دىن ئەندىشىسى ۋە مۇنازىرەسى بىھۇدەدۇر

بىھۇدە ئەندىشە ۋە زىيادە مۇنازىرە

مەن ئۇيغۇردا بولۇۋاتقان مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزەلەرگە يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتىمەن.دەمال ئېسىمگە كەلگەنلىرى 1.پەرھات تۇرسۇن ۋە يالقۇن روزى ھەققىدىكى مۇنازىرە 2.مۇسۇلمانلىق ۋە خىرىستىيانلىق مۇنازىرىسى.ياخشى كىشىلەر ئىشتىراكىدىكى مۇنداق ساپالىق مۇنبەردە بۇگۈن يەنە مۇشۇ تېمىنىڭ قىزغىن تېمىغا،مۇنازىرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئشىمنىڭ ھەممىنى قويۇپ تۇرۇپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.

بايانلىرىمىزدىن مەلۇمكى يالقۇن-پەرھات مۇنازىرىسىنىڭ نوقتىسى مۇسۇلمانلىق- خىرىستىيانلىق مەسىلىسى،بۇ مۇنبەر ۋە باشقا مۇنبەرلەردىمۇ مۇشۇ تىپتىكى تېمىلار بازارلىق.نېمىشكە؟تۆۋەندە مەن خىرىستىيانلىق ۋە مۇسۇلمانلىق مۇنازىرىسى ئاشىنالىرىغا بىر قانچە چۈشەنچەمنى سۇنماقچى،ئەقىل بىلەن مۇلاھىزە قىلغايلار.

1.مەسىلە زادى شۇلار دەۋاتقاندەك ئېغىر ،قورقۇنچلۇقمۇ؟ مەن بۇنداق مۇنازىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاۋاتقانلارنىڭ ئاقىللىقىدىن گۇمانلىنىمەن.چۈنكى بۇ توغرىسىدا سۆزلىگەنلەر ئاساسەن پەرەز ،خىياللىرىنى سۆزلەيدۇ.تەكشۇرگەن ،تەتقىق قىلغاندىن بىرسىمۇ يوق.ئەگەر بولغان بولسا بىزنى سان سىپىر،پاكىت بىلەن تەمىنلىگەن بولاتتى.

مەن بۇ تېمىدا تەكشۈرگەن.خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ كەينىگەرەك توغرا كېلىدىغان پروتېستانتلارنىڭ چىركاۋىغا 1999-يىلى بىر قېتىم،2008-يىلى يەنە بىر قېتىم بېرىپ تەكشۈردۈم.ئىككىلا قېتىم بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئۇچراتمىدىم.بارغىنى پەقەتلا مەن.كەمىنە بۇ ھەقتىكى ئويلىرىمنى چىركاۋدىكى يىگانە ئۇيغۇر دېگەن تېمىدا يېزىپ گۇلىستان ئۇيغۇر سالۇنىدا ئېلان قىلدىم.ماڭا مۇشۇ كۈنگىچە خىرىستىيان دىنىنى تەرغىپ قىلغانلار خېلى بار، ئەمما ئۇلارنىڭ پۇل بىلەن ئادەم ئالدىغىنى،چەتئەلگە چىقىرىمەن دەپ يەمچۈك سالغىنى ،ياكى باشقا نومۇسسىز ۋاستىلارنى قوللانغىنى يوق. ئۇيغۇردا چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى ئەقىلدارلارغا تۇتۇق ئەمەس.ئەلۋەتتە، چەتئەللىك دىن تارقاتقۇچىلار تېخىمۇ ئاز.مەنچە بارماقتا سانىساق بەلكىم توشار يا توشماس.چۈنكى سىياسەتنىڭ مەنىسى ئۇلار ئۈچۈنمۇ ۋەھىمىدىن دېرەك بېرىدۇ.ھەتتا بۇيىل مەن بارغاندا چىركاۋدا مەن بىلەن بارغان چەتئەللىكىتىن باشقا چەتئەللىك يوق.چەتئەللىكلەر يەرلىكلەر بىلەن بىللە تۇرسا بولمايدۇ،يەنى ئۇلار ئۆيىدە دىن تارقىتىش پۇرسىتىگەمۇ ئىگە ئەمەس.

ئۇنداقتا بۇ بىھۇدە ئەندىشە نەدىن قايناقلاندى؟مەنبەسى نېمە؟

2.بىھۇدە ئەندىشە ،مۇنازىرە قوزغۇغۇچىلار كىملەر1؟؟؟ بىرىنجى ،1.ھازىر بەزى زىيالى كىشىلەردە شۇنداق بىر ساختىلىق بار،يەنى ئۆزنىڭ شەخسى رەقىبىنى مىللەتنىڭ،دىننىڭ دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىپ،مىللەتسۆيەرلەك تونى بىلەن مىللەتنىڭ كۆزىنى توراشقا،ھەقەقەتنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قويۇشقا ئۇرۇنۇش.مەسىلىنى بۇ قەدەر ئېغىر كۆرستىۋاتقىنى دەل مۇشۇنداق كىشىلەردۇر.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسى رەقىپلىرىنى تولۇق ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ،رىقابەتچىلىرىنى خىرىستىيانغا چىقىرىپ ئۇيغۇرلانى شۇ كىشىلەرگە تۈپتىن ئۆچ قىلىپ مەقسىدىگە يەتمەكچى ھەم بىر قىسىملىرى يەتتى.مەن تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ساپاسىز كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم مۇنەۋۋەرلىرىمىزنى خىرىستىيان دەۋاتقىنىنى ئاڭلىغان.سەئۇدىدىكى بىر بۆلۈك دىتسىز ئادەملەرنىڭ تۈركىيەدكى ئۇيغۇرلارنى دىنسىز دەپ تىللايدىكەن دەپمۇ ئاڭلىغان.

2.سۈرىيە،ئىوردانىيە،مىسىر ۋە سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇپ كەلگەن ياكى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرياشلار شۇ رايۇندىكى يەرلىك ئۆلۈمالىرىنىڭ تەسىرىدە خىرىستىيان ۋەھىمىسى ۋە تەشۋىشىنى سىڭدۈرىۋالغان.بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئاز تولا دېموكراتىيە بولغاچقا بۇ ئەللەر پۇقرالىرىنىڭ خىرىستىيان دىنى بىلەن ئۇچرۇشۇش پۇرسىتى كەڭرى شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالىملىرىدا بۇنداق ۋەھىمىنىڭ بولۇشى تەبىئى.ئەمدى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ۋەھىمىنى دۇنيا بىلەن ئاساسەن بىۋاستە سۆھبەت قۇرالمايدىغان ئۇيغۇرغا تېڭىشى ئارتۇقچە،ۋە ھەتتا زىيانلىقتۇر.

3.غەرب ئەللىرىگە ئۇزاق مۇددەت مەھكۇم قالغان،مۇستەملىكە بولغان كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىدە غەربكە قارشى پىكىر ئېقىمى مەۋجۇد.بىر قىسىم مۇسۇلمان زىيالىلىرى سىياسىيۇنلىرىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن دۆلىتىدىكى قالاقلىق،ئىشسىزلىق،نامراتلىق،تىچسىزلىق قاتارلىق پاسسىپ ئامىللارنى بىزگە غەرب قالدۇرۇپ كەتكەن دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ،ئۇلار ھازىرقى بىقوۋۇل ھالىتىمىزگە غەرىب سەۋەبچى دەپ يېزىپ ھۆكۈمرانلىرىدكى ئىقتىدارسىزلىقنى غەربكە يۈكلەۋاتىدۇ،خەلىقنى بىخۇتلاشتۇرىۋاتىدۇ.خەلقنىڭ دىققتىنى ئايىغى چىقماس دىنى مۇنازىرىگە بۇراپ قويۇپ دۆلىتىدىكى كەسكىن مەسىلىلەردەن ئاۋامنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىۋاتىدۇ.بۇنداق بىر قىسىم كىتابلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلاردىمۇ خۇددى غەرب دىن،كىنو،دوللار ۋە ياۋرۇ قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندەك، ئۇيغۇرلار غەرب دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ تەھدىتىدە قالغاندەك كەيپىياتنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.

