خوتەن ئابىدە ئورالما ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى

شىنجاڭ ئابىدە ئورالما ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە، ۋىلايەتلىك پارتىكوم، خوتەن شەھەرلىك پارتىكوم، سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، باج ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەت ئىدارىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك كەسىپىي ئىدارە- ئورگانلارنىڭ ئالاھىدە قوللىشى بىلەن، شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى ئاساس قىلىپ، 2013-يىلى 6-ئايدا، بەش مىلىيون مەبلەخ بىلەن خوتەن شەھەرلىك بېيجىڭ سانائەت باغچىسىدا قەد كۆتۈرگەن. شىركىتىمىزنىڭ ھازىر بار بولغان مۇقىم مەبلىخى 3347033.5 يۈەن.

شىركىتىمىزدە بەش يۈرۈش پۈتۈن ئاپتوماتىك باشقۇرۇلىدىغان ئىلغار ئىچىملىك ئىشلەپ-چىقىرىش لېنىيەسى، زامىنىۋىلاشقان كۆپ ئىقتىدارلىق خىزمەت بىناسى ۋە ئېلىكتىرونلىق ئىسكىلاتى بار. بىزنىڭ ئىشلەپ-چىقارغان مەھسۇلاتلىرىمىز بولسا mL600، mL500 ۋە mL350 ۋېتامىن ئىچىملىك بوتۇلكۇسى، mL300 ئېنىرگىيە ئىچىملىك بوتۇلكۇسى، mL500 ۋە mL380 شەربەت بوتۇلكۇسى، ماندارىن شەربەت بوتۇلكا تۈرىدىن  mL1000، mL500 ۋە mL250 لار، بالىلار ئىچىملىك تۈرىدىن mL230، mL220، mL180 ۋە mL100 قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل ئاچچىقسۇ بوتۇلكىسى، يىمەكلىك ماي بوتۇلكىسى، بىر قېتىملىق تاماق قاچىسى ۋە ھەر خىل سوپۇن پاراشۇك بوتۇلكىسىنى ئىشلەپ-چىقىرىۋاتىمىز. شىنجاڭ خوتەن ئابىدە يىمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە ھەر خىل ئىچىملىك بوتۇلكىسى بىلەن تەمىنلەيمىز، مەزكۇر شىركەتكە تەمىنلىگەن ئىچىملىك بوتۇلكىمىز شىنجاڭ بازىرىدا بىر قەدەر چوڭ بولغان بوتولكا بازىرىنى ئىگەنلەيدۇ. ھەمدە ئىزچىل كەڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشمەكتە.

شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، تەتقىق قىلىش، ئىشلەپ-چىقىرىش، سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپكى ئىھتىياجىنى چىقىش نوقتىسى قىلپ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىزدىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ‹‹ئابىدە›› ماركىسىدىكى شەربەت ئىچىملىك بوتۇلكىللىرىنى مۇھەپپىقىيەتلىك ھالدا بازارغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىركىتىمىز مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلىك، ئۈنۋېرسال ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ئىختىساس خادىملىرىنى قۇبۇل قىلىپ، بىر گەۋدىگە ئويۇشتۇرۇپ بازار تەكشۈرتىش ئارقىلىق بازار ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگەللىدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئىچىملىك بوتۇلكا بازىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا غىدىقلاپ، ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىستىمال ئادىتىگە ماس كىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئىچىملىك بوتۇلكىلارنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇردى.

نۆۋەتتە، شىركىتىمىز«سۈپەت ئارقىلىق ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۈنۈم ئارقىلىق مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇلازىمەت ئارقىلىق ماركا يارىتىش›› نى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى مەقسىتى قىلىپ، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلغان «ئابىدە›› ماركىسىدىكى شەربەت ئىچىملىك بوتىلكىلىرى، ‹‹ئابىدە›› ۋېتامىنلىق تەنھەركەت ئىچىملىك بوتۇلكىلىرى، ‹‹ئابىدە›› كاربۇناتلىق ئىچىملىك بوتۇلكىسى، ‹‹ئادىشىم›› تۈرىدىكى بالىلار سۈتلىك ئىچىملىك بوتۇلكىسى قاتارلىق 7 خىل قېلىپتىكى ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى ئىشلەپ چىقاردى. شىركەت كوللېكتىپىمىزدە 20دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى بار، شىركەت باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر تولۇق كورۇستىن يۇقىرىلاردىن تەشكىل تاپقان. [1]