خوتەن جامە مەسچىتى

خوتەن جامە مەسچىتى مەشھۇر مەسچىت . ئورنى خوتەن شەھرى ئىچىدە . 1870 - يىلى سېلىنغان ، كېيىن نەچچە قېتىم رېمونت قىلىنغان ، بىراق ئاساسلىق كۆلىمى ۋە قۇرۇلۇش شەكلى ئۆزگەرمىگەن . 1980 - يىلى يەنە بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان . مەسچىتنىڭ تەكشىلىكتىكى يۈزى پاراللېلپىپىد شەكىلىدە ، خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ، لىم ياغاچلار زىچ جۈپلەشتۈرلۈپ يېپىلغان . نامازخانا ئىچكى - تاشقى ئىككى نامازخانىغا بۆلىنىدۇ ، ئىچكى - تاشقى نامازخانىنىڭ ئالدى روجەكلىك ، تاشقى نامازخاننىڭ ئالدى ئۇچۇق بولۇپ ، تۈۋرۈكلۈك ئايۋاندىن ئىبارەت ، تۈۋرۈكلۈك ئايۋان ئالدىدا سالاسۇن يوق ، ئىشىكى ئۈستىگە ياغاچ كاتەكچىلىك نەقىش ئويۇلغان . قۇرۇلۇشنىڭ قۇرۇلمىسى ، شەكلى ۋە نەقىشلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىك بار .