دادا، يالماۋۇز مومامدەك بولامدۇ؟

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن"چىن تۆمۈر باتۇر" قاتارلىق ئۇيغۇر چۆچەكلىرىنىڭ بالىلار فىلىمى قىلىپ ئىشلەنگەن پىلاستىنكىسىنى قىزىم بىلەن كۆرۈشكە باشلىدىم. پىلاستىنكىنىڭ خېلى بۇرۇن ئىشلەنگىنىدىن خەۋىرىم بار ئېدى. بۇ قېتىم كۆرۈپ ئولتۇرۇپ قىزىمنىڭ "دادا، يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ يەتتە بېشى قېنى؟ يالماۋۇز ئاشۇنداق بولامدۇ؟ يالماۋۇز ئەجەب مومامغا ئوخشايدىكەنغۇ؟" دېگەن سۇئاللىرىغا دۇچ كەلدىم. بۇ فىلىمنى مەن تۇنجى كۆرۈپلا يالماۋۇزنىڭ ئاق رومال ئارتقان، ئۆتۈك كىيگەن، يۈزىگە قاراسۈرتۈلگەن ئوبرازىغا قاراپ فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن يالماۋۇز ئوبرازىنى ئىخلاسمەن ئۇيغۇر مومايلىرىنىڭ قىياپىتىدە ياراتقانلىقىغا ھەيران قالغانىدىم.شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر بالىلار كىتابلىرىدا يالماۋۇز، جادۇگەر قاتارلىق ئوبرازلارنىڭ قانداق سىزىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم.

ئۇيغۇرچە بالىلار كىتابلىرىدا جادۇگەرنىڭ ئوبرازى بېشىغا ياغلىق ئارتقان، پۇتىغا ئۆتۈك كەيگەن، ئۇزۇن پەرىجەكەيگەن ھالدا يارىتىلغان ئېدى. ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى جادۇگەرلەرنىڭ ئوبرازىنى بۇنداق سىزغانلارنىڭ ئاساسى بەلكىم چۆچەكلەردە جادۇگەرلەرنىڭ "موماي " دېيىلگەنلىكى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما جادۇگەر موماي قانداق بولۇپ چاچلىرى بۈدىرە، ئىشتانلىق، يالاڭباشتاق قىياپەتتە ياكى باشقا قىياپەتتە ئەمەس، ئىخلاسمەن ياغلىقلىق موماي قىياپىتىدە سىزىلىپ قالدى؟چۆچەكلەردىمۇ بۇنداق قىياپەت تەسۋىرى يوق ئېدىغۇ؟

مېنىڭچە رەسىم سىزغۇچىلارنىڭ جادۇگەر موماي ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر موماينىڭ قىياپىتىنى مەنبە قىلىپ قانات يايغان بولغاچقا شۇنداق سىزىلغان بولۇشى مۇمكىن. "چىن تۆمۈرباتۇر" فىلمى ۋە رەسىملىك ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرىدە مەيلى جادۇگەر موماي ئوبرازى ياكى يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئوبرازى بولسۇن ئۇيغۇر مومايلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىياپىتىنى ياۋۇزلۇق پورتىرىتى قىلىپ تاللىغان. بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئىككى ژانىرىدا ئوخشاشلا ئۇيغۇر مومايلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىياپىتىنىڭ ئالۋاستىلاشتۇرۇلۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ بىلىنمەي ئالۋاستىلاشتۇرۇلىشىدۇر. ئۇيغۇرچە بالىلار كىتابلىرىنىڭ ئارىسىدىكى خەنسۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان "مىڭ بىر كېچە"ھېكايەلىرىدە قىزلارنىڭ يۈزى يۆگەلگەن لېكىن كۆكسى، كىندىكى، يوتىسى ئوچۇق سىزىلغان بولىدۇ، بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھىس قىلىمىز، قوبۇل قىلالمايمىز، ئەممائامالىمىز يوق، چۈنكى بۇ ئىچكىرىلىكلەرنىڭ ئەرەبلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى ئەلۋەتتە. بۇنى يات مەدەنىيەتنى جىنسىيلەشتۇرۇش دەيمىز. بۇلارنى بىرسى بىزگە تەرجىمە قىلىشنى تاڭغان ئەمەس. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر بالىلار كىتابلىرىدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى ھىچ كىمنىڭ ئېزىقتۇرىشى، مەجبۇرلىشى ۋە قىزىقتۇرىشىسىز ئۆز ئۇيغۇرلىرىمىز تەرىپىدىن ئالۋاستىلاشتۇرۇلغان.

