دارۋازلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. ئۇ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، باشقا تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. دارۋازلىق ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەش ئوڭاي ئەمەس. ئۇ نەزەرىيە جەھەتتىن بولسۇن، ئەسلىي ھەرىكەتتە بولسۇن، يۇقىرى تېخنىكىلىق ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. دارۋازلىق ھەرىكىتى ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدىغاچقا ماھارەتچىنىڭ تەڭپۇڭلۇق مەركىزىنى توغرا ئىگىلىشى دارۋازلىق ھەرىكىتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىللىرىنىڭ بىرى. شۇڭا بۇ خىل تەنھەرىكەتنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ. دارۋازلىق يەر ئۈستى ماھارىتى، دار ئۈستى ماھارىتى، چىغرىقتا كۆرسىتىدىغان ماھارەت، سەنئەتكارلىق، سېھىرگەرلىك قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر ئويۇنلىرىدىن [1]

دارۋازلىقنىڭ تارىخىي مەنبەسى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دەۋرلەردە ھوسۇل بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، دارۋازنىڭ قىزىل، يېشىل ئەلەملىرىنى لەپىلدىتىپ، ناغرا - دۇمباق سادالىرى ئىچىدە ماھارەت كۆرسىتىپ تەڭرىگە سېغىنىش روھىنى نامايان قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قۇربان باراتنىڭ <ئاق روماللىق پەرىزات> دېگەن داستاندا مۇنداق نەزمىلەر بار: <سەل يىراقتا - قارا شېغىل تۈزلەڭدە يۈكسەك قىلىپ دار باغلىدى دارۋازلار. بىر ئويۇنچى قىل ئارغامچا ئۈستىدە، قىلدى ھەر خىل ماھىرانە پەرۋازلار. لەپىلدەيتتى قىزىل، يېشىل ئەلەملەر، ناغرا - دۇمباق ئۇرار ئىدى گۈمبۈرلەپ. ئويۇنىغا ياغدى خۇشال ئالقىشلار، ئېگىزلىككە بارغان چاغدا ئۇ ئۆرلەپ. چۇقان سالار ئىدى پەستە شامانلار، بۇ ئويۇننى چۈشەندۈرۈپ ھەممىگە. بۇ ئاسمانغا ئىنتىلىشتىن بىر تىمسال، دۇئا قىلار ئىدى ئۇلار خور قىلىپ، ئىككى يانغا سىلكىنەتتى باشلىرى. قوللىرىدا ئىدى قىزىل كۇلاھلارى، يەلپۈنەتتى مەجنۇنانە چاچلىرى...> ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىكى قىزىل مىڭئۆيىنىڭ 77 - غارىدىكى تام سۈرەتلىرى ئىچىدە دارۋازلىق قىلىۋاتقان كۆرۈنەشلەر بار. Ⅶ - Ⅷ ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان تۇرپان خارابىلىرىدىن تېپىلغان ھەيكەللەر ئىچىدە تەڭشەك خادىسىنىڭ ئۇچىدا پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ تۇرغان بىر جۈپ ھەيكەل بار. ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دىمۇ <ئادەم دارۋازلىق قىلدى يەنى ئارغامچا ئۈستىدە ئوينىدى> دېگەن مىساللار بار. ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە يەنە مۇنداق بىر رىۋيەت بار: <قەدىمكى زاماندا مەلۇم بىر شەھەرنىڭ ئاسمىنىدىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە بىر جادۇگەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ. جادۇگەر ھە دېسىلا خەلققە بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ خاتىرجەملىك بەرمەپتۇ خەلق بۇ جادۇگەرنى يوقاتماقچى بولغان بولسىمۇ، ئۇ بولۇتنىڭ ئۈستىدىن پەسكە چۈشمىگىچە، داۋاملىق تۈردە خەلققە زورلۇق - زومبۇلۇق قىپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوبۇل ئىسىملىك بىر باتۇر يىگىت خەلقنى بۇ بالا - قازادىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇلۇتقا تاقاشقىدەك بىر نەچچە موما ياغاچ تىكلەپ، ئۇلارنى ئارغامچا بىلەن ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپتۇ. جادۇگەر بولۇت ئۈستىدە پەيدا بولغان ھامان ئۇ ئارغامچىدا چەبدەسلىك بىلەن ئۆز ماھارىتىنى كۆرىستىپ، جادۇگەر بىلەن ئېلىشىپ ئاخىرى ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، خەلقنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ دارۋازلىق ھەرىكىتى قەھرىمانلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، خەلق ئارىسىغا تارقىلىپ، داۋاملىشىپ كېلىۋېتىپتۇ>. شەرقىي خەن دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسىگە قەدەر بولغان دەۋرلەردە غەربىي دىيار سېھىرگەرلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋە چاڭئەنلەرگىچە بېرىپ دار باغلىغان. يۈەن سۇلالىسىدە ئۆتكەن چاڭچۈننىڭ ئۆلىماسى چيۇچۇجى 1221 - يىلىدىن 1223 - يىلىغىچە <غەربكە ساياھەت> قىلىپ يۇرتىغا قايتقاندا يازغان <غەربكە ساياھەت> ناملىق ئەسىرىدە، ئۆزىنىڭ يول ئۈستىدە كۆرگەنلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان: <شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ بىر شەھەرگە كەلدۇق. بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ئۇيغۇر ئىكەن. ئۇ بىزگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ سوۋغا بەردى. بىزنى شورپا، قاتلىما نان بىلەن مېھمان قىلدى> <يەنە بىر شەھەرگە كەلسەك بىر كىچىك ئۇيغۇر بالىسى موما ياغاچنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىپ، پىچاقۋازلىق ماھارىتىنى كۆرسەتتى>. <قامۇسنامە> ناملىق كىتابتا: <ھەر خىل سېرىكچىلىكنىڭ كۆپچىلىكى غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن، خەنزۇلار ئوينىغان دارۋازلىقىمۇ غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن> دېيىلگەن. شى لىڭ يازغان <شىنجاڭغا ساياھەت> ناملىق كىتابىدا: <يەكەن رايونىدىكى خوتۇن - قىزلار ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر ئىكەن. سېرىكچىلىك، موللاق ئېتىش، سىم ئارغامچىدا ماھارەت كۆرسىتىش بەك قىزىپ كېتىدىكەن> دېگەن خاتىرە قالدۇرغان. سەيجى يازغان <خەنيى> ناملىق كىتابتا: <غەربتىن كەلگەن راھىبلار بىر زالدا ئويۇن كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار بىردەم بېلىق بولۇپ ئۆزگەرسە، بىردەم سېرىق ئەجدىھا بولۇپ ئۆزگىرىدىكەن. >ئىككى تۈۋرۈككە تارتىلغان ئارىلىقى بىر قانچە گەز كېلىدىغان ئارغامچىدا ئىككى ئۇسسۇلچى قىز ئۇسسۇل ئويناپ، ئۆز ئارا بىمالال ئۆتۈشىدىكەن< دېيىلگەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، دارۋازلىقنىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغانلىقىدا شەك - شۈبھە يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر دارۋازلىرى چەت ئەلگە چىقىپ دار ئۈستى ھەرىكىتى كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دار باغلاپ ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىپ دارۋازلىقنى دۇنياغا تۇنۇتقان. بۈگۈنكى كۈندە دارۋازلىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بويىچە ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە."

مەنبەلەر تەھرىرلەش