جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى جۇڭگو)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دەۋلەت. پايتەختى بېيجىڭ، ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەي شەھىرى. دۆلەت تىلى خەنزۇ تىلى/خەنزۇچە. ھازىرىقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ. ھازىرىقى باش ۋەزىر/زۇڭلى لى كېچياڭ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 يىلى 10 ئاينىڭ 1 كۇنى مۇستەققىلىقىنى ئېلان قىلغان، يەر مەيدانى 9 مىليون 640 مىڭ 821 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليارد 321 مىليون 851 مىڭ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

中华人民共和国
Zhōnghuá Rénmín Gònghéguó

دۆلەت گېربى
بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئورنى
دۆلەت گېمنى

پىدائىيلار مارشى

تولۇق ئاتى

قىسقارتما

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى

جۇڭگو

قۇرۇلىشى 1949- يىلى 1- ئوغۇز\ئۆكتەبىر
پايتەخت

- ئەڭ چوڭ شەھرى

بېيجىڭ

شاڭخەي

رەسمى تىللەر

- ئېتىراپ قىلىنغان تىللار

خەنزۇچە (ئورتاق تىل)

ئۇيغۇرچە، موڭغۇلچە، تىبەتچە، جۇاڭزۇچە

ئېتنىك بۇدۇنلار


خەنزۇلار 91.51%

ئۇيغۇر(0.79%) قاتارلىق 55 ئاز سانلىق مىللەت 8.49%

ھۆكۈمەت
خاراكتېرى بىر پارتىيىلىك تۈزۈم
دۆلەت رەئىسى

ج ك پ 1.سېكرىتارى

شى جىنپىڭ
باش مېنىستېر (زۇڭلى) لى چياڭ
مەملىكەتلىك خەلق ۋ. قۇر. دائىمىي كوم. باشلىقى لى جەنشۇ
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ
دۆلەت رەئىىسى ئورۇنباسارى ۋاڭ چىشەن
قانۇن تۇرغۇزۇش ئورنى مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى
مەۋجۇد ھەربىي ئارمىيە 2,285,000 كىشى (1نچى)
يەر مەيدانى

- سۇ ساھەسى(%)

9,596,961 كلومتر² (3\4نچى)

3,706,581 ئىنگلىز مىل²
2.8

نۇڧۇس(2015 تەخمىنەن)

- 2010 رەسمى ساناق
- زىچلىقى

1,376,049,000 جان(1نچى)

1,339,724,852 جان (1نچى)
br /> 145/كلومتر²(29نچى)

ئ.ئ.ۇ.ق(2016)

- كىشى باشى

20.853 تىرىلىيون دوللار (1نچى)

US$ 15,095 (دوللار)(83نچى)

پۇل بىرلىكى خەلق پۇلى\يۈەن (¥\CNY)
كالىندار
yyyy\mmmm\dddd

يىل\ئاي\كۈن

قاتناش يۆنلىشى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوڭنى بېسىپ

- شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندا سولنى بېسىپ

ۋاقىت رايۇنى بېيجىڭ ۋاقتى (UTC+8)
ئىنتېرنېت cn.
خەلقئارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى 86+

ھەققىدە

تەھرىرلەش
ھۆججەت:Mao proclaiming the establishment of the PRC in 1949.jpg
ماۋ زېدوڭ بېيجىڭدىكى ھەمجىنىسلار ئىپتىخارىدا

جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان، دۆلەت شېئىرى « پىدائىيلار مارشى»، دۆلەت گېربى مەزمۇنى دۆلەت بايرىقى، تيەنەنمېن، چىشلىق چاق ۋە بۇغداي، شال باشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى بېيجىڭ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون بويىچە 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بار. خەنزۇ مىللىتىنى ئاساسىي مىللەت قىلغان، 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، خەنزۇلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 91.5 ىنى ئىگىلەيدۇ.

جۇڭگو تۆت چوڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇزاق مەدەنىيەتلىك تارىخقا ئىگە ،يەر كۆلىمى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ دۆلەت، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئەنگلىيە ،فرانسىيە،ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت . جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سودا دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۆلىتى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز دۆلەتلەرنىڭ بىرى. چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلغۇچى 2-چوڭ دۆلەت، يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئەزاسى، يوشۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان.

