دولانغۇتلار (تۆلەنگۈتلەر، دولانلار)

دولانغۇتلار (تۆلەنگۈتلەر، دولانلار): دولانغۇتلار دەسلەپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا، كېيىن سىر-تاردۇش خانلىقىغا تەۋە بولغان، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن قاغانلىقنىڭ بىر قەبىلىسىگە ئايلانغان. ئۇلار سىر-تاردۇشلارنىڭ شەرقىگە، تۇغلا دەرياسىنىڭ يېقىن ئەتراپلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەسكەرلىككە ياراملىقى ئون مىڭ ئىدى. دولانغۇتلارنىڭ نامى ئورخۇن-يېنسەي يادىكارلىقلىرىدا «تالانغۇت» دەپ يېزىلغان، راشىددىننىڭ «جامئول تاۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە «تۆلەنگۈت» دەپ يېزىلغان.