يەھۇدىي دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان بىردىنبىر مەملىكەت - خەزەر خانلىقى ! ( قىسقىچە تەپسىلات ) مىلادى 6 -ئەسىردىن 11 -ئەسىرگىچە بولغان 500يىلدا ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى نۇرغۇنلىغان مىللەت - قەۋملەر بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەلدى .ئەما بىرلا مىللەت — كاسپى دېڭىزى ، ۋولگا دەرياسى ۋادىسىنى ماكان تۇتۇپ يۈكسەك مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كۈچلۈك ئىمپېرىيە قۇرغان خەزەرلەر ، ۋىزانتىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىتتىپاقدىشى بولۇپ قالدى . خەزەرلەرنى يەنە قازار دەپمۇ ئاتاپ ، قازاق ۋە كازاك نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى قىلىشىدۇ ، خەزەرلەر غەربىي تۈركلەردىن تېخىمۇ توغرىىسى شىمالىي ھونلار بىلەن غەرپكە كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن تەشكىل تاپقان .ھەم يەرلىك سىلاۋيان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . باشقا خىل قاراشتا ئۇيغۇر - قاڭقىل ئېلىدىكى سوغدىلار ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئەجدادى دېيىلىدۇ .مىلادى 484 -يىلى ئۇلار تۇنجى قېتىم ۋېنگىرىيە تۈزلەڭلىكىنى ماكان تۇتقان ، ھونلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى سۈپىتىدە ۋىزانتىيە تارىخنامىلىرىدە saraghur نامىدا تىلغا ئېلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ نامىمۇ قىززىق ، خەزەر ( پارسچە : ھازار ) دېگەن سۆز ، گېرمان قەبىلىلىرى تىلىدا يات دىندىكى كىشىلەر ، گىرىك تىلىدا ھون چەۋەندازى ، روس ۋە ئىبراي ( يەھۇدىي ) تىلىدا پادىچى ، ئەرەپ تىلدا يەكچەشمە قەۋىم دېگەن مەناغا ئىگە ، ئۇلارنىڭ تېررىتورىيىسىدىكى كاسپىي دېڭىزى ئىلگىرى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن تۈركىي خەلقلەر تىلىدا خەزەر دېڭىزى دەپ ئاتالغان . خەزەرلەر ئىلگىرى ، ۋىزانتىيە پارسلاردىن ئەزەربەيجاننى ئېلىشىغا ياردەملەشكەن ، 626 -يىلى خەزەر قاغانى جەبرا قاغان ۋىزانتىيە ئىمپىراتورى ھېراكلىئو بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى تۈرگەندىلا خەزەرلەر كۈچلۈك مەملىكەت ئىدى . جەبرا قاغان ۋىزانتىيەگە « ئارىيەتكە بەرگەن » 40 مىڭ چەۋەنداز پارسلارنىڭ ئەزەربەيجاندىكى مۇداپىئە لىنىيىسىنى تۈزلىۋەتكەن . ئەرەپلەرگە قاتتىق قارشى تۇرۇپ كاۋكازدىن ھالقىشقا چوڭ توسالغۇ بولغان . ۋىزانتىيە كىچىك ئاسىيادىن ئەرەپلەرگە قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىغاندا خەزەرلەرمۇ كاۋكازدىن ھالقىپ ھەمدەم بولغان .(مەسىلەن 764 - يىلىدىكى جەڭ ) .تەخمىنەن 740 -يىلى خەزەر قاغانى ئېتىقادىنى شامان دىنىدىن يەھۇدىي دىنىغا ئۆزگەرتتى. بۇ يەھۇدىي سودىگەرلىرىنىڭ جانلىق پائالىيىتىنىڭ تەسىرى ئىدى . ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا تۈركىي قەۋىملەر ئىچىدە ئەڭ مەدەنىيەتلىكى بولۇپ ئۆزگەرتىش ئاساسىدىكى يېزىقى بولۇپلا قالمي چوڭ شەھەرلەرنى ، چېلەك دەرياسى بويىدىكى بالغۇنچار ، داغىستاندىكى سەمەندەر ( بۈگۈنكى پېتروۋىسكىي ) قاتارلىقلارنى ئۇلار پايتەخىت قىلىپ قۇرۇپ چىققانىدى . 1030 - يىلى ئۇلار توختىماي غەرپكە سلجىۋاتقان پەچەنەكلەر ، جەنۇپقا كېڭىيىۋاتقان كىيۋ رۇسىيىسى ، ۋە « يۈزسىز ئىتتىپاقداش » ۋىزانتىيەنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى بىرلە مۇنقەرىز بولدى . ئۇلارنىڭ تارىخي ئورنى قىپچاقلارغا قالدى.