى ھاقارەتلەشكە، ئىستېمالچىلارغا تۆھمەت چاپلاشقا، ئىستېمالچىلارنىڭ يېنىنى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن نەرسە - كېرەكلىرىنى ئاختۇرۇشقا، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

4 -باب دۆلەت ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ

26- ماددا دۆلەت ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تۈزۈشتە ئىستېمالچىلارنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىشى لازىم.

27- ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان رەھبەرلىك، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇشى لازىم.

28 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سودا - سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.

مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار ئىستېمالچىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تىجارەتچىلەرنىڭ سودا ھەرىكىتى، تاۋار ۋە مۇلازىمەت سۈپىتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاڭلاپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

29 - ماددا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەريانىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىنى جازالىشى لازىم.

30- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» دىكى ئەرز قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دائىر ماجىرالارنى قوبۇل قىلىپ، ۋاقتىدا قاراپ چىقىشى لازىم.

5 -باب ئىستېمالچىلار تەشكىلاتى

31 - ماددا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ۋە باشقا ئىستېمالچىلار تەشكىلاتلىرى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئىجتىمائىي نازارەت قىلىدىغان، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردۇر.

32 - ماددا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تۆۋەندىكى فۇنكسىيىلەرنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) ئىستېمالچىلارنى ئىستېمال ئۇچۇرى ۋە مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛

(2) مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىش؛

(3) ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى مەسىلىسى توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىش، سۈرۈشتە قىلىش ۋە ئۇلارغا تەكلىپ بېرىش؛

(4) ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، مۇرەسسە قىلىش؛

(5) ئەرز تاۋار ۋە مۇلازىمەت - سۈپەت مەسىلىسىگە چېتىلسا، باھالاش تارماقلىرىنىڭ باھالىشىغا سۇنۇش، باھالاش تارماقلىرى باھالاش يەكۈنىنى ئۇقتۇرۇشى لازىم؛

(6) ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشى يۈز بەرسە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرزىنى قوللاش؛

(7) ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاش، تەنقىدلەش.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۆز فۇنكسىيىسىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللىشى لازىم.

33 - ماددا ئىستېمالچىلار تەشكىلاتلىرى تاۋار تىجارىتى ۋە پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىپ جەمئىيەتكە تاۋار ۋە مۇلازىمەت تونۇشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

6 -باب تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىش

34 - ماددا ئىستېمالچىلار بىلەن تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دائىر تالاش - تارتىشلار يۈز بەرسە، تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ:

(1) تىجارەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ يارىشىش؛

(2) ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى تەلەپ قىلىش؛

(3) مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارغا ئەرز قىلىش؛

(4) تىجارەتچىلەر بىلەن ھاسىل قىلغان كېسىم قىلىش كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇش؛

(5) خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش.

35 - ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋالغان ۋە ئىشلەتكەندە ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىسا، ساتقۇچىلاردىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ساتقۇچىلار تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن، مەسئۇلىيەت ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ياكى تاۋار بىلەن تەمىنلىگەن باشقا ساتقۇچىلاردا بولسا، ساتقۇچىلار ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ياكى باشقا ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

زىيانغا ئۇچرىغان ئىستېمالچىلار ياكى باشقا كىشىلەر تاۋاردا نۇقسان بولغانلىقتىن جىسمانىي، مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچرىسا، ساتقۇچىلاردىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. مەسئۇلىيەت ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردا بولسا، ساتقۇچىلار تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. مەسئۇلىيەت ساتقۇچىلاردا بولسا، ئىشلەپ چىقارغۇچىلار تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن ساتقۇچىلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىستېمالچىلار مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، مۇلازىمەت قىلغۇچىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

36 - ماددا ئىستېمالچىلار تاۋار سېتىۋالغان، ئىشلەتكەن ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا، قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى ئەسلىدىكى كارخانا بۆلۈنۈپ ياكى قوشۇلۇپ كەتكەنلىكتىن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ھوقۇق - مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

37 - ماددا باشقىلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىشلىتىپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلغانلار تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئىستېمالچىلار ئۇلاردىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ ئىگىسىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