لەنجۇدىكى چېغىمدا بىر ئۇيغۇركادىر ئايالنىڭ يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ساقال قويغان ئاكىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ "تېرورچىدەك ساقال قويۇۋاپتىغۇ" دېگىنىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۈرۈمچىدەئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ مەكتىپىنىڭ ئالدىدا قىزىلچا پۇشۇرۇپ ساتىدىغان ئۇيغۇر كىشىنىڭ ساقىلىنى كۆرۈپ "تېرورچىدەك قورقۇنچلۇقكەن" دېگىنىگە شائىت بولدۇم. ئەزەلدىن ساقال بۇرۇتلۇق كەلگەن بوۋىلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەلقلىرىنىڭ تىلىدا "ساقاللىقلار" دەپ ئاتالغىنى مىللىتىمىزنىڭ ئىرقى بەلگىسىدىن تارىخى ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ. ئۇيغۇردىكى"ئەر كۆركى ساقال، سۆز كۆركى ماقال" دېگەن ئاتىلارنىڭ ھېكمىتىگە مىللىتىمىزنىڭ ئەرلىك گۈزەللىكى ۋە سالاپەت ئۆلچىمى ھەققىدىكى قاراشلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئاياللارنىڭ ياغلىقلىق بولۇشى، ئەرلەرنىڭ ساقاللىق بولۇشى مىللىتىمىزنىڭ مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئەنئەنىسى بولۇپ بۇ ئاللىقاچان مىللىتىمىزنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىغا ۋە گۈزەللىك ھەققىدىكى ئۇدۇم چۈشەنچىلىرىگە جىپسىلىشىپ سىڭىپ كەتكەن. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ "دىۋان"ىدا ياغلىق دېگەن سۆزنىڭ بولغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلىق چىگىش ئەنئەنىسىنىڭ شۇ دەۋردىن تارتىپ بولغانلىقىغا بىشارەت. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ياغلىق ئارتقان، پەرىجە كەيگەن مومىلىرىمىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى مېھرىبان سىياقى ئۆز ئۇيغۇرلىرىمىز تەرىپىدىن ئىشلەنگەن رەسىملىك بالىلار كىتابلىرى ۋە فىلىملەردە يالماۋۇزلارنىڭ ئوبرازىغا خېمىرتۇرۇچ بولۇپ قالسا بۇنى قانداق چۈشىنىمىز، قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ بۇ كىم تەلەپ قىلغان قانداق ئۆزگىرىش، قانداق تەرەققىيات؟

ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈش ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى ۋە كېلەچەك ھەققىدىكى پەرىزى بۈگۈننى ئەندىزە قىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋايى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىگە قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ كىينىشى، چىراي ئىپادىلىرىنىڭ قەشقەركوچىلىرىدىكى، خوتەن رەستىلىرىدىكى ياكى تۇرپان بازارلىرىدىكى بوۋايلارنىڭ تەققى تۇرىقىغا شۇنداق ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايمىز. مىسالەن، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بېشىدىكى شاپاق دوپپا "تۈركى تىللار دىۋانى" دا خاتىرلەنمىگەن. قەشقەردىكى ھازىرقى بوۋايلار دوپپىسىنىڭ ئىچىگە ئاشۇنداق شاپاق دوپپا كىيىدىغان بولغاچقا ھەم ئۆيىدە ئارام ئالغاندا دوپپىنى قوزۇققا ئىلىپ قويۇپ شاپاق دوپپىلىق ئىستىقامەت قىلىدىغان بولغاچقا بۇ قىياپەت رەسسامنىڭ مىڭ يىل بۇرۇنقى مەھمۇد كاشغەرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىغا ئاساس بولغان. يالماۋۇزنى سىزىشقا تۇتۇنغان رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ياغلىقلىق موماينىڭ خۇرۇچ بولۇش مەسىلىسى يۇقارقى ئەندىزە بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي كىيىم كېچەكلىرى فىئۇداللىقنىڭ، قالاقلىقنىڭ، كونىلىقنىڭ بەلگىسى قىلىنغان تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرىدە رەسسامنىڭ يالماۋۇز ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرى تېخىمۇ مۇقۇملاشقان. تۇماق، دېھقان دېگەن سۆزلەرنىڭ نىڭ "بۆكنىڭ بىرى تۈرى، يەر تېرىغۇچى" دېگەن مەنىلىرى ھازىر"قالاق، نادان، سەھرالىق" دېگەن مەنىدە قوللۇنىلىۋاتقان زامانىمىزدا ياغلىقلىق، مەيسە ئۆتۈكلۈك موماينىڭ يالماۋۇز ئوبرازىغا ئەندىزە بولغانلىقى بەك تاسادىپىلىقمۇ ئەمەس. دېمەك، بۈگۈنىمىزدە نېمە تەرغىپ قىلىنسا، مەدھىيەلەنسە بىز تارىخىمىزدا شۇنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ خۇددى قوش تىللىق مائارىپنىڭ تەرغىپ قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ "تارىختىكى قوش تىللىق بولۇش ئەنئەنىسى"نى تەتقىق قىلىدىغانلار كۆپەيگەنگەن ئوخشاش ئىش. دەۋرىمىزدە قانداق قىياپەت تەقىپ قىلىنسا، چەكلەنسە، يىرگىنىشلىك قىلىپ كۆرستىلسە بىز تارىخىمىزدىكى شۇقىياپەتلەردىن يىرگىنىمىز ياكى كۆز ئالدىمىزدىكى يىرگىنىچلىك نەرسىلەرنى شۇقىياپەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمىز. بۇ خۇددى ياغلىقنىڭ، ئۇزۇن پەرىجىنىڭ تەقىپ قىلىنىشى نەتىجىسە جادۇگەرنىڭ ياغلىقلىق سىزىلغىنى بىلەن ئوخشاش.

بالىلارنىڭ دۇنياسى تىل، ھەرخىل مۇراسىملار، يوسۇنلار، تارىخى ئوبرازلار ۋە تۈرلۈك ئۇدۇملارنىڭ يارىدىمىدە چوڭلار جەمئىيىتى ئارزۇلىغان ھالەتتە ياكى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر رەۋىشتە شەكىللىنىدۇ. بالىلار كىتابلىرىغا رەسىم قىستۇرۇشتىن مەقسەد بالىلارنىڭ يېتەرلىك سۆزلۈككە ئىگە ئەمەسلىكى سەۋەبلىك كەم قالغان تەپەككۇر بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈندۇر. چۆچەكلىرىمىز ئاساسىدا ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ مەقسىدى چۆچەكلەر دۇنياسىدىكى بوۋا-مومىلارنىڭ قىياپەت ۋە مىجەزلىرىنى بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ كۆز ئالدىداجانلاندۇرۇشتۇر. ھەر قانداق مىللەت كىشىلىرى ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەۋلادلارنىڭ سىماسىدا ۋە مىجەز خۇلقىدا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر بالىلار فىلىملىرىدە ۋە بالىلاركىتابلىرىدا ئۇيغۇر مومايلىرىنىڭ قىياپىتى جادۇگەرلەرنىڭ، يالماۋۇزلارنىڭ ئوبرازىغا خۇرۇچ قىلىنسا ئۇلارنى بىز ئارزۇلاۋاتقان ئۇيغۇرغا خاس كىملىككە، خاسلىققا تەلپۈندۈرۈش ئارزۇيىمىز سۇغا چىلىشىدۇ.


ئالدىنقى: «ئەخلەت» يەۋاتقان بالىلار ۋە قىزىم

كـىيىنكى: يوق