خېنە گۈلى ئۇرۇقى
خېنە گۈلى ئۇرۇقى تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىش، يەل ھەيدەش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، پەي مۇسكۇللارنى قۇۋۋەتلەش،سۆڭەك ئاغرىقىنى توختىتىش، راك ھۆجەيرىلىرىنى تورمۇزلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرىتەھرىر
ئۇيغۇرچە نامى :خېنە گۈلى ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى :بەزىرۇلخىنا
پارسچە نامى :تۇخۇمى خىنا
ئىنگلىزچە :Seed of Garden Balsam
ئوردۇچە نامى :سەمەندىكى بىيىج
تەمى :تەمى بىر ئاز ئاچچىق، پۇرۇقى سۇس بولىدۇ.
چىقىش ئورنى :جۇڭگو
ۋاقتى :كۈز
تەبىئىتى :بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق
تونۇشتەھرىر
ئۆسۈملۈك خېنە گۈلى(Impatiens balsamina L.)نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، خېنە گۈلى ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئائىلىسىتەھرىر
خېنە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق تىك ئۆسۈدىغان،سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.
مۇندەرىجەتەھرىر
- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- تونۇش
- ئائىلىسى
- دورىلىق ئورنى
- ئۈنۈملۈك تەركىبى
- شەكلى
- كېسەللىك مىسالى
- فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
- خاس تەسىرى
- ئورۇنباسارى
- ئەكىس تەسىرى
- تۈزەتكۈچىسى
- ئىشلىتىش ئۇسۇلى
- يىغىش
- ساقلاش
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
ئائىلىسىتەھرىر
خېنە ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق تىك ئۆسۈدىغان،سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك.
دورىلىق ئورنىتەھرىر
ئۇرۇقى
ئۈنۈملۈك تەركىبىتەھرىر
بۇنـىڭ تـەركىـۋىـدە بالـزامـىناسـتېـرول (Balsaminastreol)، ئاتـسىـدوم، پارىنـارىـكـوم كىسلاتاسى(ParinaricAcid)، ساپونـىن، مـاي، قەنـت، ئاقسىـل، ئامىنو كىسلاتاسى، ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.
ئۈنۈملۈك تەركىبىتەھرىر
بۇنـىڭ تـەركىـۋىـدە بالـزامـىناسـتېـرول (Balsaminastreol)، ئاتـسىـدوم، پارىنـارىـكـوم كىسلاتاسى(ParinaricAcid)، ساپونـىن، مـاي، قەنـت، ئاقسىـل، ئامىنو كىسلاتاسى، ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ.
شەكلىتەھرىر
قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياپىلاق شەكىللىك ياكى ياپىلاق تېمىنە شەكىللىك بولىدۇ. ئورۇق، پوستى قوڭۇرياكى خومىرەڭلىك.
كېسەللىك مىسالىتەھرىر
بەرەس، بەھەق، زەخىمە بوغۇم ئاغرىقلىرى، بەل-پۇت ئاغرىقى،ھەيز تۇتۇلۇش،قىيىن تۇغۇت، لىمفا سىل كېسەللىكى، بالىلار پارالىچى، قىزىلئۆڭگەچ ۋە سۈت بېزى راكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىشلىتىلىدۇ.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرىتەھرىر
1.بالىياتقۇ بوينىنى قوزغىتىدۇ. 2.ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 3.باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار.
خاس تەسىرىتەھرىر
تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
ئورۇنباسارىتەھرىر
چاققاق ئوت ئۇرۇقى
ئەكىس تەسىرىتەھرىر
ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ
تۈزەتكۈچىسىتەھرىر
كەتىرا، ئىسپىغۇل
خاس تەسىرىتەھرىر
تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، قىزارتىش، تېرە رەڭ ماددىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
ئورۇنباسارىتەھرىر
چاققاق ئوت ئۇرۇقى
ئەكىس تەسىرىتەھرىر
ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ
تۈزەتكۈچىسىتەھرىر
كەتىرا، ئىسپىغۇل
ئىشلىتىش ئۇسۇلىتەھرىر
1. خېنە گۈلى ئۇرقىدىن 3 گرام، قىچا 10 گرام، سامساقتىن 7 گرام، سىياداندىن 10 گرام، زەيتۇن يېغىدىن 15 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە سوقۇپ مەلھەم تەييارلاپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا بەرەس، بەھەق كىسەللىرىگە مەنپەت قىلىدۇ.
2. خېنە گۈل ئۇرقىدىن 3 گرام، زىرە، يالپۇز، سوزاپ ئۇرۇقىدىن 10 گرامدىن، قەردىمانەدىن 5 گرام ئېلىپ تالقان قىلىپ يېسە ئاشقازان، ئۈچەي كىسەللىكلىرىگە مەنپەت قىلىدۇ.
يىغىشتەھرىر
كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئارىلاشمىلىرىنى ئېلىۋىتىپ يىغۋىلىنىدۇ.
ساقلاشتەھرىر
قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.
ئۇرۇقى |
يىغىشتەھرىر
كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا ئارىلاشمىلىرىنى ئېلىۋىتىپ يىغۋىلىنىدۇ.
ساقلاشتەھرىر
قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.
ئۇرۇقى |
قام