38 - ماددا ئىستېمالچىلار يەرمەنكە، ئىجارىگە بېرىلگەن پوكەيلەردىن تاۋار سېتىۋالغان ياكى مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلغاندا قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ساتقۇچىلار ياكى مۇلازىمەتچىلەردىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يەرمەنكە ئاياغلاشقان ياكى پوكەينى ئىجارىگە بېرىش مۇددىتى توشۇپ كەتكەن بولسا، يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچى پوكەي ئىجارىگە بەرگۈچىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچى پوكەي ئىجارىگە بەرگۈچى تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن، ساتقۇچى ياكى مۇلازىمەتچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

39 - ماددا تىجارەتچىلەر يالغان ئېلان بېرىشتىن پايدىلىنىپ تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ئىستېمالچىلار تىجارەتچىلەردىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تىجارەتچىلەر يالغان ئېلان بەرگەن بولسا، ئىستېمالچىلار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئۇلارنى جازالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئېلان تىجارەتچىلىرى تىجارەتچىنىڭ ھەقىقىي نامى، ئادرېسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، تۆلەش جاۋابكارلىقىنى -باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

40 - ماددا ىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، بۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغاندىن باشقا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم:

(1) تاۋاردا نۇقسان بولسا؛

(2) تاۋاردا ئىشلىتىش ئىقتىدارى ھازىرلانمىغان، ساتقاندا چۈشەندۈرمىگەن بولسا؛

(3) تاۋار ياكى تاۋار قېپىدىكى ئىزاھلار تاۋار ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولمىسا؛

(4) تاۋارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلاردا كۆرسىتىلگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولمىسا؛

(5) دۆلەت شاللىۋېتىش توغرىسىدا ئېنىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن تاۋارلارنى ئىشلىگەن ياكى ئىشلىتىش ۋاقتى توشقان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن تاۋارلارنى ساتقان بولسا؛

(6) ساتقان تاۋارنىڭ مىقدارى تولۇق بولمىسا؛

(7) مۇلازىمەت مەزمۇنى ۋە باھا كېلىشىمىگە خىلاپ بولسا؛

(8) ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىغا قويغان رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ئىشلەپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇش، تاۋار سانىنى تولۇقلاپ بېرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى قاندۇرۇشنى قەستەن كەينىگە سۆرىگەن ياكى يولسىزلىق بىلەن رەت قىلغان بولسا؛

(9) ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن باشقا ئەھۋاللار.

41 - ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئىستېمالچىلار ياكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملەندۈرگەن بولسا، داۋالىنىش ھەققى، داۋالىنىش مەزگىلىدىكى كېسەلگە قاراش ھەققى، خىزمىتىگە دەخلى يېتىپ ئازىيىپ كەتكەن كىرىمى قاتارلىقلارنى بېرىشى كېرەك. مېيىپ بولۇپ قالغانلارغا تۇرمۇشقا ياردەملەشكۈچى سايمان پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، مېيىپ تۆلەم پۇلى ۋە ئۇنى باققۇچى كىشىگە ئېھتىياجلىق تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق راسخوتلارنى تۆلىشى كېرەك، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

42 - ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئىستېمالچىلار ياكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، دەپنە پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا باققان كىشىلەرگە كېرەكلىك تۇرمۇش پۇلى قاتارلىقلارنى بېرىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

43 - ماددا تىجارەتچىلەر بۇ قانۇننىڭ 25 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتى ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەن بولسا، دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈشنى توختىتىشى، نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، تەسىرىنى تۈگىتىشى، ناماقۇل بولۇشى ۋە زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

44 - ماددا تىجارەتچىلەر تەمىنلىگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئىستېمالچىلارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ئىشلەپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇش، تاۋار سانىنى تولۇقلاپ بېرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى زىياننى تۆلەپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار بىلەن تىجارەتچىلەرنىڭ ئايرىم كېلىشىمى بولسا، كېلىشىم بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.