قۇرۇلىشى

تەھرىرلەش

1949-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە،1 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى بېيپىڭدا ئېچىلغان. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، يىغىنىدا ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن خاراكتېرىگە ئىگە « جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى » ماقۇللانغان، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەن. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئومۇمىي يىغىندا سىياسىي كېڭەش 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى يىغىنىنىڭ ھەيئەتلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن، ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ، جۇ دې، ليۇ شاۋچى، سۇڭ چىڭلىڭ، لى جىشېن، جاڭ لەن، گاۋ گاڭ قاتارلىقلار مۇئاۋىن رەئىسلىككە، باشقا 56 كىشى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان.

1949- يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ماۋ زېدۇڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالاپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەسمىي قۇرۇلغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ،1953- يىلدىن باشلاپ، ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، 1956- يىلى سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزىم ئۈستىدە ئىزدىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ، تەدرىجىي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلغان.

جوغرافىيىسى

تەھرىرلەش

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق كۆلىمى تەخمىنەن 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى 18 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئارال قىرغاق لىنىيىسى 14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق، ئىچكى دېڭىز، ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا تارقالغان كىچىك ئاراللار 7600 دىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، كۆلىمى 35798 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ . قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت، دېڭىزدا بىلەن ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

قۇرۇقلۇق تېررىتورىيەسى:

جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دېڭىز بويىدىكى ئاراللار، تەيۋەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللار دۇڭشا تاقىم ئارىلى، شىشا تاقىم ئاراللىرى، جۇڭشا تاقىم ئاراللىرى، نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە باشقا بارلىق ئاراللارنى (جۈملىدىن دىياۋيۈ تىزما ئاراللىرى )، قۇرۇقلۇق زېمىنى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

دېڭىز - ئوكيان تېررىتورىيەسى :

بوخەي دېڭىزىنىڭ پۈتۈن دائىرىسى ۋە خۇاڭخەي دېڭىزى، دۇڭخەي دېڭىزى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئىقتىسادىي رايونلار، جەمئىي تەخمىنەن 470 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇلار ئىچىدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى توققۇز خىل سىزىق ئىچىدىكى بارلىق دېڭىز تەۋەلىكى كۆلىمى تەخمىنەن 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكى زېمىن ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىن 35 كىلومېتىردىن يۇقىرى بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقى ۋە جەنۇبى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دېڭىز ياقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18400 كىلومېتىر،14 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارال قىرغاق لىنىيىسى، ئىچكى دېڭىز ۋە چېگرا، دېڭىز سۇ يۈزى تەخمىنەن 4مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز رايونىدا 7600 كىچىك ئارال تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن ئارىلى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، تەخمىنەن 35989.76 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20000 كىلومېتىردىن ئارتۇق، قۇرۇقلۇقتا 14 دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، دېڭىزدا ئالتە دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى يەر شەكلى

تەھرىرلەش

جۇڭگونىڭ يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، شەرقى پەس، مۇرەككەپ، كۆپ خىل؛ تۈرلۈك يەر شەكلى پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى : تاغلىق %33.3، ئېگىزلىك % 26، ئويمانلىق %18.8، تۈزلەڭلىك % 12، ئېدىرلىق% 9.9 . جۇڭگودىكى تاغلىق،ئېگىزلىك ۋە ئېدىرلىق قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 67 ىنى ئىگىلەيدۇ، ئويمانلىق ۋە تۈزلەڭلىك تەخمىنەن قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ % 33 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاغ تىزمىلىرى كۆپ ھاللاردا شەرق غەرب ۋە شەرقىي شىمال-غەربىي جەنۇبقا سوزۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئالتاي تاغلىرى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ھىمالايا تىغى، يىنشەن تېغى، چىنلىڭ چوققىسى، نەنلىڭ چوققىسى، چوڭ ھىنگان تاغ تىزمىلىرى، چاڭبەيشەن تېغى، تەيخاڭشەن تېغى، ۋۇيىشەن تېغى، تەيۋەن تاغ تىزمىسى، ۋۇشەن ۋە خېڭدۈەنشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى بار.

يەر بايلىقى : تاغلىق رايون 3 مىليون 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىك 2 مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئويمانلىقى بىر مىليون 800 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، تۈزلەڭلىك 1 مىليون 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئېدىرلىق مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ ( 1997 ).

مەمورىي رايونلار

تەھرىرلەش

دۆلەت زېمىن كۆلىمى :

قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 960 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۇنيا قۇرۇقلۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 1/15 نى ئىگىلەيدۇ، سەل سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ، رۇسىيە (17075000 كۋادرات كىلومېتىر)، كانادا (9971000كۋادرات كىلومېتىر) دىن قالسا، دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شەرقىي رايونلارنىڭ % 10.5، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ % 25.3، غەربىي رايوننىڭ % 64.2 نى ئىگىلەيدۇ.

 
ۋىلايەت

2004-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگودا مەملىكەت بويىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلاردىن : 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون؛ 50 ۋىلايەت ( ئوبلاست ، ئايماق )؛ 661 شەھەر، بۇنىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 4؛ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر 283؛ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر374؛ 1636 ناھىيە ( ئاپتونوم ناھىيە، ئالاھىدە رايون ۋە ئورمان رايونى )؛ شەھەرگە قاراشلىق رايون 852.

مەملىكەتلىك يېزا-بازار ئومۇمىي سانى37334، بۇنىڭ ئىچىدە : بازار 19883 ؛ يېزا 17451. مەملىكەت بويىچە مەھەللە ئىش باشقارمىسى 5904.

مەملىكەت بويىچە تەسىس قىلىنغان ئاھالە كومىتېتى مەھەللە ( ئاھالە كومىتېتى ) 7 مىڭدىن ئارتۇق؛ ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى 129.6 مىڭدىن ئارتۇق، كەنت ئاھالە كومىتېتى 64.4 مىڭ؛ كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى 507.9 مىڭدىن ئارتۇق.

ئومۇمىي نوپۇس

تەھرىرلەش

2010-يىللىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسى 1370536875ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشتە تىزىملىتىلغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ نوپۇسى1339724852 ئادەم، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇسى 7097000 ئادەم، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نوپۇسى 552300 ئادەم، تەيۋەن رايونىنىڭ نوپۇسى 23162123 ئادەم.

جۇڭگودا ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىغان 56 مىللەت بار. خەنزۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، مياۋزۇلار، يىزۇ مىللىتى، جۇاڭزۇ مىللىتى، بۇيى مىللىتى، چاۋشيەن مىللىتى، مانجۇ، دوڭزۇ مىللىتى، ياۋزۇ مىللىتى، بەيزۇ مىللىتى، تۇجيا مىللىتى، خانى مىللىتى، قازاق، دەيزۇلار، لىزۇ مىللىتى، لىسۇ مىللىتى، ۋازۇ، شېزۇ مىللىتى، گاۋشەن مىللىتى، لاخۇ مىللىتى، شۈيزۇ مىللىتى، دۇڭشىياڭ مىللىتى، ناشى مىللىتى، جىڭپو مىللىتى، قىرغىز، تۇزۇلار، داغۇر، مۇلاۋ مىللىتى، چياڭزۇ مىللىتى، بۇلاڭلار، سالالار، ماۋنەن مىللىتى، گېلاۋ مىللىتى، شىبە، ئاچاڭ مىللىتى، پۇمى مىللىتى، تاجىك، نۇزۇ مىللىتى، ئۆزبېك، روس، ئېۋېنكې مىللىتى، دېئاڭ مىللىتى، باۋئەن مىللىتى، يۇغۇر مىللىتى، جىڭزۇلار، تاتار، دۇلوڭلار، ئورونچون مىللىتى، خېجې مىللىتى، مېنبا مىللىتى، لوبا مىللىتى، جىنو قاتارلىق 56 مىللەت بار.

