دامكا ئويۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. دامكا ئويۇنىدا چوڭ - كىچىك، ئەر - ئايال دەپ ئايرىلمايدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇن مەيدانى خەلقئاراچە شاھمات تاختىسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. مۇسابىقىلىشىدىغان ھەر بىر تەرەپ ئەزانىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمىغان 12 دانىدىن ئۇرۇقچىسى بولىدۇ (رەڭگى ئوخشاش بولمىغان ئۇششاق تاش بىلەن ئوينىسىمۇ بولىدۇ)، بۇ ئۇرۇقلار مەيداندىكى قارا يولغا ئۈچ رەتتىن تولۇق تىزىلىدۇ. ئۇرۇقلار ئۆز يولى بويىچە نۆۋەت بىلەن بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن مېڭىلىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپنىڭ ئۇرۇقى يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۇرۇقى ئالدىغا كېلىپ قالسا (ئۇرۇقنىڭ كەينىدە ئاتلاپ ئۆتۈپ چۈشىدىغان بوش ئورۇن بولسا)، ئاتلاپ يەيدۇ، ئەگەر يېيىشكە تېگىشلىك ئۇرۇقنى يېمىسە، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى <كۆيدى> دەپ ئېلىۋېتىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئۇرۇقىنى يۆتكەيدۇ. ئۇرۇقلارنى ئۆز ئارا مەقسەتلىك ھالدا قارشى تەرەپنىڭ يېيىشىگە سېلىپ بېرىشكە بولىدۇ. شۇ تەرىقىدە ھەر خىل توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ قارشى تەرەپ مەيدانىنىڭ ئەڭ چېكىگە چىقىرالىسا، دامكا قىلىنىپ قارشى تەرەپنى يېڭىپ چىقىشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. دامكا بولۇپ باشقا چىققان ئۇرۇق ئۆز ئۇدۇل لىنىيىسى بويىچە بىراقلا مەيداننىڭ ئەڭ چېتىگىچە ئاتلاپ ئۆتۈپ ئۇرۇق يېيەلەيدۇ. دامكىنى ھالاك قىلىش ئويۇنىنى ھەم قىزىقارلىق، ھەم جىددىي تۈس ئالدۇرۇپ ئويناش ئۈچۈن، بىر ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئۇرۇقچىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە چەت يول ۋە يان يوللارنى قامال قىلىش تورى قۇرۇش ئارقىلىق ھالاك قىلىشقا بولىدۇ. دامكا ئويۇنىدا ئىككى كىشى ئۆز ئارا ئۇرۇق يېيىشىپ ئاخىر قايسى بىرى يەنە بىرىنىڭ ئۇرۇقىنى يەپ تۈگىتىۋەتسە ياكى قاماپ يۈرۈش يولىنى قويمىسا شۇ كىشى يەڭگەن بولىدۇ. قايسى بىر تەرەپنىڭ بولمىسۇن ئۇرۇقلىرى پۈتۈنلەي يېيىلىپ تۈگىگەن بولسا، <تايىنچا ھەيدەپ> يېڭىلگەن؛ يۈرۈش يولى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قالغان بولسا <زاكۇت> بولۇپ يېڭىلگەن بولىدۇ. بۇنداق مۇسابىقىلەر خۇددى شاھمات مۇسابىقىلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ بەزى ناھىيىلىرىدە بۇ خىل ئويۇن تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلەر كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلماقتا."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش