خىمىيەلىك فورمۇلا

خىمىيەلىك فورمۇلا (مۇلىكولا فورمۇلا) دىگىنىمىز بەلگىلىك خىمىيەلىك بېرىكمىنى تەشكىل قىلغان ئاتوملارنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرستىدىغان بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر. خىمىيەلىك فورمۇلا شۇ خىمىيەلىك بېرىكمىنى تەشكىل قىلغان ئېلېمېنتلارنىڭ خىمىيەلىك بەلگىسى (ئېلېمېنت بەلگىسى) ۋە ئاتوم سانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر بىر مۇلىكولا مەلۇم بىر ئېلېمېنتنىڭ بىردىن كۆپ ئاتومىدىن تەشكىل تاپقان بولسا، ئېلېمېنت بەلگىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىغا ئاتوم سانى يېزىلىدۇ، ھەتتا ئوخشاش بولمىغان ئېلېمېنتلاردىن تەشكىل تاپقان بولسىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن: مېتان مۇلىكولىسى بىر كاربون (C) ئاتومى ۋە تۆت ھىدروگېن (H) ئاتومىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، خىمىيەلىك فورمۇلاسى CH4 يېزىلىدۇ؛ گلۇكوزا مۇلىكولىسىدا ئالتە كاربون ئاتومى، 12 ھىدروگېن ئاتومى ۋە ئالتە ئوكسىگېن ئاتومى(O) بار بولۇپ، خىمىيەلىك مۇلىكولا فورمۇلاسى C6H12O6 يېزىلىدۇ.

خىمىيەلىك فورمۇلالار خىمىيەلىك تەڭلىمىلەردە خىمىيەلىك رىئاكسىيەلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. ئىئونلۇق بېرىكمىلەر ياكى مۇلىكولاسىز ماددىلارنى يازغاندا ئۇ ماددىلارنى تەشكىل قىلغان ئېلېمېنتلارنىڭ سان نىسبىتىنى ئىپادىلەيدىغان تەجرىبە فورمۇلاسىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.