3.نىمىشكە بۇ ئەندىشىنى بىھۇدە ،بۇنداق مۇنازىرىنى زىيادە دەيمىز؟؟؟ بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە خىرىستىيانلىقتىن ئەندىشە قىلىش پۈتۈنلەي زىيادە.بۇنداق ئەندىشە قىلغۇچىلار بىر بولسا ساددىلارچە خەقنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلار ياكى بولمىسا مەقسەتلىك مىللەتنى چاڭچىلە ئوينىتىۋاتقانلاردۇر.چۈنكى 1.شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى سىياسىتى چەتئەلنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىددىيەۋى پائالىيەتلىرىنى رەت قىلىدۇ،ھەرقانداق يارىدەم ۋە قوللاشلىرىنى سىياسى مىكروسكوپتىن ئۆتكۈزىدۇ.2.ئۇيغۇرلار ئازىر ئىتىقاتتا تەۋرىنىش باسقۇچىدا ئەمەس،ساپاسىز كۆپۈيۈش باسقۇچىدىمۇ ئەمەس،بەلكى ئىلمى كۈچۈيۈش باسقۇچىدا.تۇڭگانلار بېسىپ ئۈلگۈرتەلمەيۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىسلامى كىتابلارنى خەلقىمىز ئوقۇۋاتىدۇ.ھازىر ئۇيغۇرچە دىنى كىتاب باسالىغان نەشرىيات ئەڭ ئاسان بېيىيالايدۇ.كىتابلار ئىچىدە دىنى كىتابلارنىڭ تىراجىغا باشقا ھەرقانداق كىتاب يەتمەيدۇ.3.ئۇيغۇرلارغا شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرى 1892-يىلدىن 1939-يىلغىچە دىن تارقاتقان.ئۇلار ئەينى دەۋردە ئاشكارە مەكتەپ ئېچىپ،دوختۇرخانا قۇرۇپ،باسمىخانا قۇرۇپ مەقسىدىگە يېتەلمىگەن.(بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم تولۇقلۇمالار ئۈچۈن گۈلىستان مۇنبېىرىدىكى ئۇيغۇردا دىنى كىملىك ۋە مىللىي كىملىك دېگەن يازمىغا مەرھەمەت) دانا مۇنازىرىچىلىرىمىز ئويلاپ باقسا ھازىر يۇقارقى شارائىتنىڭ بىرسىمۇ يوق تۇرسا ئۇلار بىزنى خىرىستىيان قىلىۋېتەلەرمۇ؟

مۇسۇلمانلىق ۋە خىرىستىيانلىق مۇنازىرىسى مەنچە ئارتۇقچە چۈنكى بۇ مۇنازىرەنىڭ خەتىرى تۆۋەندىكىچە.

1.مىللەتنىڭ دىققىتىنى ئۆز مەسىلىلىرىدىن دۇنيا مەسىلىلىرىگە بۇرۇۋېتىدۇ.

2.دۇنياغا خاتا نەزەردە قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3.بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنى ئەسەبىيلىك(ئاشقۇنلۇق)،بىرتەرەپلىمىلىك ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ چاكارلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

مەنچە بۇ مۇنازىرىنى مىڭكاۋخەنلىك (خەنزابانلىق)ئومۇملاشقاندا ھايات قالالىغانلار قىلسىمۇ كېچىكمەيدۇ.لېكىن ئۇ كۈنلەردىن مۇنازىرىچى دانالار ئۈمىد كۈتمىگەي.


ئالدىنقى: مۇسىبەتتە مەھمۇد ۋەتىنى

كـىيىنكى: تىل ھەققىدىكى توققۇز خوراپات