جۇڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتۇتى

جۇڭگو ئىسلام دىنى ئېنىستىتۇتى، جۇڭگودا مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىسلام دىنى كەسپىي ئالىي مەكتىبى بولۇپ، ئاخۇند ۋە موللىلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئالىي ئوقۇش ئورنىدۇر. 1955- يىلى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن، بېيجىڭ شەھرىدە ، بېيجىڭ خۇيزۇ ئېنىستىتۇتى قورۇسىدا، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىگە قوشنا قىلىپ قۇرۇلغان. ھازىرىقى مەكتەپ ئورنى بولسا دۆلەت ياردىمى بىلەن 1958- يىلى قۇرۇلغان. مەنزىل، بېيجىڭدا خۇيزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان نىيېجيې (كالا كوچىسى) رايونى نەنخېڭ غەربىي كوچىسى 103. نومۇر.