دار ئۈستى ماھارىتى

دار ئۈستى ماھارىتى 22 - 30 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ھاۋا بوشلۇقىدا بېرىلىدۇ. 82 مېتىرلىق توم ئارقان دار ئارقا قوزۇقىغا باغلىنىپ 40 - 45 - گرادۇسلۇق ھاۋا بوشلۇقىدا كۆرسىتىلىدىغان ماھارەتتۇر. دارۋازلىق ماھارىتى ئارقان ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ ئالدى - كەينىگە مېڭىش، ئولتۇرۇش، ئارقىغا مېڭىش، ئارقان ئۈستىدە ياغاچ توپنى تېڭىپ مېڭىش، داردىن سيىرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چىغرىق ماھارىتى: چىغرىق ماھارىتى يالاڭ چىغرىق ۋە ئۇچاما چىغرىق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. چىغرىق ماھارىتى 22 - 30 مېتىر ئېگىزلىكتە كۆرسىتىلىدۇ. چىغرىق ھازىرقى زامان تەنتەربىيىسىدىكى تورنىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ھازىرقى زامان گىمانستىكا ھەرىكىتىدىكى ئاساسىي ماھارەت شەكىللىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھالقىلىق تاسما ھەرىكىتى، يالاڭ تورنىك ھەرىكەتلىرى چىغرىق ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. يالاڭ چىغرىق: چىغرىقنى تۇتۇپ پىرقىراش، بەلنى چىغرىققا قويۇپ ئۆزىنى تۆۋەنگە تاشلاش، چىغرىقىنى قولتۇقىغا قىسىپ تۇرۇش، چىغرىقنى بىر قولتۇقىدىن يەنە بىر قولتۇقىغا يۆتكەش، چىغرىقنى گەدىنىدە قىسىپ تۇرۇش، قولىنى قويۇپ بېرىپ ساڭگىلاش، بوشلۇقتا شۇڭغۇش ھالىتىدە تۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇچاما چىغرىق: ئۇچاما چىغرىقنىڭ بىر ھالقىسىغا بىر پۇتنى يەنە بىر ھالقىسىغا قولىنى كىرگۈزۈپ پىرقىراش، ئىككى ھالقىغا ئىككى پۇتىنى سېلىپ، يەنە بىر ھالقىنى بىر قولى بىلەن تۇتۇپ پىرقىراش. ئەۋجىگە چىققاندا قولىنى قويۇپ بېرىپ پىرقىراش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش