خەتمە قۇرئان ياكى خەتمە، قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ ياكى يادقا باشتىن ئاياغ ئوقۇلىشىدۇر. ئوقۇغۇچىغا قۇرئانخان\خەتىم ياكى قارىي\ھافىز دېيىلىدۇ. مەنىسىنى بىلمىسىمۇ ئىسلام دۇنياسىدا قۇرئاننى كىچىك ياشتا يادقا ئېلىش بىر پەيغەمبەر تەۋسىيەسىدۇر. رامىزان ئېيىدا خەتمە قۇرئان قىلىش، مەسجىددە ئىمامغا ئەرگىشىپ خەتمىنى قۇرئاندا قۇرمىقۇر قاراپ تۇرۇش بىر يۇسۇن ھالىغا كەلگەندۇر. قۇرئانخانلار خەتمىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كىچىك بىر مۇراسىم بىلەن خەتمە قۇرئان دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.

پارە تەھرىرلەش

قۇرئان كەرىم تەڭ 30 پارچىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇ پارچىلارنىڭ ھەر بىرىگە پارە دېيىلىدۇ. پارە ئەسلىدە فارسچە سۆز بولۇپ، پارچىلانغان نەرسىنىڭ بىر قىسمى؛ بۆلەك، پارچە دېگەن مەنىلىرى بار[1].

قۇرئان سۇرە دېيىلىدىغان 114 ئاساسلىق بۆلۈملەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ سۈرىلەرنىڭ 86 سى مەككەدە، 28 ى ئىسە مەدىنەدە نازىل بولغاندۇر.

«خەتمە قۇرئان دۇئاسى»نىڭ ئۇيغۇرچەسى تەھرىرلەش

ئەي ئاللاھ! ساڭا ھەمدۇ ئېيتىمىز. سەندىن ياردەم تىلەيمىز. سەندىن ھىدايەت تىلەيمىز. سەندىن گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سورايمىز. بارلىق ياخشى ئىشلارنى سەندىن دەپ بىلىمىز. ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز. نېئمەتلىرىڭنى ئىنكار قىلمايمىز. ساڭا ئاسىي بولغۇچىلاردىن ئادا-جۇدا بولىمىز.

ئەي ئاللاھ! ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز. ساڭا باش قويۇپ ناماز ئوقۇيمىز. سەن تەرەپكە ئىنتىلىمىز. ھەممە ئىشتا ساڭا تايىنىمىز. سېنىڭ رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز. ئازابىڭدىن قورقىمىز. ھەقىقەتەن سېنىڭ ئازابىڭ كاپىرلارغا تېگىشلىك.

ئەي ئاللاھ! بارلىق ماختاش ساڭا مەنسۇپ. بارلىق تەشەككۈر ساڭا مەنسۇپ. بارلىق ئىشلار ئاشكارا بولسۇن، مەخپىي بولسۇن، مەنبەسى سېنىڭ ئىلكىڭدە. ماختىنىشقا سەن ئەڭ ھەقلىق. ئىبادەت قىلىنىشقىمۇ سەن ھەقلىق. سەن ھەممىگە قادىرسەن.

ئەي ئاللاھ! سەن بىزدىن رازى بولغانغا قەدەر ۋە سەن رازى بولغاندىن كېيىنمۇ ساڭا ھەمدۇ ئېيتىمىز. بىز ئۆزىمىز بىلگەن ئەڭ ياخشى سۆزلىرىمىز بىلەن، ئۆزىمىز بىلگەن ئەڭ گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن، سەن ئۆز كالامىڭدا بايان قىلغاندەك ھەمدۇ ئېيتىمىز.

ئەي ئاللاھ! بارلىق ئەھۋالدا ئالقىش ساڭا مەنسۇپ.

ئەي ئاللاھ! سەن ئاسمان-زېمىننىڭ ۋە ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ نۇرى، سەن ئاسمان-زېمىننى ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلارنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن تۇتۇپ تۇرغۇچىسەن. ساڭا ھەمدۇ ئېيتىمىز. چۈنكى سەن ھەق. سېنىڭ كالامىڭ ھەق. سېنىڭ ۋەدەڭ ھەق. بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچرىشىشىمىزمۇ ھەم ھەق. سېنىڭ پەرىشتىلىرىڭنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا قىيامەتنىڭ بولۇشىنىڭ شەكسىز ھەق ئىكەنلىكىگە، سېنىڭ قەبرىدىكى جەسەتلەرنى تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقىڭغا چىن قەلبىمىزدىن ئىشىنىمىز.

ئەي ئاللاھ! سەن بىزگە بەرگەن ھەربىر نېئمەتكە ئۇ نېئمەت ئۆتمۈشتە بولسۇن، ھازىردا بولسۇن، خاس بولسۇن، ئومۇمىي بولسۇن، ئاشكارا بولسۇن، ياكى مەخپىي بولسۇن ھەممىسىگە ساڭا ھەمدۇ ئېيتىمىز.

ئەي ئاللاھ! ئىسلامدىن ئىبارەت نېئمەتكە، ئىمانىمىزغا، قۇرئانىمىزغا، بىزگە بەرگەن بالا-چاقا، مال-ۋارانلار ئۈچۈن ساڭا ھەمدۇ ئېيتىمىز. دىنىمىزنى غالىب قىلدىڭ. بىزنى ئىتتىپاقلاشتۇردۇڭ. بىز سورىمىغان نەرسىلەرنىمۇ بىزگە ئاتا قىلدىڭ. سەن بەرگەن نەرسىلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز.

ئەي ئاللاھ! ئىسلامغا مۇيەسسەر قىلغانلىقىڭغا، ھېكمەت ۋە «قۇرئان كەرىم»نى تەلىم بەرگەنلىكىڭگە، «قۇرئان كەرىم»نى تامام قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرگەنلىكىڭگە تەشەككۈر ئېيتىمىز. سەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق. سەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى مېھرىبان ئىلاھسەن. ئاسمان-زېمىننى پەرۋىش قىلغۇچىسەن. سەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق. سەن ئۆزۈڭ خالىغاننى قىلغۇچىسەن. سېنىڭ ئىرادەڭ ھەمىشە غالىبتۇر. سەندىن باشقا ئىلاھ يوق. سەن ئىشلارنى تەپسىلىي ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن ئورونلاشتۇرغۇچىسەن. ئۆز نېئمىتى ۋە كاتتىلىقى بىلەن ئۆز بەندىسىگە «قۇرئان كەرىم»نى نازىل قىلىپ پۈتكۈل دۇنياغا ئاگاھلاندۇرغۇچى، ئاللاھ تەرىپىگە چاقىرىپ، جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگۈچى قىلغان زات ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن، ئۇنىڭ ئەلچىسى بىزنىڭ دوستىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ۋە سالام يوللايمىز.

ئەي ئاللاھ! سېنىڭ بۈيۈك نېئمەتلىرىڭگە كاتتا ئىلتىپاتلىرىڭغا تەشەككۈر ئېيتىمىز. چۈنكى سەن ئەڭ ياخشى كىتابىڭنى بىزگە نازىل قىلدىڭ. ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنى بىزگە ئەۋەتتىڭ. ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەتنى بىزگە ئاتا قىلدىڭ. بىزنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تاللانغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت قىلدىڭ. شەك-شۈبھىسىز دىننى بىزگە بەخش ئەتتىڭ.

ئەي مۇقەددەس رەببىمىز! ئەي تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى ساخاۋەتلىك زات! ئەي بارلىق ھۆكۈمرانلارنىڭ ھۆكۈمرانى! بارلىق سەۋەبلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى! ئىنسانلارنى تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلغان زات! ئەي شېرىكسىز، بالا-چاقىسىز، ھەممىگە يېتەرلىك پەرۋەردىگار! ھېچبىر ئىنساننى قالدۇرماستىن ئۆز ئىلتىپاتىڭدىن بەھرىمەن قىلغۇچى ئى رەببىم! مەن سېنىڭ قۇلۇڭ، سېنىڭ قۇلۇڭ ۋە دىدىكىڭنىڭ پەرزەنتى. بىزنىڭ كۇكۇلىمىز سېنىڭ قولۇڭدا. سېنىڭ ھۆكمىڭ بىزلەردە توسالغۇسىز. سېنىڭ سۆزلىرىڭ بەرھەق.

ئەي ئاللاھ! سەن ئۆزۈڭنى ئاتىغان، كىتابىڭدا بايان قىلغان، ياكى بەندەڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بەرگەن ياكى ئۆز ئىلمى غەيبىڭدە ئۆزۈڭگىلا مەلۇم بولغان بارلىق ئىسىملىرىڭنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ سەندىن تىلەيمىز.

ئەي ئاللاھ! «قۇرئان كەرىم»نى بىزنىڭ دىللىرىمىزنىڭ ھوزۇرى قىلغىن. قەلبىمىزنىڭ نۇرى قىلغىن. «قۇرئان كەرىم» بىلەن بىزنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىمىزنى تۈگەتكىن. بىزنى «قۇرئان كەرىم» بىلەن نېئمەتلىك جەننەتكە يېتەكلىگىن.

ئەي ئاللاھ! قۇرئانى سۈپەتلەر بىلەن بىزلەرنى كىيىندۈرگىن. «قۇرئان كەرىم» ئارقىلىق جەننەت بوستانلىرىدا سايە بەرگىن. «قۇرئان كەرىم» بىلەن بىزلەردىن ئۆچمەنلىكنى توسىغىن. ئەي بۈيۈك، شانۇ-شەۋكەتلىك ئىلاھىمىز.

ئەي ئاللاھ! بىزنى قۇرئان ئەھلىدىن قىلغىن، چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئەھلىڭ، سېنىڭ خاس كىشىلىرىڭدۇر.

ئەي ئاللاھ! «قۇرئان كەرىم» ھالال دېگەن نەرسىلەرنى ھالال دەپ بىلىدىغان، ھارام دېگەن نەرسىنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان، مۇتەشابىھلىرىغا ئىمان ئېيتىدىغان، مۇھكەملىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئۇنى ئۇزۇن كېچىلەر، ئەتىگەن-ئاخشاملاردا ھۆرمەت بىلەن تىلاۋەت قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! بۈيۈك كالامىڭ بولغان «قۇرئان كەرىم»نى قەلبلىرىمىزگە روشەنلىك، كۆزلىرىمىزگە نۇر قىلغىن. گۇناھلىرىمىزنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغۇچى، كىسەللىرىمىزگە داۋا، دوزاختىن قۇتقۇزغۇچى قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! «قۇرئان كەرىم» بىلەن بىزنى دوزاختىن جەننەتكە، زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، زالالەتتىن ھىدايەتكە، كەمبەغەللىكتىن بايلىققا، بىدئەتتىن سۈننەتكە، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئىختىلاپتىن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چىقارغىن. ئى شانۇ-شەۋكەتلىك، ساخاۋەتلىك، مېھرىبان ئىلاھىمىز.

ئەي ئاللاھ! «قۇرئان كەرىم»دىن بىز ئۇنتۇپ قالغان يەرلىرىنى سەن ئەسلىتىپ قويغىن. بىز بىلەلمىگەن يەرلىرىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويغىن. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەرپلىرىنى ساق ئوقۇيدىغان، بۇيرۇقلىرىنىمۇ توغرا ئىجرا قىلىدىغان كىشىلەردىن قىلغىن. ھەرگىزمۇ ھەرپلىرىنىلا ساق ئوقۇپ، بۇيرۇقلىرىنى زايە قىلىدىغانلاردىن قىلمىغىن.

ئەي ئاللاھ! بىز سەندىن جەننەتنى ۋە جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆزنى تىلەيمىز ۋە دوزاختىن ۋە دوزاخقا يېقىنلاشتۇرىدىغان سۆز-ھەرىكەتتىن پاناھ تىلەيمىز.

ئەي ئاللاھ! سەن ھىدايەت قىلغان كىشىلەر قاتارىدا بىزلەرنىمۇ ھىدايەت قىلغىن. سەن سائادەتمەن قىلغان كىشىلەر قاتارىدا بىزنىمۇ بەختلىك قىلغىن. ئۆزۈڭ ھىمايەڭگە ئالغان كىشىلەر قاتارىدا بىزلەرنىمۇ ھىمايە قىلغىن. بىزگە بەرگەن نەرسىلەرنى بەرىكەتلىك قىلغىن. يامان قىسمەتلىرىڭدىن بىزنى ساقلىغىن. سەن ھۆكۈمرانسەن. سېنىڭ ئۈستۈڭدە ھۆكۈمران يوق. سەن خار قىلغانلارنى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. سەن ھەممىدىن بۈيۈك، ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىمىزسەن. سەن پۈتكەن قىسمەتلەر ئۈچۈن ئالقىشلارغا ھەقلىقسەن. سېنىڭ ئىلتىپاتلىرىڭغا تەشەككۈر ئېيتىمىز.

ئەي ئاللاھ! بارلىق گۇناھ، خاتالىقلىرىمىزدىن سېنىڭ ئالدىڭدا كەچۈرۈم سورايمىز. ساڭا تەۋبە قىلىمىز. سەندىن باشقا پاناھ، سەندىن ئۆزگە نىجاتكار يوق.

ئەي ئاللاھ! بىزنى «قۇرئان كەرىم»دىن مەنپەئەتدار قىلغىن. شانۇ-شەۋكىتىمىزنى ئۈستۈن قىلغىن. سەن «قۇرئان كەرىم»نى ھۆرمەتلىك قىلدىڭ، دەلىللىرىنى كۈچلۈك قىلدىڭ. ئەي بۈيۈك سۆزلەرنى سۆزلىگۈچى! سەن ئۆز كالامىڭدا ﴿بىز قۇرئاننى ئوقۇپ بەرگەندە ئەگىشىپ ئوقۇ، ئاندىن ئۇنى بايان قىلىپ بېرىش بىزنىڭ ئىشىمىز﴾ دېدىڭ. «قۇرئان كەرىم» سېنىڭ كتابلىرىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاممىباب كىتابتۇر. سۆزلىرى پاساھەتلىك، ھالال-ھاراملىرى ئېنىق، ھۆججەتلىرى غالىب، ئارتۇق-كەملىكتىن خالى، ئۇنىڭدا تەنبىھ ۋە گۈزەل ۋەدىلەر بايان قىلىنغان، ئاگاھلاندۇرۇش، ئازاب بىشارەتلەر سۆزلەنگەن. ئۇ ھېچبىر تەرەپتىن باتىل تەسىر قىلالمايدىغان، ئەڭ دانىشمەن، ماختاشقا سازاۋەر زاتنىڭ ۋەھيىسىدۇر.

ئەي ئاللاھ! «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۇشۇ تامامى ئارقىلىق بىزلەرنى غەلىبىگە مۇيەسسەر قىلغىن. ئەي ئالەملەرنىڭ رەببى! ئى مېھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھ! ئەي ھەممىدىن كەرەملىك، ساخاۋەتلىك زات!

ئەي ئاللاھ! بىزلەرنى مۇشۇ كىچىدە ئومۇميۈزلۈك مەغپىرەت قىلغىن. بىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلغان سالىھ بەندىلەرنىڭ قاتارىدا قىلغىن. سائادەتمەنلەردىن قىلغىن. ئىلاھىمىز! سېنىڭ كىتابىڭنىڭ تۈگەنچىسىگە ھازىر بولۇپ تۇرۇپتىمىز، ھەممىمىز سېنىڭ ھوزۇرۇڭدا باش ئەگدۇق، بىزنى ئىلتىپاتلىرىڭنىڭ دەرۋازىسىدىن قوغلىمىغىن، ئەگەر سەن بىزنى قوغلىۋەتسەڭ بىزگە تايانچى بولىدىغان ھېچبىر مەدەتكارىمىز بولمايدۇ.

ئەي ئاللاھ! بىزنى رەھمىتىڭدىن قوغلىمىغىن، بۈيۈك رامىزاندا دوزاختىن ئازات بولغۇچىلاردىن قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى، قېرىنداشلىرىمىزنى، ئەر-ئاياللىرىمىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى كەچۈرۈۋەتكىن.

ئەي ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغىن، بىزنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ خورلۇقىدىن ساقلىغىن. ئەي دائىم شەپقەت قىلىپ تۇرغۇچى، ھالىمىزنى ساڭا ئېيتىمىز، بىزلەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولغىن، مىنۇت- سىكونتمۇ ئۆز ھالىمىزغا تاشلاپ قويمىغىن، رەببىمىز! ئۆزۈڭگە تەۋەككۈل قىلدۇق. بىزنى زالىملارنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىغىن.

ئەي ئاللاھ! سېنىڭ رەھمىتىڭنى، مەغپىرىتىڭنى، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلىشىڭنى سورايمىز، بارلىق ياخشى ئىشلاردىن نىسىۋىدار بولۇشنى، بارلىق يامانلىقلاردىن ساقلىنىشنى، جەننەتكە مۇيەسسەر بولۇشنى، دوزاختىن يىراق بولۇشنى سورايمىز. ئەي مېھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھ!

ئەي ئاللاھ! بىزنىڭ قەلبىمىزدە گۇناھ-مەئسىيەتتىن توسىدىغان قورقۇنچ تۇيغۇسى ئاتا قىلغىن. سېنىڭ جەننىتىڭگە يەتكۈزىدىغان ئىتائەتمەنلىك، دۇنيا مۇسىبەتلىرىنى بىزلەرگە ئەرزىمەس قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئىمان، ئىشەنچ ئاتا قىلغىن. بىزنىڭ قۇلاقلىرىمىز كۆزلىرىمىز ۋە بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بىلەن ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغىن. بىزلەرنىڭ ياخشى ئىز باسارلىرىمىزنى قالدۇرغىن. دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن. مۇسىبىتىمىزنى دىنىمىزدا قىلمىغىن. دۇنيا غېمىنى ئەڭ چوڭ غېمىمىز قىلىپ قويمىغىن، دوزاخنى ئاخىرقى ماكانىمىز قىلمىغىن. جەننەتنى ئەبەدىيلىك مەنزىلىمىز قىلغىن. گۇناھلىرىمىز تۈپەيلى بىزنىڭ ھەقلىرىمىزدىن قورقمايدىغان، بىزلەرگە رەھىم قىلمايدىغان كىشىلەرنى بىزگە باشلىق قىلىپ قويمىغىن. ئەي مېھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھ!

ئەي ئاللاھ! سەندىن جەننەتنى ۋە جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەلنى تىلەيمىز. دوزاختىن ۋە دوزاخقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەردىن پاناھ تىلەيمىز. ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تىلەيمىز. بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان يامانلىقلاردىن پاناھ تىلەيمىز.

ئەي ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇق. ساڭا ئىشەندۇق. ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق. بىزنىڭ ئىلگىرى-كېيىن قىلغان، ئاشكارا-مەخپىي قىلغان، سەن بىزدىنمۇ ياخشى بىلىدىغان بىز بىلمەيدىغان گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن. سەن ھەممىدىن مۇقەددەم، ھەممىدىن كېيىن سەن يەنە قالىسەن. سەندىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق. مۇقەددەس رەببىمىز! بىز زالىملاردىن بولۇپ قالدۇق، شانۇ-شەۋكەتلىك پەرۋەردىگارىمىز، سېنى ماختايمىز، سەن ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانى بىلەن تەڭ كەلگۈدەك، سەن رازى بولغۇدەك، سېنىڭ ئەرشىڭگە تەڭ كەلگۈدەك، سېنىڭ كەلىمىلىرىڭ، كەلىمىلىرىڭ پۈتۈلگەن سىياھلارنىڭ مىقدارىدا ئالقىش ياڭرىتىمىز، ئاسماننى تۈۋرۈكسىز كۆتۈرگەن پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن بۈيۈكدۇرسەن، زېمىننى يارىتىپ بىز ئۈچۈن ماكان قىلىپ بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز، سەن مۇقەددەستۇرسەن، شانۇ-شەۋكەتلىك پەرۋەردىگارىمىز، ساڭا ئوقۇلىدىغان مەدھىيە-ئالقىشلارنىڭ ھېسابىنى بىز بىلىپ بولالمايمىز، پەقەت سېنىڭ شانۇ-شەۋكىتىڭگە لايىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەي ئاللاھ! ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. كۇفرىنى، مۇشرىكلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلغىن. يۇرتىمىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمان يۇرتلىرىنى تىنچ-خاتىرجەم قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! بىزلەرنى يۇرتلىرىمىزدا ئەمىن قىلغىن. يېتەكچى پىشۋالىرىمىزنى ۋە ھوقوقدارلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنى سەن ئۆزۈڭ رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! مۇسۇلمان ئەرلەرنى، مۇسۇلمان ئاياللارنى، مۇئمىن ئەرلەرنى، مۇئمىن ئاياللارنى مەغپىرەت قىلغىن. ئۇلارنى ئۆزئارا مۇھەببەتلىك ۋە توغرا يولدا قىلغىن، ئاشكارا-مەخپىي پاھىشە، بۇزۇقچىلىقلاردىن يىراق قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! سېنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك ئىسمى-سۈپەتلىرىڭنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ سەندىن تىلەيمىز. دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىغىن. ئەي ئاللاھ! مۇسۇلمان ياشلىرىغا ئىنساب بەرگىن.

ئەي ئاللاھ! مۇسۇلمان ئاياللارغا دىيانەت، ھىدايەت، گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلغىن. ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىغىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بەختلىك قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! مۇسۇلمان يول باشلىغۇچىلارغا ئىنساپ بەرگىن، ئۇلارنى ئازدۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ئېزىشى بىلەن بىزلەرنىڭمۇ ئېزىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىغىن. ئۇلارنىڭ ھاياتىنى بىز ئۈچۈن بەرىكەت قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن.

ئەي ئاللاھ! مۇسۇلمان ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يوروتقىن، ئۇلارنىڭ دىننى توغرا چۈشىنىپ، ساپ ئېتىقاد بىلەن ئۆسۈشىنى نېسىپ قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى قىلغىن. تۇرمۇش-مەئىشەتلىرىنى پاراۋان قىلغىن. قەلبلىرىنى دىن، ھەق ئۈستىگە، سېنىڭ قۇرئانىڭغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئۈستىگە ئۇيۇشتۇرغىن.

ئەي ئاللاھ! ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق مۇسۇلمانلارنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى، سېنىڭ بىرلىكىڭ ۋە پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بارلىق قەبىلە ئەھلىنى مەغپىرەت قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارغا رەھىم قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايىنى ئېسىل، ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلغىن، قەبرىلىرىنى كەڭرى قىلغىن، ئۇلارنى كۆكتىن چۈشكەن، ئەڭ ساپ، ئەڭ ئېسىل سۇلار بىلەن پاكلىغىن. ئۇلارنى خۇددى ئاق كىيىم كىردىن ئاقارغاندەك گۇناھلاردىن پاك قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! ئۇلار ماڭغان يوللاردا ماڭغىنىمىزدا بىزلەرگە ئاسانلىقنى مۇيەسسەر قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭ سەكراتىدا بىزلەرگە ياردەم بەرگىن. قەبرە ۋە ئۇنىڭ زۇلمەتلىرىدە بىزلەرگە ياردەم بەرگىن. قىيامەت كۈنى ۋە ئۇنىڭ مۇشەققەتلىرىدە بىزلەرگە ياردەم بەرگىن. سىرات كۆۋرۈكى ئۈستىدە ۋە جەننەتكە كىرىشتە بىزلەرگە ياردەم بەرگىن.

ئەي ئاللاھ! قىيامەت كۈنى ئەرسات مەيدانىدا بىزنى ئەمىن قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! قىيامەت كۈنى نامە-ئەمالىمىزنى ئوڭ قولىمىزغا بەرگىن.

ئەي ئاللاھ! بىزلەرنى قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن، شەھىدلەر بىلەن، راستچىللار بىلەن، ياخشى ئۆتكەن سالىھ بەندىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرغىلى نېسىپ قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! بىز دۇنيادىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى بېكىتىمىز بولغان قەبرىنى بىز ئۈچۈن ياخشى مەنزىل قىلغىن، ئۇنىڭ ئىچىنى كەڭرى قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! سوئال-سوراقتا ئاسانلىق بەرگىن.

ئەي ئاللاھ! بىزنى ھاياتىمىز بويى پىتنىدىن ساقلىغىن.

ئەي ئاللاھ! ھاياتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، ئۆلۈمنىڭ پىتنىسىدىن، قەبرىنىڭ پىتنىسىدىن، دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىغىن، ئەي يەككە-يېگانە، قەھرى سەلتەنەتلىك ئاللاھ!

ئەي ئاللاھ! بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قەبرىنى جەننەت بوستانلىرىدىن بىر بوستان قىلغىن.

ئەي ئاللاھ! بىزدىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋە بىز ئۈچۈن قەبرىنى جەننەت بوستانلىرىدىن بىر بوستان قىلغىن، دوزاخ ئازگاللىرىدىن بىر ئازگال قىلمىغىن.

ئەي ئاللاھ! ئۇلارنى قەبرىنىڭ تارلىقىدىن قۇرتلارنىڭ چېقىشىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەبەدىيلىك جەننەتلەرگە مۇيەسسەر قىلغىن، ئۇلارنى ياپ-يېشىل جەننەت بوستانلىرىدا، سىدرى دەرىخىنىڭ ئۈزۈلمەس سايىلىرىدا سايىداتقىن، ئەي ئەپۇچان مېھرىبان ئىلاھىمىز!

تاشقى ئۇلىنىشلار تەھرىرلەش

«خەتمە قۇرئان دۇئاسى»نىڭ ئۇيغۇرچەسى

Hatim-Online Community دۇنيانىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ بۈيۈك توردا خەتمە قۇرئان پورتالى {{|url=https://web.archive.org/web/20070714120715/http://www.hatim-online.com/ |date=2007-07-14 }}

مەنبئەلەر تەھرىرلەش

  1. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق سۆزلىكى