خاقانىيە ئۇيغۇر يېزىقى
ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانىيلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەرەب يېزىقى قوبۇل قىلىنىپ، پەيدىنپەي قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشقا باشلىدى. 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەرەب يېزىقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلىدى. ئەرەب يېزىقى دەسلەپتە مۇقەددەس يېزىق دەپ قارىلىپ 10- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەي ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئۈستىگە
قاتارلىق شەرتلىك بەلگىلەر ئەرەب تىلىدىن، كىرگەن سۆزلەرنىلا يېزىشتا ئىشلىتىلمەي ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنى يېزىشتىمۇ ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن:
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى 11- ئەسىردە ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەبلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يۇقىرىقى مىساللاردا يېزىلغاندەك ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. ئەرەب يېزىقى ئومۇمەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئاساس قىلغان يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېزىق 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەرەب تىلىغا خاس شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇلدى. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 30 ھەرپ ۋە بىر قانچە شەرتلىك بەلگىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرپلەر باش، ئوتتۇرا، ئاخىرقى شەكىل ھەم ئايرىم شەكىل قاتارلىق بىر قانچە خىل شەكىلگە ئىگە. ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قوللانغان مەزگىللەردە يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار خېلى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرى تۆۋەندىكىچە:
مەنبەلەر
تەھرىرلەش