بەئزى شەھەرلىرى

تەھرىرلەش
شەھىرى كىشى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى Uyghur Latin Yéziqi
Shanghai 15,550,000 (2007) شاڭخەي شەھىرى Shangxey shehiri
Beijing 13,133,000 (2007) بېيجىڭ شەھىرى Béyjing shehiri
广 Guangzhou 11,045,800 (2007) گۇاڭجۇ شەھىرى Guangju shehiri
Shenzhen 8,464,300 (2006) شېنجېن شەھىرى Shénjén shehiri
Dongguan 6,450,000 (2007) دوڭۋەن شەھىرى Dongwen shehiri
Tianjin 5,190,000 تيەنجىن شەھىرى Tyenjin shehiri
Chongqing 5,087,197 چۇڭچىڭ شەھىرى Chungching shehiri
Wuhan 4,890,000 ۋۇخەن شەھىرى Wuxen shehiri
Harbin 4,754,753 خاربىن شەھىرى Xarbin shehiri
Shenyang 4,420,000 شېنياڭ شەھىرى Shényang shehiri
Chengdu 3,750,000 چېڭدۇ شەھىر Chéngdu shehir
Zhengzhou 3,500,000 جېڭجۇ شەھىرى Jéngju shehiri
Qingdao 3,200,000 چىڭداۋ شەھىرى Chingdaw shehiri
Shantou 3,200,000 شەنتۇ شەھىرى Shentu shehiri
Nanjing 3,110,000 نەنجىڭ شەھىرى Nenjing shehiri
Huizhou 2,900,000 خۇيجۇ شەھىرى Xuyju shehiri
Zibo 2,900,000 زىبو شەھىرى Zibo shehiri
Fuzhou 2,600,000 فۇجۇ شەھىرى Fuju shehiri
Changsha 2,520,000 چاڭشا شەھىر Changsha shehir
Nanchang 2,440,000 نەنچاڭ شەھىرى Nenchang shehiri
Wuxi 2,400,000 ۋۇشى شەھىرى Wushi shehiri
Suzhou 2,400,000 سۇجۇ شەھىرى Suju shehiri
Hangzhou 2,350,000 خاڭجۇ شەھىر Xangju shehir
Changchun 2,290,000 چاڭچۈن شەھىرى Changchün shehiri
Guiyang 2,180,000 گۇيياڭ شەھىرى Guyyang shehiri
Yantai 2,000,000 يەنتەي شەھىرى Yentey shehiri
Kunming 3,055,000 كۈنمىڭ شەھىرى Künming shehiri
Ningbo 2,182,000 نىڭبو شەھىرى Ningbo shehiri
Jinan 2,090,000 جىنەن شەھىرى Jinen shehiri
Shijiazhuang 2,090,000 شىجياجۇاڭ شەھىرى shijyajuang shehiri
Lanzhou 2,060,000 لەنجۇ شەھىرى Lenju shehiri
西 Xi'an 1,960,000 شىئەن شەھىرى Shien shehiri
Xuzhou 1,900,000 شۈجۇ شەھىرى Shüju shehiri
Ürümqi 1,830,000 (2007) ئۈرۈمچى شەھىرى Ürümchi shehiri
Tangshan 1,700,000 تاڭشەن شەھىرى Tangshen shehiri
Luoyang 1,500,000 لوياڭ شەھىرى Loyang shehiri
Nantong 1,500,000 نەنتۇڭ شەھىرى Nentung shehiri
Qiqihar 1,438,000 چىچىخار شەھىرى Chichixar shehiri
Hohhot 1,300,000 خۇخوت/كۆكخوت شەھىرى Xuxot/Kökxot shehiri
Kaifeng 80,100 كەيفېڭ شەھىرى Keyféng shehiri
Hefei 1,100,000 خېفېي شەھىر Xéféy shehir
Lianyungang ليەنيۈنگاڭ شەھىرى Lyenyün'gang shehiri
Chuzhou چۇجۇ شەھىرى Chuju shehiri
Shaoxing شاۋشىڭ شەھىرى Shawshing shehiri
Taiyuan تەييۈەن شەھىرى Teyyüen shehiri
Jilin City 1,900,751 جىلىن شەھىرى Jilin shehiri
Xinyang 1,732,000 شىنياڭ شەھىرى Shinyang shehiri
Datong 1,426,000 (2004) داتۇڭ شەھىر Datung shehir
