دولان مەشرىپى ئاساسەن مەكىت، مارالبېشى، يوپۇرغا، ئاقسۇ، ئاۋات، شايارنىڭ تارىم بويىدىكى يېزىلىرى قاتارلىق ناھىيە - رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزلىدىغان ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي نامى. دولان مەشرىپى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. دولان مەشرىپى ئومۇمەن دولان مۇقاملىرىنىڭ شەنىگە ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى سەنئەت پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇزىكا، ناخشا - ئۇسسۇل، ھەر خىل ئەدەبىي ئويۇن ۋە قىززىقچىلىقلار ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇڭا، ئۇ <خەلقنىڭ سەنئەت مەكتىپى> دەپ ئاتالغان.

دولان ئۇسسۇلى تەھرىرلەش

دولان مەشرىپىنىڭ پائالىيەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولغىنى دولان مۇقامىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىدىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇلدىن ئىبارەت. دولان مەشرىپىدىكى كوللېكتىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋرىدىكى ئەمگەك جەريانىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ئاساسەن تۆت باسقۇچلۇق ئۇسسۇلدىن تەكىب تاپقان:

بىرىنچى باسقۇچ، <چىكىتمە> بولۇپ باش مۇقام (پرولوگ) ئاخىرلاشقان ھامان مەشرەپ ئەھلى ئەر - ئايال جۈپ - جۈپ بولۇپ لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە مەردانە ھالدا سالماق قەدەم بىلەن ئاستا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئەرلەر قولىنى نۆۋەت بىلەن ئوڭ - سولغا تاشلاپ ئۈچ قەدەم تاشلىنىدۇ.

ئۈچىنچى قەدەمدە ئوڭ پۇت يېرىم بۇرۇلۇپ، سول پۇت دەرھال يۆتكىلىپ، ئوڭ پۇتىنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى بويىچە تەكرار داۋاملىشىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى ئۇسسۇل گويا ئوۋچىلارنىڭ بۈك - باراقسان ئورمانلار، قېلىن چاتقاللارنى ئىككى قولى بىلەن ئاستا قايرىپ تۇرۇپ، ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىدەك جانلىق مەنزىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.

دولان ئۇسسۇلى <چىكىتمە> دىن ئىككىنچى باسقۇچ - <سەنەم> گە كۆچكەندە، ئۇسسۇل رىتىمى ئۆزگىرىپ، ھەرىكەت تېزلىشىدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ سېپىمۇ بارغانسېرى كېڭىيىدۇ. ئەر - ئاياللار قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر - بىرىگە بېقىشىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئوڭ ۋە سولغا ماس قەدەم بىلەن تولۇق ئايلىنىدۇ. بۇ باسقۇچ ناھايىتى تېز، ئەمما تەرتىپلىك ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇسسۇلچىلارنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئالدى - ئارقىغا مېڭىش، ئوڭ - سولغا ئايلىنىش، قولىنى ئالدىغا شىلتىش ھەرىكەتلىرى ئوۋچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى، ئوۋچىلارنىڭ ھايۋانلار بىلەن كەسكىن ئېلىشىۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى <سەلقە> بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئۇسسۇلغا چۈشكەن ھەممە كىشى ئاستا - ئاستا چوڭ بىر چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، ئۇسسۇل ئەنە شۇ چەمبىرەك شەكلىدىكى دائىرىدە سىزىقنى بويلاپ داۋاملىشىدۇ. بۇ ھال ئوۋچىلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ھايۋاننى قورشىۋالغانلىقىدەك مەنزىرىنى سۈرەتلەيدۇ.

تۆتىنچى باسقۇچ، <سىيرىلما> بولۇپ، بۇ باسقۇچتا مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ چوڭ يۇمىلاق دائىر بىر - بىرلەپ پارچىلىنىقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇلچىلار ئۆز ئالدىغا ئەركىن پىرقىراپ چۆرگىلەپ، خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق پىرقىراش سۈرئىتى بارغانسېرى تىزلىشىپ، مەشرەپ سورۇنى شادىيانە كەيپىياتقا تولىدۇ. مانا بۇ ئۇسسۇل ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان بىر مەيدان ئوۋچىلىق جېڭىنىڭ غەلىبە تەنتەنىسىنى ئىپادە قىلىپ بېرىدۇ.

دېمەك، دولان مەشرىپىدە ئوينىلىدىغان دولان ئۇسسۇلى ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە نەپىسلىكى، مۇزىكا رىتىمى بىلەن بىردەكلىكى، ئۇسسۇل مەزمۇنىنىڭ ئېنىقلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. دولان ئۇسسۇلى كوللېكتىپ ئۇسسۇل بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھانى چەكلەنمەيدۇ. مەشرەپ مەيدانىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ، بىرلا ۋاقىتتا بەش - ئالتە جۈپتىن يىگىرمە - ئوتتۇز جۈپ ئەر - ئايال، ئويناۋېرىدۇ. ناۋادا، بىر يۈرۈش ئۇسسۇل ئاخىرلاشقۇچە ھېرىپ قالغانلار سەپتىن ئايرىلىپ ئۆز ئورنىدا ئولتۇرۇشقىمۇ رۇخسەت قىلىنىدۇ. دولان مەشرىپى ۋە دولان ئۇسسۇلى ھەقىقەتەن <شىنجاڭ ناخشا ئۇسسۇلىنىڭ ماكانى> ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش