جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى، (خەنزۇچە:中国科学院 قىسقىچە:中科院، ئىنگ: Chinese Academy of Sciences، قىسقارتما: CAS)، نويابىر 1949 دا بېيجىڭدا قۇرۇلغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پەن تېخنىكا ساھەسىدە ئەڭ ئالىي ئىلمىي ئورگان، مەملىكەتلىك تەبئىي پەنلەر ۋە يېڭى يۇقرى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى. 1977- يىل ماي، پەلسەپە جەمئىيەتشۇناسلىق ئۆگىنىش بۆلىمى ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بولۇپ قۇرۇلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى ۋە جۇڭگو قۇرلۇش ئاكادېمىيىسى جۇڭگودا قىسقىچە "ئىككى ئاكادېمىيە" دەپ ئاتىلىدۇ.