45- ماددا دۆلەت بەلگىلىگەن ياكى تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار كېلىشكەن رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇشنى ھۆددە ئېلىش كېرەك دېيىلگەن تاۋارلارنى تىجارەتچىلەر رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش ياكى قايتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. رېمونت قىلىپ بېرىش ھۆددە قىلىنغان مەزگىلدە ئىككى قېتىم رېمونت قىلسىمۇ يەنىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولمىغانلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە ياكى قايتۇرۇشقا تىجارەتچىلەر مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇش ھۆددە قىلىنغان چوڭ تاۋارلارنى ئىستېمالچىلار تىجارەتچىلەردىن رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، تىجارەتچىلەر توشۇش راسخوتى قاتارلىق مۇۋاپىق راسخوتلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

46 - ماددا تىجارەتچىلەر تاۋارنى پوچتا ئارقىلىق تەمىنلىمەكچى بولسا، كېلىشىم بويىچە تەمىنلىشى كېرەك. كېلىشىم بويىچە تەمىنلەپ بېرەلمىسە، ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشى ياكى مال پۇلىنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئىستېمالچىلار تۆلەشكە تېگىشلىك مۇۋاپىق راسخوتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

47 - ماددا تىجارەتچىلەر ئالدىن پۇل ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان بولسا، تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى كېلىشىم بويىچە تەمىنلىشى كېرەك. كېلىشىم بويىچە تەمىنلىيەلمىسە، ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش ياكى ئالدىن ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشى ھەمدە ئالدىن ئالغان پۇلنىڭ ئۆسۈمى، ئىستېمالچىلار تۆلەشكە تېگىشلىك مۇۋاپىق راسخوتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

48 - ماددا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلار قانۇن بويىچە لاياقەتسىز، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن تاۋارلارنى ئىستېمالچىلار قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، تىجارەتچىلەر مالنى قايتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

49 - ماددا تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئالدامچىلىق قىلمىشى بولسا، ئىستېمالچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇچرىغان زىياننى كۆپەيتىپ تۆلەپ بېرىشى كېرەك. كۆپەيتىپ تۆلەپ بېرىلگەن سومما ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان تاۋارنىڭ باھاسى ياكى قوبۇل قىلغان مۇلازىمەت پۇلىنىڭ بىر ھەسسىسىگە باراۋەر بولىدۇ.

50 - ماددا تىجارەتچىلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردا جازالاش ئورگىنى ۋە جازالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا بەلگىلىمە بارلىرى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلىمە بولمىغانلىرىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەھۋالغا قاراپ جازا بەرسە ياكى شۇنىڭغا قوشۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا ئون مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان تاۋارلار جىسمانىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛

(2) تاۋارغا باشقا ناچار، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يالغان تاۋارنى راست قىلىپ، ناچار تاۋارنى ياخشى تاۋار ياكى لاياقەتسىز تاۋارنى لاياقەتلىك تاۋار قىلىپ كۆرسەتسە؛

(3) دۆلەت شاللىۋېتىش توغرىسىدا ئېنىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن تاۋارلارنى ئىشلىگەن ياكى ئۈنۈمىنى يوقاتقان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن تاۋارلارنى ساتقان بولسا؛

(4) تاۋار ئىشلەپ چىقىرىلغان جاينى ئويدۇرۇپ، باشقا زاۋۇتلارنىڭ نامى، ئادرېسىنى سۇيىئىستېمال قىلغان، مەھسۇلات بەلگىسى، داڭلىق مەھسۇلات بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ياسىغان ياكى سۇيىئىستېمال قىلغان بولسا؛

(5) تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىك تاۋارلارنى تەكشۈرتمەي، كارانتىن قىلدۇرماي ساتقان ياكى تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىققان بولسا؛

(6) تاۋار ياكى مۇلازىمەت ھەققىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارسا؛

(7) ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىغا قويغان رېمونت قىلىپ بېرىش، قايتا ئىشلەپ بېرىش، ئالماشتۇرۇپ بېرىش، قايتۇرۇش، سانىنى تولۇقلاپ بېرىش، مال پۇلى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش ياكى زىياننى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى قەستەن كەينىگە سۆرىسە ياكى يولسىزلىق قىلىپ رەت قىلسا؛

(8) ئىستېمالچىلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزسە ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلسا؛

(9) قانۇن، نىزاملاردا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە جازالىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

51 - ماددا تىجارەتچى مەمۇرىي جازا بېرىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن تارتىپ 15 كۈن ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

52 - ماددا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان، ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان، لېكىن زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى قوللانمىغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ.

53 - ماددا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن تىجارەتچىلەرنىڭ قىلمىشىغا چاپان ياپقان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8 -باب قوشۇمچە پرىنسىپ

54 - ماددا دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىشىغا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشكىمۇ بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

55 - ماددا بۇ قانۇن 1994- يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.