Nanning 1,400,000 نەننىڭ شەھىرى Nenning shehiri
Baotou 1,400,000 باۋتۇ شەھىر Bawtu shehir
Handan 1,390,000 (2004) خەندەن شەھىرى Xenden shehiri
Xiamen شيامېن شەھىرى Shyamén shehiri
Zhuhai جۇخەي شەھىرى Juxey shehiri
Anshan 1,285,849 ئەنشەن شەھىرى Enshen shehiri
Ma'anshan 1,281,000 مائەنشەن شەھىرى Maenshen shehiri
Yangzhou 1,125,200 (2003) ياڭجۇ شەھىرى Yangju shehiri
Zhoukou جۇكو شەھىرى Juko shehiri
西 Xining 1,029,400 شىنىڭ شەھىرى Shining shehiri
Zhenjiang 1,013,600 جېنجياڭ شەھىرى Jénjyang shehiri
Liuzhou 950,000 ليۇجۇ شەھىرى Lyuju shehiri
Baoding 920,000 باۋدىڭ شەھىرى Bawding shehiri
Pingdingshan 891,814 (2006) تەكشى چوققىلىق تاغ Tekshi choqqiliq tagh
Nanping نەنپىڭ شەھىرى Nenping shehiri
Wenzhou 873,000 ۋېنجۇ شەھىرى Wénju shehiri
Quanzhou چۈەنجۇ شەھىرى Chüenju shehiri
Nanyang 800,000 نەنياڭ شەھىرى Nenyang shehiri
Langfang 763,000 لاڭفاڭ شەھىرى Langfang shehiri
Hengyang 761,888 خېڭياڭ شەھىرى Xéngyang shehiri
Xinxiang شىنشياڭ شەھىرى Shinshyang shehiri
Qinhuangdao 759,000 چىنخۇاڭداۋ شەھىرى Chinxuangdaw shehiri
Yinchuan 736,300 يىنچۈەن شەھىرى Yinchüen shehiri
Guilin 670,000 گۇيلىن شەھىرى Guylin shehiri
Anqing 650,000 ئەنچىڭ شەھىرى Enching shehiri
Mianyang 600,000 ميەنياڭ شەھىرى Myenyang shehiri
Changzhou چاڭجۇ شەھىر Changju shehir
Bengbu 585,000 بېڭبۇ شەھىر Béngbu shehir
Jiamusi 555,000 جيامۇسى شەھىرى Jyamusi shehiri
Cangzhou 550,000 (2004) ساڭجۇ شەھىر Sangju shehir
Huainan 400,000 خۇەينەن شەھىرى Xueynen shehir
Lhasa 257,400 لىخاسا شەھىرى Lasa shehiri
Beihai 135,500 بېيخەي شەھىرى Béyxey Shehiri
Karamay قاراماي شەھىرى Qaramay shehiri
Lijiang لىجياڭ شەھىرى Lijyang shehiri
Huangshi خۇاڭشى شەھىرى Xuangshi shehiri
Yingkou يىڭكۇ شەھىرى Yingku shehiri
Mudanjiang مۇدەنجياڭ شەھىرى Mudenjyang shehiri
Liaoyang لياۋياڭ (شەھەر) Lyawyang sheher
Xoten خوتەن شەھىرى Xoten shehri
Kashgar قەشقەر شەھىرى Qeshqer shehri
Altay ئالتاي شەھىرى Altay shehiri
Aksu ئاقسۇ شەھىرى Aqsu shehiri
Zhoushan جۇشەن شەھىرى Jushen shehiri
Taizhou تەيجۇ شەھىرى Teyju shehiri

سۇلالىلەر

تەھرىرلەش
سۇلالە يىل
شيا سۇلالىسى مىلادىدىن ئالدىنقى 2070-يىلىمىلادىدىن ئالدىنقى 1600-يىلى
شاڭ سۇلالىسى مىلادىدىن ئالدىنقى 1600-يىلىمىلادىدىن ئالدىنقى 1046-يىلى
غەربىي جۇ سۇلسلىسى مىلادىدىن ئالدىنقى 1046-يىلىمىلادىدىن ئالدىنقى 770-يىلى
شەرقىي جۇ سۇلالىسى مىلادىدىن ئالدىنقى 770-يىلى221مىلادىدىن ئالدىنقى -يىلى بۇ دەۋىر ئەمىنىيۇە (مىلادىدىن ئالدىنقى 770-476مىلادىدىن ئالدىنقى )
تاڭ سۇلالىسى 618-يىلى907-يىلى
سۇڭ سۇلالىسى 960-يىلى1279-يىلى