جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى (ج خ ج)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قىسقارتىلىپ ج خ ج ياكى جۇڭگو دىيىلىدۇ.

ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دۆلەت.

ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى باشقۇرۇشىدا بولۇپ، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم»نى يېتەكچى قىلغان، بىر پارتىيىلىك دۆلەت. پايتەختى بېيجىڭ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەتراپىدىكى 14 دۆلەت بىلەن چىگرىلىنىدۇ. قۇرۇقلۇق ۋە ئىچكى كۆل-دەريا كۆلىمى 9 مىلىيون 6 يۈزمىڭ كۋادىرات كلومېتىر بولۇپ، دۇنيادا ئۈچىنچى ياكى تۆتىنچى ئورۇندا. قۇرۇقلۇق كۆلىمى روسيىدىن قالسا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا. نوپۇسى بىر مىلىيارد ئۈچ يۈز مىلىيوندىن ئارتۇق بولۇپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت.