ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى،زامانىمىز جۇغراپىيەشۇناسلىرىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، سانسىزلىغان ئىلىم سۆيەرلەرنىڭ تەلەپچان، كۆيۈمچان، ئاقكۆڭۈل ئۇستازى، ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان تالانىتلىق تەتقىقاتچى ئالىم، دوكتۇر خەمىت ھېمىت ئەپەندى 1960-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ چېرا ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى 54 يېشىدا قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدە خىزمەت ئۈستىدە بەخىتكە قارشى تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى.مەرھۇم ئالىمنىڭ ۋاپاتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللىي مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش.بىز مەرھۇم ئۇستازنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز ۋە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا ئالىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز.ئۇستاز خەمىت ھېمىت خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان ئېسىل مەنىۋى ئەمگەكلىرى ۋە خەلقىمىزنىڭ مائارىپ، پەن-تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىللىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.

خەمىت ھېمىت ئەپەندى تەبئىي پەنلەر دوكتۇرى، پىروفېسسور، دوكتۇرانت يېتەكچىسى بولۇپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى پارتىكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مائارىپ مېنىستىرلىقى بوستانلىق ئېكولوگىيەسى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى» ۋە «شىنجاڭ قۇرغاق رايونلار كۆل مۇھىتى ۋە بايلىق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى» نىڭ پەن يېتەكچىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «تەبئىي جۇغراپىيە»دوكتۇرانت تەربىيىلەش نۇقتىسىنىڭ دوكتۇرانت يېتەكچىسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھىرمەن بولىدىغان مۇتەخەسىس، شۇنداقلا «غەربىي رايون ئالاھىدە ئىختىساس ئېگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش پىلانى» غا تاللانغان شەخىس.

خەمىت ھېمىت ئەپەندى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بۆرتالا شەھرىدە تاماملىغاندىن كىيىن، 1978-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەبئىي جۇغراپىيە كەسپىدە تولۇق كۇرۇستا ئوقۇپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن فاكولتېتنىڭ ئۆزىدە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتىنى باشلىغان.1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدا ماگىستىرانتلىقتا ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.1996-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى جۇغراپىيە ئىلمى ۋە بايلىق تەتقىقات ئورنىدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى جېڭ دۇ ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشىدە دوكتۇرانتلىقتا ئوقۇپ، تەبئىي پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ، ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تۇنجى بولۇپ مۇشۇ تەتقىقات ئورنىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان كىشى.مەرھۇمنىڭ ئايالى رابىيە خانىممۇ ئۇستازغا ئوخشاشلا ئالىي مائارىپ سېپىدىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى.ئوغلى ئىليار خەمىت بولسا شاڭخەي توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتىدا فېزىكا كەسپىدە تولۇق كۇرستا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا فېزىكا كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىدۇ (بۇلارنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.).خەمىت ھېمىت ئەپەندى ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى بايلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئېنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ساياھەت باشقۇرۇش ئېنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان، 2010-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ پېداگوگېكا ئۇنىۋېرستىتى پارتىكومىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

يۇقىرى ساپالىق، تالانىتلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۇرۈپ چىقىش تۈرىتكىسىدە، دوكتۇر خەمىت ھېمىت ئۈزلۈكسىز تېرىشچانلىقى ئارقىلىق، 1999-يىلى 4-ئايدا ماگىستىرانت يىتەكچىسى، 2003-يىلى 9-ئايدا دوكتۇرانت يېتەكچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، تۇجيا، قىرغىز، ئۆزبىك، تاجىك قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەردىن بولۇپ جەمئىي 5نەپەر پوسىتدوكتۇر (دوكتۇر ئاشتى)، 14نەپەر دوكتۇر ۋە 66نەپەر ماگىستىر يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، پوسىتدوكتۇر، دوكتۇر ۋە ماگىستىرلاردىن تەشكىللەنگەن مۇنتىزىم، سېستىمىلىق تەتقىقات گورۇپپىسىنى قۇرۇپ ، قۇرغاق رايونلار بوستانلىقلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك بېخەتەرلىكىنى تەتقىق قىلىدىغان ياش تەتقىقاتچىلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈردى.مەرھۇم تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلار نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئېدارە-ئورگانلاردا خىزمەت قىلىپ، جەمىئيەتكە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشماقتا.

ئىلمىي تەتقىقات بولسا ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى.دوكتۇر خەمىت ھېمىت ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قۇرغاق رايونلار سۇ بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، تەتقىقات يۆنىلىشى ئاساسلىقى بوستانلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىش ۋە شورلىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، قۇرغاق رايونلاردىكى سۇ بايلىقىدىن سىجىل پايدىلىنىش، يەرئاستى سۈيىنىڭ دېنامىكىلىق ئۆزگىرىشى، قۇرغاق رايونلاردىكى كۆل ۋە سۇلۇق يەرلەرنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشكە بولغان ئىنكاسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇ تارىم دەريا ھەۋزىسى، تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلار، تەكلىماكان قۇملۇقى، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئېلى دەريا جىلغىسى قاتارلىق رايونلاردا 50 قېتىمدىن ئارتۇق ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇ، تۇپراق، ئۆسۈملۈك، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەرنى ئىلىپ بىرىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى شورلۇق يەرلەرنى، قۇملۇقلارنى، كۆللەرنى قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنى سېستىمىلىق رەتلەپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ تەبئىي شارائىتىغا ماس كىلىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇ باش بولۇپ ئىشلىگەن دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىدىن دۆلەتلىك تەبئىي پەنلەر فوندى تۈرىدىن تۆت تۈر (1.«تارىم ئويمانلىقىدىكى تىپىك رايونلار يەر ئاستى سۈيىنىڭ دېنامىكىلىق ئۆزگىرىشى ۋە يەر يۈزى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى»، 2.«تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلاردا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە يەر يۈزى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى»، 3.«كېرىيە بوستانلىقىنىڭ ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ۋە يەر ئاستى سۈيىنى كونترول قىلىش مېخانىزىمى»، 4.«ئىبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئېكولوگىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەتقىقاتى»قاتارلىقلار)، دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ھالقىلىق پىلان تەتقىقاتى تۈرىدىن بىر تۈر («سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش تەتقىقاتى»)، ۋە دۆلەتلىك تەبئىي پەنلەر فوندى نۇقتىلىق تۈرى-شىنجاڭ بىرلەشمە تۈرىدىن بىر تۈر («شىنجاڭ باغراش كۆلى مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشكە بولغان ئىنكاسى») قاتارلىقلار بار.بۇلاردىن سىرت، دوكتۇر خەمىت ھېمىت جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمى مەسلىھەتچىلىك تەتقىقات تۈرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى، مائارىپ مېنىستىرلىقى مۇھىم مەخسۇس تۈرى قاتارلىق جەمئىي 21 تەتقىقات تۈرنى تاماملىغان بولۇپ، تەتقىقات ئومومىي فوندى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.ئۇ ئۆزى ئىشلىگەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە ئېرىشكەن تەتقىقات نەتىجىللىرى ئاساسىدا، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى نۇقتىلىق ئىلمىي ژورناللاردا رايونىمىز ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا مۇناسىۋەتلىك 170پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 10 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى «Ecological Engineering»، «Natural Areas Journal»، «Environmental Monitoring and Assessment»،«Canadian Journal of Soil Science» «International Journal of Susutainable Development & World Ecology» قاتارلىق دۆلەت سىرتىدىكى  SCI ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئىلمىي ماقالىلەردىن سىرت، ئۇ يەنە ئۆزى باش بولۇپ «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە جۇغراپىيە لۇغىتى» نى تۈزۈپ چىققان ۋە كەسىپداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «شىنجاڭ جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان.

تەتقىقات نەتىجىللىرىنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ۋە كەسپىي بىلىملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇ ئامىرېكا، ياپونىيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئېلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، رايونىمىز شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىللىرىدىن دوكىلات بەردى.دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېچىلغان ئېلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىدىمۇ نەچچە قېتىم تەكلىپلىك دوكىلات بەردى، ئۇ ئۆزى باش بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە ئىككى قېتىم «قۇرغاق رايونلار كۆل مۇھىتى ۋە بايلىق» تېمىسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆز تەتقىقات گورۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ يىڭى تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى، ئەڭ يىڭى تەتقىقات يۆنىلىشلىرىنى ئىگەللىشىگە ئاساس ياراتتى.

پەن-تەتقىقات مۇكاپاتىغا نائىل بولۇش بولسا پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. دوكتۇر خەمىت ھېمىت كۆپ يىللىق تېرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، 2005-يىلى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنەۋۋەر تەتقىقات نەتىجىسى» مۇكاپاتىغا، 2007-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەبئىي پەنلەر تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتى»غا، 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى»نىڭ بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، 2009-يىلى جۇڭگو جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر جۇغراپىيە پەن-تېخنىكا خادىمى» مۇكاپاتىغا، 2012-يىلى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى» ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ ئىككى كۈندىن كىيىن، ئۇنىڭ گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىك خەۋىرى يىتىپ كەلدى.

ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتىدىن باشقا، دوكتۇر خەمىت ھېمىت مەمۇرىي خىزمەتنىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىشلەيتى، ئۇ رەھبەرلىك خىزمىتىنى ھوقۇق ئەمەس بەلكى باشقىلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بىرىش زۆرۈر بولغان بىرخىل مەجبۇرىيەت دەپ قارايتى.ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىگەندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەن-تەتقىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، پەن-تەتقىقات شارائېتىنى ياخشىلاش، تەتقىقات قوشۇنى قۇرلۇشىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرلۇشى، ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك ئىجتىمائىي پەن نۇقتا قۇرۇلۇشى ۋە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ زور ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. خەمىت ھېمىت ئەپەندى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى، ئاسپىرانت نۇقتىسى قۇرۇلۇشى، ئاسپىرانتلار باشقارمىسى، ئارقا سەپ مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مەكتەپ مالىيە باشقارمىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى. يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، قۇرۇلۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل تەستېقلىتىش ۋە تولۇقلىما تۆلەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ئەتراپلىق ئورۇنداپ، قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.ئۇنىۋېرسىتېت دوكتۇر تەربىيىلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش تۈرىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئۇ ھەرتۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي ۋە ئىنچىكە پىلانلاپ ، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوكتۇر قۇبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.ئۇ مەكتەپنىڭ مالىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ تۇرىۋاتقاندا، مەكتەپنىڭ مالىيە تۈزۈمىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە ئىشلىرىنىڭ قېلىپلىق، پۇختا ۋە نورمال ئايلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.ئۇنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ساياھەت ئېدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ «شىنجاڭ ساياھەتچىلىك تەربىيىلەش ئىنستىتوتى» نى قۇرۇلدى.

تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، 2014-يىلى 3-ئايدا دوكتۇر خەمىت ھېمىت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەلنى زىيارەت قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە تاللىنىپ، يەكەن ناھىيىسىنىڭ ياقىئېرىق يېزىسى سايئۆستەڭ كەنتىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن ئەۋەتىلدى. ئۇ تۆۋەنگە چۈشكەندىن كېيىن، ئامما ئىنكاس قىلغان كەنىتنىڭ سۇ، توك ۋە قاتناش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھىيەلىك سۇ، توك ۋە قاتناش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن نۇرغۇن قېتىم ئالاقىلىشىپ، قىسقىغىنە سەككىز ئاي ئىچىدە كەنىتنىڭ سۇ، توك ۋە قاتناش مەسىلىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ، كەنىتتىكى كەڭ دېھقانلارنىڭ بىردەك ئېتراپ قىلىشى ۋە يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ كەنىتتىكى يېتىم-يېسىر، كەمبەغەللەرگە قولىدىن كىلىشىچە يار-يۆلەكتە بولدى. توختىماستىن قىلىنغان ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەك مەرھۇم ئۇستازدا زىيادە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتۈشىگە سەۋەب بولدى.مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن كەنىتتىكى دېھقانلار ۋەكىللىرى يەكەندىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ، مەرھۇم ئۇستازنىڭ ئۆيىنى پەتىلىدى، ئۇلارمۇ بۇ مۇسىبەتكە سەۋر قىلالماي قايغۇ ياشلىرىنى تۆكتى.مەرھۇمنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ چەتئەللەر، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملار، رەھبەرلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆزىنىڭ قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەرھۇمنىڭ ئائېلە-تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى.

دوكتۇر خەمىت ھېمىت 30 يىللىق تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى جەريانىدا بىر مۇنەۋۋەر تەتقىقاتچىغا ۋە تەلەپچان، مەسئۇلىيەتچان، كىچىك پېئىل، كۆيۈملۈك ئۇستازغا خاس پەزىلەت بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلدى.ئۇ مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، كەسىپكە پۇختا، پەزىلەتلىك، ياراملىق، ئالىيجاناب ئالىم ئىدى، ھەممىنىڭ چۇڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر مۇئەللىم ئىدى، مۇنەۋۋەر رەھبىرى كادىر ئىدى، مىجەزى ئوچۇق، كەڭ قورساق، چىقىشقاق ئىدى.مەرھۇم ئۇستازدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىش ئەزەلدىن ماختاپ ئېلھاملاندۇرۇشلارغا، خۇشخۇي مۇئامىلىگە، ھەر جەھەتتىن كۆيۈنۈشكە كۆنۈپ قالغان ئوقۇغۇچىللىرىغا قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر كەلگەنلىكىنى ھەرگىز تەسۋېرلىيەلمەيمىز، خەلقىمىزنىڭ يەنە بىر يورۇق يۇلتۇزى ئۆچتى.مەرھۇم ئۇستازنىڭ يەتمەكچى بولغان گۈزەل ئارزۇ-تېلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش بىز ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ نىشانىمىز. مەرھۇم ئۇستازنىڭ بىباھا مەنىۋىي دۇنياسى مەڭگۈ بىز بىلەن بىللە !!!

ئاخىرىدا مەرھۇم ئۇستازنىڭ خەلقىمىز مائارىپىغا ۋە دۇنيا جۇغراپىيە ساھەسىگە قوشقان ئۈنسىز تۆھپىللىرىگە چىن يۈرىكىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، سىزدىن سۆيۈنىمىز، سىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزغا ئېغىر خۇرسىنىمىز، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىڭىزغا سەبىر تېلەيمىز، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، كۈنلىرىنىڭ خاتېرجەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!